ھەركەت قىلغان ئادەم پۇتلىشىپ يىقىپ كېتىش دىگەندىن خالىي بولالمايدۇ ،دۇنيادا ئىشلىرى مەڭگۈ ئوڭغا تارتىپ ماڭىدىغان كىم بار دەيسەن !
ئارزۇ مەڭگۈ قانات قاقسۇن !
لېكىن بەزى كىشىلەر يۇقۇرقى ئەقلىيەدىن ھاياجانلىنىشنى بىلمەيدۇ ،ئۇلار دەل ئارزۇ ئارمىنى بولمىغان كىشىلەردۇر .ئۇلار گويا "دېرىزە سىرتىدىكى دۇنيا "ناملىق روماندىكى "ئارزۇ ئارمانمىش ! ئارزۇ ئارماننىڭ كەينىدە ئۇسساپ چاڭقىغاننىڭ نېمە ئەھمىيتى ؟ قۇلۇڭنى مىڭ سوزساڭمۇ يەتمەيدىغان ئۇنداق خىياللارغا كىم ئىشەنسۇن ؟" دەپ قارايدىغان ئېلىسقا ئوخشايدۇ .
يۈرىگىمدىكىنى دېسەم ، "ئىشقى يوق ئېشەك ،دەردى يوق كېسەك ،دېگەندەك دىلىدا ئارزۇ ئارمىنى يوق ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئىچىم ئاغرىيدۇ .چۈنكى ئۇلاردا ئۈمۈد بولمىغان ئىكەن ،كېلەچەكمۇ بولمايدۇ ،دېگەن گەپ . ئۇنداقتا كىشىلەردە قىممەتلىك ھېس تۇيغۇ ۋە ئۈمۈد ئاللىقاچان ئۆلگەن بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ دىلى رۇشەنلىكىنى يۇقۇتۇپ بارا بارا قاتماللىشىپ ۋە خامۇشلىشىپ كەتكەن .بۇلىدۇ .
مارتىن لۇتېر كىنىگ " ئاھ ،مېنىڭ ئارمانىم (ئارزۇيۇم) ! "دەپ نەرە تارتقان ئېرىقچىلارنىڭ كۈچى يەنىلا ناھايىتى زور ئىدى .لېكىن مارتىن لوتىر باشچىلىقىدى نېگىرلارنىڭ قەلبىدە بىخلانغان بۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇ –ئارمان ئىرىقچىلارنىڭ كۈچىدىن ئاخىرى غالىپ كەلدى . ئاخىرى قانداق بولدى دەمسەم ؟! 2009-يىلى ئوباما ئامرىكا فىدىراتسىيسىنىڭ زۇڭتۇڭى بولدى !
ئېسىڭدە بولسۇن : ھەتتا پاجىئە خارابە ئىچىدە تۇرساڭمۇ ،ئارزۇ –ئارمانلىرىڭنى ھەرگىز سۇندۇرما !!
ئارزۇ ئارمانلىرىڭ قابەھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قالمىسىلا ،ئۇسېنى نۇسرەت مەنزىلىگە يېتەكلەيدۇ .شۇڭا دىلىڭدا بىخلانغان ئارزۇلىرىڭنى ئۇدۇللۇق خاتىرلەپ مېڭىپ ئارمانىڭنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى قىممىتى ھەققىدە .ئويلان !!!!!
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ؟
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﯘﺑﺎﮪ ﯞﻩ ﮬﺎﻻﻝ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻳﻮﻕ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯞﻩﺗﺴﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﯩﻤﺴﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯓ، ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ، ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﻰ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ، ﻗﻪﻟﺐ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﺎﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻨﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﻻﻗﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺭﺍﻡ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﮔﯜﺭﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﺶ،ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺵ، ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺵ ﯞﻩ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﮬﺎﺭﺍﻡ.
ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ
ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ "ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﻛﻪﻟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ- ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺌﯩﺘﯩﺪﯗ..." ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺭﺍﻡ"... " ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﺎﺳﯩﻘﻠﯩﻖ"... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻘﻰ~~~~ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ:ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﺎﺋﯩﻔﻪ: ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ،ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻨﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﯩﻔﻪ: ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯨﮭﻨﯩﮕﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﻼ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﺭﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻼ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﺌﻰ~~ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ " ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﺵ، ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﭼﯚﻛﯜﺵ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻧﯧﻤﻪ ؟
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ؛ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ :" ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ" ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺯﻩﺭﺭﻩ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ " ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ" ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ: { ﺋﺎﻟﻠﮫ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ}
ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 54- ﺋﺎﻳﻪﺕ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺑﺌﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ... ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻳﯜﺯﻧﻰ ﺧﻮﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﺘﯩﺪﯗ.ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺭﯗﺱ ﻣﺎﯕﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﻰ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪﯗ... ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻦ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﯨﺴﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﺘﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،ﺭﺍﮬﯩﺘﻰ ﯞﻩﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ.ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ...
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ، ﺋﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﭘﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻗﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﺌﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ،ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﺪﺍ، ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﭼﯩﻦ - ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯘﺭ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻰ " ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺸﺘﯘﺭ".ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ: ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﺩﯦﮕﯩﻢ
ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ.ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﻤﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯚﺭﻧﻪﺗﺘﻰ، ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺑﻪﺧﺖ- ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ، ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﮬﻪ!... ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﺷﯘﺷﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﭖ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺰ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ...ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ
ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﯩﻤﯘ؟ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﻩﻣﺪﯗ؟
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯘﻟﯟﯗﺭ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ.ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ، ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻮﭘﺎﻝ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﻟﺐ ﻟﻮﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﯞﻩ ﭘﻪﺳﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ،ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ :" ﺋﻪﻣﺮﻯ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺱ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﺘﯩﻦ:ﻛﯩﻢ ﺳﯩﻠﻠﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ؟ ﺩﻩﭖ
ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ : " ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ" ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ" ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ (ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ) ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ: " ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﻢ" ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﮬﯧﺮﯨﺲ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻙ - ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ:" ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ: ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ، ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ : " ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ. ( ﻛﻪﻧﺰﯗﻝ ﺋﯘﻣﻤﺎﻝ، 45597 - ﮬﻪﺩﯨﺲ).ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ
ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯘ : " ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺳﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺩﯨﻤﯩﺪﻯ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ".ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯜﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯚﺳﯜﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮪ ﺋﻪﻣﻪﺱ
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻦ، ﺋﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﻴﺎﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻼﮪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺌﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﻟﻪﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: { ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، « ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ (ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ)، ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﺎﻗﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﺩﯨﻦ، ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ
ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﮭﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ)، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺗﯩﮫ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺰﻧﻰ) ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻠﮫ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﻗﻪﯞﻣﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻙ- ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ}ﺗﻪﯞﺑﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 24- ﺋﺎﻳﻪﺕ.
ﺑﯘﺋﺎﻳﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ، :" ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻮﺭﺍﻟﺪﻯ". ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ: " ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺋﻪﺑﯘﺩﺍﯞﯗﺩ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻤﯘ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺑﻮﺗﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:" ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯞﻩﺗﺴﻪﯓ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﯩﻤﺴﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯓ، ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ، ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﻰ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ، ﻗﻪﻟﺐ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ".ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ: " ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺴﺎ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ"ﺩﻩﻳﺪﯗﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻳﺪﯗ... ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯓ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ... ﺋﺎﭘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺩﻩﯓ... ﺋﺎﭘﯩﯖﯩﺰ ﮬﯘﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﻮﻳﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﻮﺭﯗﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ...ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻏﯘﻧﭽﺎ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﺋﯜﻧﮕﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ﻏﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ، ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﯖﻨﻰ، ﺩﯨﻨﯩﯖﻨﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ، ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ...ﺑﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻤﯘ؟ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ؟ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ، ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯩﻘﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ؟... ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ؟... ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯘ؟! "ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﭖ،ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﺵ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ! ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ؟ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻤﯘ؟...
