显示标签为“qatukux”的博文。显示所有博文
显示标签为“qatukux”的博文。显示所有博文

كانادا كىلەر يېلى 265 مىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كانادا گەرەژدانلىق ۋە كۆچمەنلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جاسون كەننەي ئىلان قىلغان يازما باياناتىدا، تىجارەت مەقسىتىدە سۇنۇلغان ئىلتىماسلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
كەننەي بۇ ئارقىلىق دۆلەت ئىقتىسادى ئۈچۈن دىنامىك كۈچ توپلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.ئۆز كەسپى ساھاسىدە يېتىشكەن، تەجرىبىلىك خادىملارنى تاللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كەننەي، بۇ يىل تۈنجى قېتىم، تۆمۈرچىلىك كارخانىسى ئىشچىلىرى، ئەۋرەز خەندىكى تازىلىق ئىشچىلىرى، ئاشپەز، رىستۇران باشقۇرغۇچىسى، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچىسى قاتارلىق

ھەر ساھەدىن كۆچمەن ئىشچىلارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ئۆكتىچىلەر گورۇپپىسىدىكى يېڭى دىموكرات پارتىسى كۆچمەن قوبۇل قىلىش پىلانىنى تەنقىد قىلىپ، ھازىر دۆلەتتە مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئىشتىن ئايرىلغانلىقىنى ياكى ئىشتىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كاناداغا جۇڭگۇدىن كېلىدىغان كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئەڭ يۇقىرى. كاناداغا جۇگۇدىن قالسىلا نۆۋىتى بويىچە ھىندىستان، پاكىستان ۋە جەنۇبى ئامرىكا دۆلەتلىرىدىن كۆچمەنلەر كۆپ كېلىدۇ.