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ- ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ-ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﭽﯘ؟ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺪﻯ؟ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﺎﻟﯩﺪﻯ؟ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﮬﻪﺟﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯞﻩﺗﺘﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻨﯩﺌﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﻻﻗﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﺰﺩﻩ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻱ- ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﺪﻯ، ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﻝ ﻛﯩﻨﻮ- ﺗﯩﻠﯟﯗﺯﯗﺭ، ﻧﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺷﯩﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺩﻯ...
ھېتلىر مەشھۇر سۆزلىرى

'' بىزنىڭ كۆرىشىمىز پەقەت ئىككى خىللا ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن - دۈشمەنلەر بىزنىڭ جەسىدىمىزنى دەسسەپ ئۆتىدۇ ، ياكى بىز دۈشمەنلەرنىڭ جەسىدىنى دەسسەپ ئۆتىمىز . ''
'' بىز خوشال بۇلىشىمىز كېرەك ، كەلگۈسى جەزمەن بىزنىڭ پۈتۈنلەي بىزنىڭ بولىدۇ . ''
'' گىرمانىيە ياشلىرى ، گىرمانىيەنىڭ ئەتىسى سىلەرگە ئۈمىد باغلىدى . ''
'' ئەيسا پەيغەمبەر پۈتتۈرەلمىگەن ئىشنى مەن پۈتتۈرەي . ''
'' ئۇلار خاتىرجەملىككى ئېرىشتى ، ھامان بىر كۈنى بىزنىڭ سەۋر تاقىتىمىز توشىدۇ ، شۇ چاغدا بىز ئاشۇ پەس يەھۇدىلارنىڭ ئېغىزىنى مەڭگۈ يۇمدۇرىمىز . ''
'' مەن ئىشەنمەيمەن ، ئۇلار ئىلگىرى بىزنى توختىماستىن توختىماستىن مەسخىرە قىلغان كىشىلەر ، ئۇلار ھازىرمۇ بىزنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ . ''
'' سىلەر ماڭا ئەگىشىپ قاتتىق قەسەم بېرىڭلار : بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى تىنچلىق ، بىزگە ئېھتىياجلىق بولغىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پىداكارلىق كۆرسۈتۈش . ''
'' ئەگەر مىللىتىم بۇ مەيداندىكى سىناقتا مەغلۇپ بولسا ، مەن ھەرگىز كۆز يېشى قىلمايمەن ، ئۇلار ئۆزلىرى مۇشۇنداق ئاقىۋەتتى تاللىدى . ''
'' ئىنسانىيەتتىن ھالقىغان ئىدىيە ئاددىي ئادەملەر بىلەن بىللە مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ . ''
'' پەقەت ئاشۇ غالجىر كىشىلەرلا ئاندىن بويسۇندۇرالايدۇ . ''
'' مەن ماھىرلىق بىلەن يىتەكلەش ئارقىلىق ھەممىگە ئېرىشتىم . ''
'' خەلق خالىغىنىنى قىلالايدىغان ئايالىمغا ئوخشايدۇ . ''
'' ئاياللارنىڭ ئەقلى پۈتۈنلەي پايدىسىز بولىدۇ . ''
'' ھىچكىم بىزنىڭ شان - شەرىپىمىزنى تارتىۋالالمايدۇ ، گىرمانىيە خەلقى ئۈچۈن ، بىز 15-20 يىل ئۇرۇش قىلىشىمىز كېرەك . ''
'' مەن 55 ياش ياكى 60 ياشتا ئۇرۇش قوزغاشقا رازى . ''
'' سىياسىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ئۇرۇش . ''
'' بىز پەقەت قورالدىنلا پايدىلىنىپ تىنچلىقنى قوغدىيالايمىز . ''
'' دۇنيادا ئۇرۇش بولامدۇ بولمامدۇ ماڭا نىسبەتەن ھەممىسى ئوخشاش .''