ئامرېكىغا چىقىپ ئۇقۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز

جۇڭگۇدا، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦبېيجىڭدىن،تىيەنجىندىن، شىنجاڭدىن ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﺕ- ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ 11 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ "ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ، جۇڭگۇدىن ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭖ -ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺰ (جۇڭگۇ كۇنسۇل) ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮬﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ جۇڭگۇدىكىﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﯨﺰﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﻠﻰ ﺷﻪﻧﻨﻮﻥ (Kelly Shannon) ﺧﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ. ﯞﯨﺰﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯘ، 11 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ جۇڭگۇ دىكى ﯞﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﯨﺰﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﭖ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯨﺪﻯ: - ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﯟﺍﺗﯩﻤﯩﺰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، 11 - ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﯞﻩﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯛﭺ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺋﺎﺯ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﺳﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﯨﺰﯨﺴﻰ ﻛﯧﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍﻥ ٪ 2.2 ﺋﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ. ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﯞﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻜﺘﯜﺭﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ 30 ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﯜﭖ ﺟﺎﯞﺍﺑﻰ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﻠﻰ ﺷﻪﻧﻨﻮﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﯞﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﻠﯩﺪﻯ. جۇڭگۇدىن ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ جۇڭگۇدا ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﻰ ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺑﺎﻳﺸﻮﭖ (Donald Bishop) ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ "ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﻪﺭﻣﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔجۇڭگۇدىكى ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﻤﻪﻱ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. >C"cv^%c ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﻯجۇڭگۇدىن ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، جۇڭگۇدىن ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 62 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ٪ 11 ﺋﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﮬﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﻰ ٪ 82 ﺋﻰ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﯞﯨﺰﺍ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ، 2002 - ، 2003 - ﯞﻩ 2004 - ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، جۇڭگۇدﺍ 2002 - ﻳﯩﻠﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ 26 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﺪﺍ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻥ. ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ 50٪ ﻛﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﻡ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﭼﯜﻧﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﯞﯨﺰﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. 2003 - ﻳﯩﻠﻰ، جۇڭگۇدﺍ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﯩﮕﻪﻥ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻳﻪﻧﯩﻼ18 ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﯞﯨﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ 22 ﻣﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯞﯨﺰﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ. ﺗﯜﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﺪﺍ ﯞﯨﺰﺍ ﺋﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ٪ 60 ﻛﻪ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﭙﯩﺘﻰ ٪ 67 ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. . ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ - ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺑﯚﻟﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﺩﻭﻧﺎﻟﺪ ﺑﺎﻳﺸﻮﭖ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ، "ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﯞﯨﺰﺍ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ جۇڭگۇدىنﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻪﭘﺴﻪﺗﻪ. ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻻﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﯨﺰﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺷﺘﻰ" ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ئامېرىكىغا يىقىنقى يىللاردىن بىرى جۇڭگۇلۇق ئۇقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۈنساناپ ئاشقان. مەنبە: ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق جۇڭگۇكۇنسىلى تورى. مىنىڭ ئىنكاسىم ............... ئامرېكىنىڭ مائارىپ سېستىمىسىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئىجاتچانلىق روھىغا باي،ۋە ئۇنىۋىرسال بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ.بۇ سەۋەپتىنمۇ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەشتە دۇنيادا ئالدىنقى ئۇرۇندا تۇرىدۇ .ئامرىكىنىڭ مائارىپ سېستىمىسىنىڭ دائىرىسى كەڭ دىگىنىمىزدە،ئامرېكىدا ئۇنۋان بىرەلەيدىغان 4يىللىق ئالى مەكتەپلەرنىڭ سانى 2300 دىن ئارتۇق.2 يىللىق ئالى تىخنىكۇم مەكتەپلىرىنىڭ سانى بولسا 2000 غا يېقىنلىشىدۇ .بۇنى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا كۆپ ھىسابلىنىدۇ .چۈنكى ئەنگىلىيەدە ئۇنۋان بىرەلەيدىغان ئۇنۋىرستىت ۋەئالى تىخنىكۇملارنىڭ سانى 228 .گىرمانىيەدە 368 .فىرانسىيەدە 545.ياپۇنىيەدە كۆپ ھىسابلانغاندىمۇ 700 دەك ئالى ۋە تىخنىكوم مەكتەپلىرى بار.بۇنىڭدىن سىرت ئامرېكىدا خەلەقاراغا داڭلىق نۇرغۇن ئۇنۋىرستىتلا بولۇپلا قالماستىن ،ئامرېكىدىكى 50 شىتات قۇرغان شىتاتلىق ئۇنۋىرستىتلارنىڭ مائارىپ كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك.بۇ مەكتەپلەردە 500 دەك ھەرخىل كەسىپلەرنى تاللىغىلى بولىدۇ .ئامرېكىنىڭ ئۇنۋىرستىتلىرى شۇنداقلا چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارنى ئەڭ قارشى ئالىدىغان بولۇپ ،چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادى مەسللىرىنى ھەل قىلىشىغا ھەرخىل يوللار بىلەن ياردەم بىرىدۇ. پەخىرلىك دوكتۇرىمىز ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻪﯓ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭘﺘﯩﻚ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ كۆز قاراشلىرىنى كۆرۈڭ . مەن بەك قىسقا ئىلىپ قويدۇم باشقا ماتىرىيال لازىم بولسا پەخرىمىزنىڭ تور بىتىدىن كۆرۈك ! ئامرېكىغا چىقىپ ئۇقۇشنىڭ شەرتلىرى : 1-مەكتەپتە ئەلەدەرىجىدە ئۇقۇغان بولىشى كېرەك . ئامرېكىدىكى ئالى مەكتتەپكە كېرىش ناھايىتى قاتتىق رىقابەت ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئەھۋال.ئامرېكىدىكى ئالى مەكتەپكە ئۇقۇشقا ئىلتىماس قىلغاندا ،(ئامرېكىنىڭ جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق )جۇڭگۇدىكى ئالى مەكتەپ ئۇقۇش تارىخى تەلەپقىلىنىدۇ ،ئەگەر شۇ ئۇقۇش نەتىجىسى ياخشى بولمىسا ئامرېكىدىكى مەكتەپلەرگە كىرگىلى بولمايدۇ . 2-ئىنگىلىز تىلىنى پۇختا ئۆگۈنۈش . 3-ئۇقۇماقچى بولغان كەسەپنى ياخشى تاللاش. 4-مۇھىم شەرت ئۇقۇش چىقىمىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش . ئامرېكىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماسقىلغان ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئۇقۇش پۇلىنى قانداق ھەل قىلىسىز ،دەپ سورايدۇ .بەزەن ئۇقۇغۇچىلار ئۆزى چىقىرىپ ئۇقۇشى مۇمكىن ،بەزەن ئۇقۇغۇچىلار ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىپ ئۇقۇشۇ مۇمكىن .بۇ يەردە ھەر بىركىشىنىڭ كاللىسىدا ئىنىق بولۇشقا تېگىشلىك ئەھۋال ،ئامرېكىغا ئۇقۇشقا كىلىدىغان چەتئەللىك ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىدە پەقەت بىرنەچچە پىرسەنت ئۇقۇغۇچى ئۆز يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ئامرېكىغا كىلىپ ئۇقۇيالايدۇ ،قالغانلىرى بولسا ئامرېكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىپ شۇ پۇل ئارقىلىق ئۇقۇيدۇ .ئامرېكىدا ئۇقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىرىشىش يولى بار ،بۇ يول ئۇچۇق ،شۇڭا دىھقاننىڭ بالىسى بولامدۇ ،ئىشچىنىڭ بالىسى بولامدۇ ھەممىسىگە بۇ يول ئۇچۇق . 5-چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇشقا كىتىدىغان شەرتلەرنى ھازىرلاش. بۇ شەرلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك جاپالىق بىر جەريان،بۇنى ھەر بىر ياش تۇنۇپ يىتىشى كېرەك . نۇرغۇن كىشىلەردە چەتئەلگە چىقىپ ئۇقۇش قىزغىنلىقى بار .ئەمما ئازراق ئىشنى باشلاپلا يەنە توختاپ قالىدۇ،ئالدىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ.شۇڭا چەتئەڭلە ئۇقۇيمەن دىگەن ھەرقانداق ياش ئۆزىدە ئالاھىدە ئىرادە تۇرغۇزىشى كېرەك .
رېـتىم تورىدىن

ئىچكىرىدە پاسپورت بېجىرىش

ئالىي مەكتەپلەر بىلىم بۇلىقىدۇر، بىلىم بۇلىقىدىن سۇ ئىچىشكە مۇيەسسەر بولالىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى بەختلىك كىشىلەردۇر. مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىنى قانداق ئۆتكۈزۈش ئادەمنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا، ھەتتا كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. يېقىنقى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان مەن بەزى ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا قىسمەن مەسىلىلەرنىڭ تېخى ئايدىڭلاشمىغىنىنى بايقىدىم(ئەلۋەتتە بۇ ئومۇمىيلىق ئەمەس). ئىلگىرى بۇ مەسىلىلەرنى مەنمۇ باشتىن كەچۈرگەن. ھازىر مەن بۇ مەسىلىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋالدىم دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بەدىلىگە مەلۈم ۋاقىتتىن قۇربان بەرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. شۇڭا باشقىلارنىڭ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ بەزى تەكلىپلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. ئەلۋەتتە بۇلار ئۆزەمنىڭ قارىشىم. چوقۇم تۇغرا بۇلىشى ناتايىن. كۆپچىلىكنىڭ ئىجابىي يۇسۇندا پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە ھازىرقى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا بەزى نەرسىلەر كەم ياكى تېخى ئايدىڭ ئەمەس. مەن ئۇلارنى نىشان، روھ، قەھرىمان، يېتەكچى ئىدىيە قاتارلىقلارغا يىغىنچاقلىدىم. نىشان دېگىنىمىزدە، بۇنى ئىككى تۈرگە بۆلۈش مۇمكىن. بىرى، ئۇلۇغۋار غايە. يەنە بىرى، نۆۋەتتىكى كونكرېت نىشان، مۇددىئادۇر. ئادەمدە بۇ نەرسىلەر بولمىسا سەركىسىز پادىدەك كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلار تازا ئۈنۈملۈك، تولۇق بولمايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەش ياكى ئۆزىگە زادى نېمە لازىملىقىنى بىلىشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن، مەن كونكرېت نىشان ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتەي. مەن بۇنىمۇ ئىككىگە ئايرىدىم. يەنى، شىنجاڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغانلار ئۈچۈن ۋە ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار ئۈچۈن. بۇنداق بۆلۈشۈمدە باشقا مەقسىتىم يوق، مەن ئۆزۈممۇ شىنجاڭدا ئوقۇغان. كۆپچىلىكنىڭ باشقىچە ئويلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدا ئوقۇغانلار ئۈچۈن دىپلوم، ئۇنۋان ۋە HSK8 كېنىشكىسى ئېلىش دېگەنلەر ئەڭ ئەقەللىي نىشان بۇلىشى كېرەك. بۇلار بەلكىم بەزىلەر ئۈچۈن بەكلا ئاددى تۇيۇلۇشى مۇمكىن، بۇنداق ھېس قىلغان بولسىڭىز CET4 كىنىشكىسىنى ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرىسىنى قوشۇۋالسىڭىز بولىدۇ. ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار ئۈچۈن دىپلوم، ئۇنۋان، HSK11 كىنىشكىسى ۋە CET4 كىنىشكىسى ئېلىش دېگەنلەر ئوخشاشلا ئەڭ تۆۋەن نىشان بولۇشى كېرەك. بۇنىڭغا يەنە خەنزۇتىلى ئۆلچەملىك تەلەپپۇز ئىمتىھانى(普通话考试) كىنىشكىسى، IELTS ، CET6 ۋە TOEFL نىڭ بىرىنى، شۇنداقلا پاسپورت دېگەنلەرنى قوشسىڭىز ئەڭ ياخشى. پاسپورت توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي. ھازىر مىنىڭ تونۇشلۇرۇمنىڭ ئىچىدە چەتئەلگە چىقىش ئارزۇسى بار ئەمما پاسپورت بېشىنى قاتۇرۇۋاتقانلار بار. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى ئىچكىرىدە ئوقۇغانلار بولۇپ، ئىچكىرىدە ئويۇننىڭ ئورنىدا بېجىرىدىغان نەرسىنىڭ شىنجاڭدا تەسلىكىدىن قاقشىماقتا. ئۈرۈمچىدە پاسپورت بېجىرىش توغرۇلۇق بۇرۇن بىر تېما يوللىغانىدىم. تۆۋەندىكى ئۇلانما: http://bilik.cn/?pagetype-bbsthread-and-tid-13654.html ئىچكىرىدە پاسپورت بېجىرىش شىنجاڭدا بېجىرگەنگە قارىغاندا كوپ ئاسان. شەرتلىرى، نوپۇسىڭىزنى ئۆزىڭىز ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە يۆتكەپ كەلگەن بولىشىڭىز، ئاندىن كىملىكىڭىزمۇ شۇ جاينىڭ بۇلىشى كېرەك. ئاندىن مەكتەپ ساقچىخانىسىغا كىرىپلا پاسپورت بېجىرىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتسىڭىز جەدۋەلدىن بىرنى بېرىدۇ، شۇنى تولدۇرسىڭىزلا ئىش پۈتتى دېگەن گەپ. نورمال ئەھۋالدا بىر