'' پەقەت گىرمانلارلا بولىدىكەن ئۇرۇش داۋاملىشىدۇ . ''
'' ئۇلۇغ يالغانچى شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇلۇغ سېھرىگەر ھېساپلىنىدۇ . ''
'' مىنىڭ ئىرادەم ھەممىنى قارار قىلىدۇ . ''
'' ئەگەر ئۇلار دۆلەتكە خائىنلىق قىلسا ، ئۇلارنى پەقەت ئۆلۈم كۈتىۋاتىدۇ . ''
'' مەن دۇنياغا كىشىلەردىن كۈچلۈك بۇلۇش ئۈچۈن كەلمىدىم ،ئەكىسچە ئۇلارنىڭ كەمچىللىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كەلدىم . ''
'' مەن ھەمىشە كۆرەش قىلىشنى ئويلايمەن . ''
'' مىللەت ئۇرۇشتا ئۆلمەيدۇ، سۈكۈتتە ئۆلىدۇ . ''
'' تىنچ يول بىلەن ئېرىشەلمىگەن نەرسىگە مۇشت ئىشلىتىپ ئېرىشەلەيسەن .''
'' ئىنسانلار مەڭگۈ كۆرەش ئىچىدە قۇدرەت تاپىدۇ ، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئىچىدە گۇمران بولىدۇ . ''
'' روسىيەنى دۇنيا خەرىتىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك . ''
بۇ سۆزلەرنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن ھېكمەتلەر يۇشۇرۇلغان ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ يۈزەكى چۈشىنىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن .
:بۇ تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى::http://bbs.misranim.com/read.php?tid=8630
شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز

ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘﯕﯩﺪا ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺰدەك ﻗﺎرا ﺳﻪﮬﺮاﻟﯩﻘلار ﮬﻪرﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎي ﺑﻮﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﮕﯜدەﻛﻤﯩﺰ:
ﺑﯩﺰ ﻧﺎﻣﺮاﺗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺗﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎي ﻳﯜرﮔﻪن ﭼﺎﻏلاردا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ دﯦﮕﯜدەك ﻳﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﭗ، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯧﭙﯩﻠﻐﯘدەك ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﺋﯩﺸﺘﺎن، ﻳﻮﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎر ﻳﻮﭘﻜﯩلارﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﻛﯚﯕﻠﻪك - ﻳﻮﭘﻜﺎ ﻛﯩﻴﻤﻪي ﺋﺎﻣﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﭽﻪ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰ زاﻏﺮا ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘلاﻟﻤﺎي ﭼﯩﺮاﻳﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻳﯜرﮔﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻧﺎن ﻳﻪپ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻳﯜرەﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﺎق ﻧﺎن ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻧﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ، زاﻏﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎﻛﯘل ﺳﯘۋاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﺎﻛلاپ ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯩﺮلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﺎﻛلاپ ﺋﺎﻗﺎرﺗﯩﭗ، ﺋﯩﺸﯩﻚ - دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯩﺮلاپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﺎﻛلاش، ﺳﯩﺮلاش داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺷﯩﺪدەت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ، ﺧﺎﻧﯩﻢ - ﻗﯩﺰلارﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﭼﯧﭽﯩﻐﺎ ﻳﺎﻣﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺷﻮﺗﺎ ﻗﻮﻳﻐﯘدەك ﺋﻪﻟﭙﺎزى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﮬﺎﺟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪۋرﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯜرﺗﯜﺷﻜﻪ ﭼﺎﻟﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎﻏﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻗﻪﻏﻪز ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎردى. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ، ﺋﺎران دﯦﮕﻪﻧﺪە ﻛﯚﻧﯜۋاﺗﺴﺎق، ﺋﯘلار ﺋﻪﻣﺪى ﻗﻪﻏﻪز ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜرﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯩﺮاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﺎم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ: «ﺗﺎم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ﻣﯧﮭﺮى ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ- ﮬﻪ؟» دەپ ﻗﺎلاﺗﺘﯘق. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎم ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ رەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ، ﺋﯩﻨﺎق ﻗﻮﺷﻨﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺋﯚﻳﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪاش ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﭗ ﭼﺎﻗﻤﺎق ﻗﻪﻧﺘﺘﻪك ﺗﯚﭘﻪ - ﺗﯚﭘﯩﻠﻪپ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك ﻗﻮﻳﯘق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚي ۋە ﺋﻮرﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺷﻮر ﺗﻮﭘﺎ ﺋﯚرﻟﻪپ ﻗﺎﻗﺎس ﺗﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪارە - ﺋﻮرﮔﺎﻧلارﻧﯩﯔ ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﯩﺶ ﻳﺎﺗﻘﯘزۇﻟﯘپ، ﭼﯚرﯨﺴﯩﺪە رەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘۋادان، ﺗﺎل ﺑﺎراﯕلار ﺳﺎﻳﻪ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪەك ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﮬﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺧﯩﺶ ﺑﯧﺴﯩﭗ، ﻣﯧﯟﯨﻠﯩﻚ دەرەخ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺗﺎل ﺑﺎراﯕﻠﯩﻖ ﮬﻮﻳلا ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻮرﮔﺎﻧلار ﮬﻮﻳﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ دەل - دەرەﺧﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻣﯘرۇپ ﺗﺎﺷلاپ، ﺗﯘﭘﺮاق ﻳﯜزﯨﮕﻪ ﺳﯧﻤﻮﻧﺖ ﻳﺎﺗﻘﯘزۇپ، ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮ ﮔﯜﻟﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻣﯘرۇۋﯦﺘﯩﭗ، ﺑﻪزى ﮬﻮﻳﻠﯩلارﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻐﺎ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮت - ﭼﯚﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺮﯨﭗ، ﭼﺎرۋﯨﺴﻰ ﻳﻮق ﻳﺎﻳلاق ﻳﺎﺳﯩﯟاﭘﺘﯘ. ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻳﻪرﻧﻰ «ﻗﺎﺗﺘﯩﻘلاﺷﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻖ» دﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘدەﻛﻜﻪن!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﻛﻮﭘﯧﺮاﺗﺴﯩﻴﻪ ۋاﻗﺘﯩﺪا، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎي ﻛﻪﺗﻤﻪن ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﺮە، ﺑﯩﺮ ﺳﯚﯕﻪك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﺑﻪﺧﯩﺮاﻣﺎن ﺋﯘﺧلاپ ﺑﻮﺗﯩلاﻗﺘﻪك ﺳﯧﻤﯩﺰ ﺗﯘراﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﭘﭽﻪ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺑﻪدﯨﻨﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪت ﻗﻮﻧﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر «ﺋﻮرۇﻗلاﻳﻤﯩﺰ» دەپ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﻗﻮﭘﯘپ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻳﯜﮔﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮرۇﻗﻠﯩﺘﯩﺶ دورﯨﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺷﻪﮬﻪردە ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﭗ، ﺷﻪﮬﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ، دەپ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻣﯩﯔ ﻳﯜەن ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘپ، ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﺴﯘن دﯦﺴﻪك، ﺋﻮﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮلاﻟﯩﺪﯨﻤﯩﻜﯩﻦ، ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺗﺎۋﯨﻨﺎزۇك دﯦﮭﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻚ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﻟﺪى.