ھەپتىدە پاسپورت قولىڭىزغا چىقىدۇ. چەتئەلدىن چاقىرىق ئەكەلدۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. دەل مۇشۇنداق ئاسان بولغىنى ئۈچۈن بۇنىمۇ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ بىر نىشانى سۈپىتىدە قوشۇپ قويدۇم. سىز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدا بەلكىم چەتئەلدە ئوقۇش خىيالىڭىز يوق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئىككى يىلدىن كىيىن بىر نېمە دېمەك تەس. شۇڭا بىكار يۈرگەندىن بېجىرىپ قويۇڭ، ئارانلا 220 يۈەن. شىنجاڭدىمۇ بېجىرگىلى بولىدۇ، پەقەت سىزدە پاسپورت بېجىرىشكە ھەقىقىي نىيەت بولسىلا. سىز مۇشۇ كونكرېت نىشانلارغا يېتىش يولىدا تىرىشسىڭىز بەلكىم ئۆز غايىڭىزنى تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەن ئەڭ ئەقەللىي تەلەپلەر سىزنىڭ خىزمەت تېپىشىڭىزدىكى ئەمەس، خىزمەت تېپىش ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىڭىزدىكى زۆرۈر شەرتلەردۇر. ئىمتىھاندىن قانداق نەتىجە ئېلىشىڭىز ئۇ تېخى ئايرىم گەپ. ئۇندىن باشقا يەنە ئالىي مەكتەپ ھاياتىڭىزدا كۆپرەك كىتاب ئوقۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ كىتابلار سىز قىزىقىدىغان ھەرقايسى ساھەلەردىن بولسۇن، مەسىلەن، پەلسەپە، تارىخ، باشقۇرۇش ئىلمى قاتارلىقلار ھەمدە قايسى تىلدا بولسا بولىۋېرىدۇ. مۇشۇ كونكرېت نىشانلارنى ستودېنت دوستلارغا ئەسكەرتىپ قويۇش مىنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشتىكى ئاساسى مۇددىئايىمدۇر، چۈنكى ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭدا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن خەنزۇتىلى سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېرەكلىكىنى پەقەت ئۇقمايدىغانلارمۇ باركەن. كېيىنكىسى روھ، يەنى ئىزچىللىق روھى. دەرسلەردە ئەلاچى بولۇپ ئوقۇسا ئەلۋەتتە ياخشى، ئەمما بىر سىنىپتا ئەلاچىلار ئۇنچە كۆپ بولمايدۇ. مەن ئەلاچى ئوقۇغۇچىغا قارىغاندا ئۆزىنى تاشلىۋەتمەيدىغان، ئەلاچى بولالمىسىمۇ بوشاشماي تىرىشىدىغان روھنىڭ بولۇشىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك جان بېقىش تەس بولۇپ كەتكەن ۋەزىيەتتە مەيلى سىز ئوقۇغۇچى بولۇڭ ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇڭ، جەمئىيەتنىڭ سىزگە بېرەلەيدىغىنى ئۆزىڭىزنىڭ بىر كىشىلىك ئورنىڭىز ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنمىسىڭىز بولمايدىغان جاپا يولىدۇر. مانا مۇشۇنداق ئىزدىنىش روھىنى ئۆزىڭىزگە ھەمرا قىلىۋالسىڭىز، جەمئىيەتتىن ئۆزىڭىزگە بىر كىشىلىك ئورۇن يۇلۇپ ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆز غايىڭىزنى تاپالايسىز. بۇ خىل روھنىڭ يېتىلىشىمۇ كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، سىز ياشاۋاتقان مۇھىت، ئائىلە تەربىيىسى، مەكتەپ تەربىيىسى ۋەھاكازالار. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئائىلە تەربىيىسىنى بەك مۇھىم دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلاردا ھازىردىن باشلاپ مۇشۇنداق بىر روھنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئامال بار ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئاساسىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىلسا ئەڭ ياخشى. ئەلۋەتتە يېقىن كەلگۈسىدە ئاتا - ئانا بولىدىغان سىز ۋە مەنمۇ بۇ مەسىلىلەرنى ھازىردىن باشلاپ ئويلاپ قويساق زىيىنى يوق. ئۈچىنچىسى قەھرىمان. بۇ ھەرگىزمۇ جەڭ قىلىدىغان ئۇرۇش قەھرىمانى ئەمەس، بەلكى بىزگە ئۆگىنىشتە ئۈلگە بولالايدىغان ئادەملەرنى كۆزدە تۇتتۇم. ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ بۇنداق قەھرىمانلارنى ئۇچۇرتۇش پۇرسىتى شىنجاڭدىكىلەرگە قارىغاندا كوپ. يەنى، سىز ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ۋاقىتتا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ئانا مەكتىپىڭىزگە ياكى باشقا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھانسىز ماگىستىر ئوقۇشقا كۆرسەتكەندە ئۇ يەرلەردە ئوقۇشنى خالىماي، TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئېلىپ ۋاشىنگىتونغا، لوندونغا ۋە ياكى باشقا دۆلەتلەرگە ماگىستىر ئوقۇغىلى ماڭغىنىنى كۆرەلىشىڭىز، ھەتتا سىز ئەمدى ئوقۇشقا بارغان ۋاقىتتىلا ئاشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇرالىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. ئەمما شىنجاڭدا بۇنداق ئىشلار ئاساسەن يوق، بۇ يەردىكى مەن ياكى باشقىلار بىۋاستە ئۇچۇرۇشالايدىغان يوغانراق قەھرىمانلىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئىمتىھانسىز ۋە ئىمتىھانلىق قۇبۇل قىلىنغانلىقتىن ئىبارەت. ئەمما بۇ سان بەكلا ئاز. شۇڭا مەن مۇشۇنداق قەھرىمانلارنىڭ كۆپرەك مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە سىزنىڭ ئىچكىرىدىكى ساۋاقداشلىرىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن(ئەلۋەتتە ياخشى ئوقۇغانلىرى بىلەن). ئاخىرقىسى يېتەكچى ئىدىيە. بۇ خىل ئىدىيىنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ تازا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بۇ نەرسىنى مەنمۇ خېلىدىن بېرى ئىزدەۋاتىمەن، ھازىرچە تاپالمىدىم. بەلكىم ئۇيغۇر پەلسەپىسىدۇر ۋە ياكى باشقا نەرسە. بۇ ھەرگىزمۇ گۇناھنى پەلسەپىگە دۆڭگەپ قويغىنىم ئەمەس. مىنىڭ نەزىرىمدە نۇرغۇن ئىشلار بەكلا ئاددى، ئەمما نۇرغۇن ئادەم شۇ ئاددى نەرسىنى چۈشۈنۈپ بولالماي، ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقماي يۈرگەندەكلا ھېس قىلىمەن. شۇڭا ئاددى، چۈشىنىشلىك، ئاممىباپ بىر نەزەرىيە ياكى بىر ئىدىيىنىڭ كۆپچىلىكنى يېتەكلىشىنى بەكلا ئۈمىد قىلىمەن. مېنىڭچە بولغاندا مىللەتكە تۆھپە قوشۇش ئۇنچە بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس. ھەممەيلەن ئۆزىمىز قىلالايدىغان ئىشلارنى ياكى ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزنى ياخشى ئادا قىلساقلا بولدى. مەسىلەن، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يۇقىرىدا مەن دېگەن ئەقەللىي تەلەپلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشىش بىلەن بىرگە ئىقتىسادچىل بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللەتسە، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ھۆكۈمەت ئورنى بولمىسىمۇ، شىركەتلەردە ئىشلەپ ياكى دېھقانچىلىق قىلىپ، ئىشقىلىپ ئۆيگە ئېغىرچىلىقىنى سالماي، ئىقتىسادى جەھەتتە يەنە ئائىلىگە تايىنىۋالىدىغان ئىشنى تۈگەتسە، ئوقۇتقۇچىلار دەرسنى ياخشى ئۆتۈش بىلەن بىرگە بالىلارنى ئىدىيە جەھەتتىن تۇغرا يولغا يېتەكلەشكە تىرىشسا بۇنى مەن مىللەتكە، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشقانلىق ياكى تۆھپە قوشۇشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقانلىق دەپ قارايمەن. ئاخىرىدا كۆپچىلىكتىن كۈتىدىغان يەنە بىر ئارزۇيۇم ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەرقانداق توردىكى ھەرقانداق يازمىغا ئىنكاس يازغاندا ھېسسىيات بۇيىچە ئەمەس، ئەقىل بۇيىچە تېمىنىڭ يېزىلىشتىكى مۇددىئاسىنى چۈشۈنۈپ بۇلۇپ ئىنكاس يېزىشىنى، ھەرگىزمۇ يازمىدىكى مەلۇم جۈملىلەرگە ياكى باشقىلارنىڭ ئىنكاسىغا قاراپلا تېمىنى تاشلاپ قويۇپ ئىنكاس يازغان تورداشلارغا ھۇجۇم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. مىنىڭ بۇلارنى دېيىشىم ھەرگىزمۇ مىنىڭ بۇ يازمامغا قارشى مۇقام توۋلىساڭ بولمايدۇ دېگەنلىكىم ياكى مەن بۇرۇن يازغان تېمىغا بىرەرسى «ھۇجۇم» قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى ئۇنداق ئەھۋال بولمىغان. بەلكى مىنىڭ قارىشىمدا بەزىدە تورداشلار ئىنكاس يازغاندا ھىسسىياتقا بېرىلىپ كېتىپ تېمىنىڭ يېزىلىش مۇددىئاسىغا ياكى بىزنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىمىزگە، جەمئىيەت تەرتىپىگە ماس كەلمەيدىغان خاھىشلار باردەك ھېس قىلىمەن. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ھەرگىزمۇ بىزنىڭ كۇلۇبىمىزدىكى مەلۇم تېمىنى ئەمەس، بارلىق ئۇيغۇرچە تورلارنى كۆزدە تۇتتۇم. تورداشلار باشتىن كەچۈرگەن، ئۆزلىرى باشقىلارغا پايدىسى تېگىدۇ دەپ قارىغان نەرسىلەرنى تورغا يوللاپ تۇرۇشىنى، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەمدە بولۇشىنى بولۇپمۇ ئاشۇنداق تىرىشچان ئادەملەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىشنى ئۆزىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى قىلىۋېلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش تاكتىكىلىرى