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﻛﻮﭘﯧﺮاﺗﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ دوﻟﻘﯘﻧﯩﺪا، ﻗﯘﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻧﺎﺋﯩلاج ﺋﻪﺗﺮەت ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪن ﺑﺎلا ﺑﺎﻗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎران ﻛﯚرەﺗﺘﯘق. ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر رﯦﺴﺘﻮران دوﻟﻘﯘﻧﯩﺪا ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﻗﯘﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯧﭽﯩﻠﻪپ ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻏﺎ ﺗﺎﺷلاپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﻳﺪە ﺋﻮﻣﺎچ، ﻳﻮﺑﺪاﻧﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﺳﯘﻳﯘﻗﺌﺎش، ﻟﻪﯕﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﻮﻳﻐﯘدەك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺑﺎزارﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﻏﺮۇر ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﭘﻮﻟﯘ، ﻛﺎۋاپ ﻳﯧﻴﯩﺸﻜﻪ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪى. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰﻣﯘ ﮬﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﮬﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ۋاخ ﺑﺎزاردا ﭘﻮﻟﯘ، ﻛﺎۋاپ ﻳﻪپ روﮬﻠﯘق ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر رﯦﺴﺘﻮران دەپ ﺋﯚﮔﺰﯨﺪەك ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺳﻪي دەپ ﺳﯩﻠﻮﺳﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺳﻮﻏﯘق ﺳﻪي دەپ ﮬﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﮬﻪﻟﻪق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﯨلاﺷﺘﯘرۇپ، ﺗﯚﻣﯜرﭼﻰ ﺑﺎزﻏﺎن ﺳﻮﻗﻘﺎﻧﺪەك ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﺎۋازلارﻏﺎ ﺗﻪﯕﻜﻪش ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﮕﯩﭽﻪ ﻳﻪپ - ﺋﯩﭽﯩﭗ، 4 - 5 ﺗﺎﻏﺎر ﺑﯘﻏﺪاﻳﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯘزۇپ - ﭼﯧﭽﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺘﻪك روﮬﻠﯘق ﭼﯩﻘﻤﺎي، ﻟﻪﯕﭙﯘﯕﺪەك ﺳﺎﻗﯩﭗ ﻟﯩﯖﺘﺎﺳﻤﺎ ﺑﻮﻟﯘپ، ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯧﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪۈز ﻛﺎرﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪي ﻛﯧﺴﻪل ﺗﻮﺧﯘدەك ﻣﯜﮔﯜدەپ ﻳﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ!
ﺑﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺳﺎﭘﺎل ﭼﯩﺮاغ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﺎ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻜﻪﻧﺪە، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﺗﻮك ﭼﯩﺮاغ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﭼﯩﻠﻪﻛﺘﻪ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺰ ﺗﻮك ﭼﯩﺮاغ ﻳﯧﻘﯩﭗ، ﺗﯘرۇﺑﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﻗﺎﭘﺎﻗﺘﺎ ﭼﺎي ﺳﺎﻗلاپ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺳﺎﭘﺎل ﭼﯩﺮاغ، ﻛﻮزا، ﻳﺎﻏﺎچ ﮬﺎرۋﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﻰ، ﻛﻮﻧﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪن ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘلارﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﺎﮬﺎدا ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﻳﺎدﯨﻜﺎرﻟﯩﻖ دەپ ﺋﻪﺗﯩﯟارلاپ ﺳﺎﻗلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘۋاﭘﺘﯘ. زادى ﺑﯩﺰدەك ﺳﻪﮬﺮاﻟﯩﻖ ﺗﻮﻣﭙﺎﻳلار ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﻳﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ …
(ﺋﺎﭘﺘﻮر: ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻳﯧﯖﯩﺸﻪﮬﻪر ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﻮت ﻣﻪﮬﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪە)
مەنبە : سەلتەنەت تورى
زۆرۈر ئۇقۇشلۇق ماقالە
ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى
ئەختەم ئۆمەر
ئۇلۇغ اللاھ سۈپەتلىك ئىنسانلاردىن تاللاپ ، بىزلەرگە پەيغەمبەر، پادىشاھ ، ئەۋلىيا ، ئالىم ، ھۆكۈما ، مۇنەججىم ، پەيلاسوپ، سەركەردە ، ئۇستاز ھەم داھىي قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئانىلار تۇغقان. مەيلى قانداق ئېرىق ، قايسى دىن ،قىتئە ، قەبىلە ، مىللەتتىن بولسۇن ، قايسى ئىنساننىڭ سۈپىتى- ساپاسى يۇقىرى بولسا، شۇ ئاشۇ بۈيۈك ئىنسانلىق مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ يىتىشتى . ھەرقايسى مىللەتتىن بۇنداق كىشىلەر كۆپلەپ يىتىشىپ چىقتى . بۇيەردە مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىلغا ئېلىپ ساناپ بولالمايمەن . قىسقىسى بىلمەيمەن . بىلىدىغىنىم ناھايىتى ئاددى ھەم ئاز بۇلۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز . بىزدىن پادىشاھ ، ئەۋلىيا ، ئالىم ، داھى ئەڭ ئاز چىقتى . قانچە يۈز يىللار بولدىكىن ، بىزدە بۇنداق ئىنسانلار تۇغۇلمىدى. ئۇيغۇر ئانىلار بىزلەرنى، بىزدەكلەرنى مىليونلاپ تۇغدى
ھاراقكەش، بەڭگى ، بىكارچى، لاپچى، يېتىمچى، غەيۋەتخور ، قەلەندەر، قىمارۋاز ، ساراڭ، غالچا ، خۇمسا ، چېقىمچى، ساتقىن، مۇساپىر، ئىلگىرى باسماس تىجارەتچى، ياللانما ئەتكەسچى، ئوغرى، رەمبال دېگەندەكلەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ مول ھوسۇللۇق تۇغۇلدۇق. ۋەتەننى بىر ئۆي دىسەك، بۇ ئۆي بۇنداقلار بىلەن لىق قاپلاندى
ئۇيغۇر ئانىلار ئەسكەر، قوماندان، ئالىم، دانىشمەن، داھى، پەيلاسوپ دىگەنلەرنى بېخىللىق بىلەن ناھايىتى ئاز تۇغدى. پەيغەمبەر، ئەۋلىيا تۇغمىغىلى قانچە يۈز يىللار بولدىكىن ، بۇنى ھېسابلاش تەس. بۇيەردە ئۇرۇق ياخشى بۇلۇپ يەر ناچار بولسىمۇ، بىز بۇلۇپ تۇغۇلدۇق. يەر ياخشى بۇلۇپ ئۇرۇق پۈچەك بولسىمۇ ، يەنە شۇ بىز بۇلۇپ تۇغۇلدۇق. يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيان، يەرمۇ ناچار، ئۇرۇقمۇ پۈچەك بولغاچقا، بىزگە ئوخشاش سۈپەتسىز، ئەخلەتسىمان ئادەملەر تۇغۇلۇپ، خارۇ- زارلىق ئىچىدە ئەخلەتتەك دەسسىلىپ يۈرۈپتىمىز
دادىمىز ھاراقكەشلىك، بەڭگىلىك بىلەن، ئانىمىز غەيۋەت ھەم ئۆزىنى ياساش بىلەن بىزلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈۋېدى، بىز خۇددى شۇلار بۇلۇپ يېتىلدۇق. بالىلىرىمىزنىمۇ شۇنداق تەربىيە بىلەن يېتىلدۈرۈۋاتىمىز. بالىلىرىمىزنىڭمۇ بالىلىرىنى شۇنداق يېتىدۈرۈدىغانلىقىدا گەپ يوق. مانا بۇ يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ تەكرارلىنىپ تۇرىشى، بىز ئېشەك مىنسەكمۇ، ئايرۇپىلاندا ئۇچساقمۇ، سۈپىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولمىدى. كىيىم ئۆزگەرگەن بىلەن، كىيىمنىڭ ئىچىدىكى ئادەم ئۆزگەرمىدى. تەكلىماكاندا