ھازىر بىر قىسىم دوستىلىرىمىزنىڭ فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىدىغان مەزگىلى، شۇڭا تورداشلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دەپ بۇ يازمىنى يوللىدىم.

مەن ئۆزۈم مەلۇم چەكلىمىلەر تۈپەيلىدىن فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلمىغان، لېكىن ئەتراپىمدىكى مەن يېقىن ئۆتىدىغان بىر نەچچەيلەن بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. مەن بۇ جەرياندا بىر قىسىم دوستلىرىمغا ئىلتىماس جەدىۋىلىنى قانداق توشقۇزۇش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرگەن. بىر نەچچە دوستۇمنىڭ ئىلتىماس جەدىۋىلىدىكى بىر قىسىم خەنزۇچە مەزمۇنلارنى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ بەرگەن. قىسقىسى مەن بۇلارنىڭ تەلەپلىرى، ئىلتىماس جەدىۋىلى بىلەن بىر قەدەر تونۇش.
ھازىرغا كەلگىچە بۇ ئوقۇش فوندىغا ئېرىشكەن بىرەرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ ئىلتىماس جەريانىدا ئۆزىنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىدى. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ جەرياندا ھىس قىلغانلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
1. فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا قانداق ئادەملەر ئىلتىماس قىلسا تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ؟
فورد ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئاساسىي قاتلامدىكى، يەنى چەت-ياقا رايۇنلاردىكى ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى ئاز بولغانلارغا بېرىلىدۇ. يەنى بىيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق بىر قانچە چوڭ شەھەردە ئولتۇرۇشلۇق بولمىغان ياكى مۇشۇ رايۇنلاردا خىزمەتتە بولمىغانلارغا بېرىلىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ناۋادا سىز چەت-ياقا رايونلاردا، يېزىلاردا خىزمەت قىلىۋاتقان بولسىڭىز، سىزنىڭ بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقانلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا سىز ئاز سانلىق مىللەت بولسىڭىز، خەنزۇلارغا قارىغاندا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. مېيىپ بولسىڭىز، بەش ئەزاسى ساق ئادەملەرگە قارىغاندا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. ناۋادا قىز بالا بولسىڭىز، ئوغۇللارغا قارىغاندا ئېرىشىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ھازىر ھەر يىلى ئىلتىماس قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىچىدە قىزلار ئاز بولغاچقا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ئاز بولغاچقا، فورد ئوقۇش مۇكاپاتى ئىشخانىسىدىكىلەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كۆپرەك ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا باشقۇرۇش، تەشكىللەش ئىقتىدارى بارلارنىڭ تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى چۈشەنگەن، يىزا- قىشلاقلىرىمىزغا تەكشۈرۈشكە بېرىپ باققانلار، پىدائىي بولۇپ ئىشلەپ باققانلارنىڭ تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ. پائالىيەتچان، ئوقۇش مەزگىلىدە ھەر خىل ئويۇشمىلارغا ئەزا بولغان، ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلارنىڭ تەستىقلىنىشى ئاسان بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، چوقۇم باكلاۋۇرلۇقتىن يۇقىرى ئۇنۋانىڭىز بولۇشى، كەم دىگەندە ئۈچ يىل خىزمەت قىلغان بولۇشىڭىز كېرەك دېگەندەك تەلەپلىرى بار. بۇ مەزمۇنلار خەنزۇچە تور بەتتە بولغانلىقتىن مەن ئارتۇق سۆزلىمەي، فورد ئوقۇش مۇكاپات فوندىنىڭ قانداق مۇكاپات ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى فورد فوندىنىڭ خەنزۇچە بېتىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
http://www.china-ifp.org/
2. فورد قانداق كەسىپلەرنى بەكرەك قوللايدۇ؟
فورد ئوقۇش مۇكاپات فوندىنىڭ قوللايدىغان كەسىپلىرى ئاساسەن ھەممە ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن ئىلتىماس قىلغاندا ئۆز كەسپىڭىز دائىرسىدىكى قوللىنىلىشچان، جەمىئىيەتكە بىۋاستە نەپ بېرەلەيدىغان يۆنىلىشنى تاللىسىڭىز تەستىقلىنىش نىسبىتىڭىز يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، سىز تىببى ساھەدە ئوقۇغان بولسىڭىز،شىنجاڭدا يامراپ كىتىۋاتقان ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاش،بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شىنىجاڭدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى داۋالاش، ئۇيغۇر تىبابىتى دېگەندەك كەسىپلەرنى تاللىسىڭىز، ناۋادا قىز بالا بولسىڭىز ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە ئائىت كەسىپنى تاللىسىڭىز، سىياسىدا ئوقۇغان بولسىڭىز كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسانلار باراۋەرلىكى تېمىسىدىكى كەسىپلەرنى تاللىسىڭىز، ئىقتىساد ئوقۇغان بولسىڭىز، شىنىجاڭ دىھقانلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزىلاردىكى ئېشىنىچا ئەمگەك كۈچىدىن پايدىلىنىش، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم رايۇننىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دېگەندەك تېمىلارنى تاللىسىڭىز، ئەدەبىيات ئوقۇغان بولسىڭىز 12 مۇقام تەتقىقاتى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەت مىرسلىرىنى ساقلاپ قېلىش دېگەندەك ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە پايدىلىق، جىددىي بولغان، قوللىنىلىشچان تېمىلارنى تاللىسىڭىز تەستىقلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
3. ئىلتىماس جەدىۋىلىنى توشقۇزغاندا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

ئەڭ مۇھىم ئىش يالغان سۆزلىمەڭ. ناۋادا يالغان مەزمۇننى توشقۇزسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى قاملاشمايلا قالماستىن، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ يولىنىمۇ ئېتىپ قۇيىسىز، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ بىر قىسىم ئۇيغۇرلار باللاردىن خاپا بولغان يەرلىرى باركەن. ناۋادا چەتئەلگە چىقىپ قايتىپ كەلمەسلىك پىلانىڭىز بولسا، بۇنڭغا ئىلتىماس قىلماڭ! (بىز سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالايلى!) جەدىۋەل توشقۇزغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە نېمە ئىشلارنى قلىپ بەرگىنىڭىزنى كۆپرەك تىلغا ئېلىڭ، كىچىك ئىشلار بولسىمۇ مەيلى. مەسىلەن، مەھەللىدە ئۆستەڭ چاپقاندا ئىككى كۈن بىكارغا ئىشلەپ بەرگەن، باققۇچىسى يوق قوشنىڭىزنىڭ ئۇتۇنىنى يېرىپ، سۈيىنى تۇشۇپ بەرگەن، ئوقۇشسىز قالغان باللارغا ئىئانە يىققاندا 10 كوي پۇل بەرگەن، ھەر قېتىم يۇرتىمىزدا يەر تەۋرىگەندە، كەلكۈن ئاپىتى بولغاندا بىرىنچى بولۇپ ساۋاقداشلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ئىئانە توپلىغان، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ھەقسىز قان تەقدىم قىلغان دېگەندەك جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنلارنى يېزىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ناۋادا سىز بىرەر يىل بورۇن بۇ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، بۈگۈندىن باشلاپ ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلىڭ. ئېنگىلىز تىلىدىن ھەقسىز كۇرس ئېچىڭ، يىتىملار مەكتىپىگە بېرىپ ھەقسىز دەرس ئۆتۈڭ. كەمبەغەللەرنىڭ باللىرىنىڭ دەرس تەكرار قىلىشىغا ياردەم بېرىڭ. ئۇلارغا دەپتەر-قەلەم، كىتاب ئېلىپ بىرىڭ. قولىڭىزدىن كېلىدىغان ياخشىلىق بولسىلا قىلىۋىرىڭ. ياخشىلىق ھامان يەردە قالمايدۇ. فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمەي قالسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ قىلغان ئىشىدىن مەمنۇن بولۇپ قالىسىز.

ئۇلار يەنە بىرسى سىزنىڭ ياشاۋاتقان جەمئىيىتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىڭىزنىڭ بار يوقلۇقىغا قارايدۇ. بۇ دېگەنلىك سىز ئوقۇش بىلەنلا بولماي ئانچە-مۇنچە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يازىدىغان بولسىڭىز، بۇنىمۇ تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. ئادەم كۆپرەك سورۇندا نوتۇق سۆزلىگەن تارىخىڭىز بولسا بۇ تېخىمۇ ياخشى. ناۋادا ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئوقۇغۇچىلارغا ھەمىشە نەسىھەت قىلىپ ئۇلارنى ياخشى يولغا يىتەكلەيدىغانلىقىڭىزنى يېزىڭ.

يەنە بىر مەزمۇن ئۇلار سىزنىڭ باشقۇرۇش، تەشكىللەش ئىقتىدارىڭىزغا قارايدۇ. سىز ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە ياكى ئىشلەۋاتقان مەزگىللەردە ھوقۇق تۇتقان بولسىڭىز، چوقۇم يېزىڭ. چۈنكى ھوقۇق تۇتقانلارنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارى بار دەپ قارىلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تېخىمۇ ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. باشقىلارنى بىرەر ئىشقا تەشكىللىگەن بولسىڭىز بۇنىمۇ يېزىڭ. بۇمۇ ئىنتايىن موھىم مەزمۇننىڭ بىرسى. ئوقۇغان مەزگىلدە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشقان بولسىڭىز بۇنىمۇ چوقۇم تىلغا ئېلىڭ.

يەنە بىرسى كەلگۈسى پېلاننى توشقۇزىدىغان بىر جەدىۋىلى بار. كەلگۈسى پىلان توشقۇزغاندىمۇ جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش پىلانىڭىزنى تەكىتلەڭ. "مەن قايتىپ كېلىپ مانداق-مانداق نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىمەن" دەپ يازماي، "مەن قايتىپ كېلىپ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى تەشكىللەپ مانداق تەتقىقاتلارنى قىلىمەن" دەپ يېزىڭ. "قايتىپ كېلىپ يېزىلارغا بېرىپ دىھقانلارنى ھەقسىز داۋالايمەن " دەپ يازماي، "قايتىپ كېلىپ دىھقانلارنى داۋالايدىغان ئۆمەك تەشكىللەشكە تىرىشىمەن" دەپ يېزىڭ.

قىسقىسى، ئىلتىماستا ئۆزىڭىزنى مەركەز قىلىۋالماي، ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان رايون، ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي توپنى مەركەز قىلىپ تورۇپ يېزىڭ. نورغۇن باللار جەدىۋەل بەك كۆپكەن نېمە يېزىشنى بىلمىدۇق دېيشىدۇ. ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ قىلغان ھەر بىر كىچىك ئىشىڭىزدىن ئۇلار سىزنىڭ پەزىلىتىڭىزنى كۆرمەكچى. ئۇلارغا چوڭ تەتقىقاتچى، ئالىم كېرەك ئەمەس. پەقەت ياشاۋاتقان جەمئىيىتىگە، مىللىتىگە، ئائىلىسىگە مەسئۇلىيەتچان ئادەم كېرەك. شۇڭا مۇشۇ كىچىك ئىشلارنىمۇ يازامدىم دېمەي، ياخشى ئىشلا بولسا يېزىۋىرىڭ.

4. تونۇشتۇرۇش خېتىنى كىملەرگە يازغۇزسام بولار؟

فوردنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتى بىر قەدەر تەپسىلي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈچ پارچە يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىشقا ئادەتلەنمىگەن، كۆپىنچىسىگە تونۇشتۇرۇش خېتى يېزىپ بېرىش خوش ياقمايدۇ ياكى بولمىسا "ئۆزۈڭ يېزىپ كەل، مەن قول قويۇپ بېرەي" دەيدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ. فوردتىكىلەر بۇنى پەقەت ياقتۇرمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەلىپىدە بۇنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم پىروفىسسور يېزىپ بېرىدۇ دەيدىغان تەلەپ يوق، شۇڭا بىر پارچىنى مەيلى سىزگە نېمە دەرس بەرگەن ئوقۇتقۇچى بولسۇن، دەرىجىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن، سىزنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان ئىنتىلىشىڭىز، تىرىشچانلىقىڭىز توغرىسىدا يازدۇرۇڭ. بىرنى سىزنى ياخشى بىلىدىغان باشلىق دېگەندەك بىرسىگە يازدۇرۇڭ. ناۋادا باشلىق يېزىپ بېرىشنى خالىمىسا خىزمەتداش بولسىمۇ بولىۋىرىدۇ. سىزنىڭ تەشكىلى - ئىنتىزامىڭىز توغرىلىق يېزىپ بەرسىلا بولدى. يەنە بىرسىنى ئەل-ئاغىنىڭىز بولامدۇ، ئىشىقىلىپ سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز، جەمئىيەتتە قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىڭىز توغرىسىدا يېزىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. چەتئەلدىكى ئالىي مەكتەپكە تونۇشتۇرۇش خېتىنى يازغاندەك چوقۇم پىروفىسسور يازىسۇن دەيدىغان ئىش يوق.

5. ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسى زادى قانچىلك بولسا يېتەرلىك بولىدۇ؟

ئادەتتە ئۇلار ئېنگىلىز تىلى سەۋىيەسىگە تەلەپ قويمايدۇ. لېكىن ئىلتىماس تەستىقلىنىپ بىر يىل ئىچىدە چەتئەلدىكى مەلۇم مەكتەپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىڭىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلارمۇ سىزنىڭ بارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىڭىزنى تەييارلاشقا ياردەملىشىدۇ. مەكتەپلەرمۇ ئادەتتە فورد ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، جاپاسى يوق باللارنى قوبۇل قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن چوقۇم بىر يىل ئىچىدە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈش تەلەپ قىلىنىدىغان بولغاچقا، ئادەتتە ئالىي مەكتەپ 4-دەرىجىدىن تۆۋەن سەۋىيەدىكى باللىلارنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.

6. تور بەتتە تىلغا ئېلىنغان ۋە تىلغا ئېلىنمىغان مەزمۇنلار.

ئۇلار ئادەتتە ھەر يىلى 7-8-ئايلاردا دەسلەپكى ئىلتىماسنى باشلايدۇ. دەسلەپكى ئىلتىماس ناھايىتى ئاددى. بىر نەچچە مەزمۇننىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئادەتتە بۇنداق ئىلتىماستىن ھەر يىلى 5000 ئەتراپىدا تاپشۇرىۋالىدىكەن. نۇرغۇنلىرىنىڭ خىزمەت قىلغان يىلى، ئۇنۋانى ، نوپۇسى تورۇشلۇق ئورنى دېگەندەكلەر تەلەپكە ئۇيغۇن بولماي بۇلاردىن 1500 ئەتراپىدا قالىدىكەن. 10-ئايدىن باشلاپ رەسمىي ئىلتىماس جەدىۋىلى تارقىتىدۇ، ھەتتا 2-ئايلاردا رەسمىي ئىلتىماسنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلارمۇ بار. ئادەتتە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرى ياكى ئاخىرلىدىن بورۇن ئىلتىماس جەدىۋىلىنى تاپشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 4-ئاينىڭ ئاخىرى 5-ئاينىڭ باشلىرىدا يۈز-تورانە ئىمتىھانغا چاقىرتىدۇ. ئادەتتە 40 ئادەم تەستىقلايدىغان بولسا 120 ئادەمنى چاقىرتىدۇ. يۈز-تۇرانە ئىمتىھان بورۇن كۈنمىڭغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتىكەن، ئالدىنقى ئىككى يىلغۇ دەيمەن چۇڭچىڭغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. بۇلارنىڭ بېرىپ-كېلىش كىراسىنى، تاماق-ياتاق ھەممە چىقىمىنى فورد فوندى كۆتۈرىدۇ. يۈز-تۇرانە ئىمتىھاندا ئىلتىماس جەدىۋىلىدە دېيىلگەن مەزمۇنلار سورىلىدىكەن. ئادەتتە كۆپىنچە سىزنىڭ كېيىنكى پىلانىڭىز كۆپرەك سورىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىر تىل ئىمتىھانى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. تىل ئىمتىھانىغا كۆپىنچە دۆلەت سىرتىدا ئېلىنغان توفۇ ئىمتىھانىنىڭ سوئالىنى ئەكىلىپلا ئالىدىكەن. 8-ئايلاردا رەسمىي تەستىقلانغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدە قانداق يەرگە بېرىپ تىل ئۆگەنسىڭىز 3 ئايلىق تىل ئۆگۈنۈش مەزگىلىدىكى بارلىق چىقىمىڭىزنى بىرىدىكەن. چەتئەلگە ئىلتىماس قىلغان بارلىق ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى فورد فوندى تەييارلىشىپ بېرىدىكەن، سىزگە مەكتەپ ئالاقىلىشىپ بېرىدىكەن. ۋاقتى كەلگەندە سىزگە چەتئەلگە ماڭىدىغان ئايروپىلان بېلىتىدىن تارتىپ ئېلىپ بېرىدىكەن. ئوقۇشقا ئۆتسىڭىزلا بىر قولپيۇتىر (قول كومپىيۇتىر، لەپتوپ) ئېلىپ بىرىدىكەن. ئوقۇش مەزگىلىدە شۇ يەرنىڭ ئوتتۇراھال سەۋىيەسىدە ياشىغۇدەك خىراجەت بىرىدىكەن. قانداق قىيىنچىلىق بولسا ھەل قىلىپ بىرىدىكەن. ئىشقىلىپ، بەش يۇلتۇز دەرىجىلىك مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولىدىكەنسىز. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن فورد شىركىتى سىزدىن باشقا بىر نەرسە تەلەپ قىلمايدىكەن. پەقەت ياخشى ئوقۇپ ئۆز يۇرتىڭىزنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشسىڭىزلا بولىدىكەن.

ئىنكاس بولسا بۇ يەردىن سوراڭ !

http://www.bilik.cn/?dp-bbsthread-20047.html

مەرىپەت بلوگدىن ئېلىندى