ياشىساقمۇ، ئامېرىكىدا ياشىساقمۇ، بەيتۇل ھەرەمدە ياشىساقمۇ، قاۋاقخانىدا ياشىساقمۇ، يەنىلا ھېلىقى ئۇيغۇرنىڭ دەل ئۆزى بىز . يەنىلا ئوخشاش بايا سانىغان كەسىپ بىلەن، تەقدىر بىلەن ياشىدۇق. بىز ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرنى قوغلاشتۇق، ئەمما تاپالمىدۇق. شۇنچە ياخشى يەرلەردىمۇ ياخشى بولالمىدۇق. چۈنكى بىز ئۆزىمىز ياخشى بولالمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قىلىپ تۇغالىساق،قۇرالىساق دېگەننى ئويلىمىدۇق. ئۆزىمىزنى ياخشى قۇرالىساق، دۇنيانىڭ ياخشى يېرىدە ياشىساق تېخىمۇ ياخشى بولىمىز. ئەڭ ناچار يېرىدە ياشىساقمۇ، شۇ ياشىغان يەرنى ياخشى قىلىپ ئۆزگەرتەلەيمىز، قۇرالايمىز، ياخشىلىيالايمىز . كۆز ئالدىمىزدىكى بىز دەسسەپ تۇرۇۋاتقان يەر قانداق يەر؟ ياخشى يەر . ئەمما ئۆزىمىز ياخشى ئادەملەر بولمىغاچقا، ياخشى ياشىيالمايۋاتىمىز، ياخشى بولغانلار ناچار يەرلەرنىمۇ ياخشىغا ئايلاندۇرۇپ، ياخشىلاپ ياشاۋاتىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن .ئازاب- ئوقۇبەتلىك بۇلىۋاتقان تۇپراقتا، يەنە بەزىلەر جەننەت ھۇزۇرىنى سۈرۈپ ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بۇلۇپ تۇغۇلغانلار دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەرلەر، ئەڭ باي ھەم مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەردە ياشىسىمۇ، تۆت ئۇيغۇر بىر يەرگە كەلسىلا ئارىسى ياخشى بولماي، بىرلىشەلمەي، تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقىدا ياشىغانلاردىن پەرقى يوق ياشاۋاتمامدۇ ؟ بىز ئۆزىمىزنى، مۈرىمىزنىڭ ئۈستىدىكى قاپاقتەك كاللىمىزنى ئۆزگەرتمەي جەننەتكە كىرسەكمۇ، جەننەتنىڭ بىز دەسسىگەن يېرىمۇ دوزاخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ
مانا بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش نۇقتىسى بىلەن ئۆلۈپ كىرىپ كېتىدىغان نۇقتا ئارلىقىدىكى پاجىئەيىمىز. بۇ بىزنىڭ تۇغۇلۇش مىنۇتىدا باشلانغان خاتالىقىمىز . بىزنىڭ بۇيەردە ئەڭ دىققەت قىلمايۋاتقان مەسىلىمىز بىزنى تۇغقان ئانىلار مەسىلىسى . ئەسلى بىزنى تۇغقان، تۇغىدىغان ئانىلارنىڭ سۈپەت، ساپاسى مەسىلىسى بىزنىڭ ئەڭ دىققەت قىلىپ ئويلايدىغان مەسىلە ئىدى. ئەگەر ئۇرۇق ناچار بۇلۇپ يەر ياخشى بولسا، يەرنىڭ كۈچى بىلەن ناچار ئۇرۇقنىڭ سۈپىتىنى قەدەممۇ قەدەم ئۆزگەرتىپ، ئەڭ سۈپەتلىك ئۇرۇق قىلىپ يېتىشتۈرىۋالغىلى بۇلىدۇ. ئۇرۇق قانچە خىل، سۈپەتلىك بولسىمۇ، يەر ناچار بولسا، بۇيەردە ئۆسكەن زىرائەت شۇ بىر قېتىمدىلا سۈپەتسىزلىشىپ، ھوسۇلسىزلىشىپ تۈگىشىدۇ
بۈگۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ سۈپەت- ساپاسىزلىقى دەل ئانىلارنىڭ سۈپەت- ساپاسىزلىقى، ئاتىلارنىڭ ئۇلارغا ياخشى ھۆكۈمران، ياخشى تۈۋرۈك، ياخشى پەرۋىشچان، ياخشى قوغدىغۇچى، ياخشى ئاسرىغۇچى بولالمىغانلىقىدا .
دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر ، سۈپەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئاتىسىنىڭ تايىنى يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ ئانىسى ئاجايىپ سۈپەت ۋە قۇدرەتكە ئىگە
ئانا – ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسانلارغا يىتەكچى قىلىپ تاللانغان . ئەمدى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تەربىيىسى بىلەن يەھۇدىلارنىڭ ئانا تەربىيىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلى : يەھۇدىيلاردا بالا تۇغۇلغاندىن باشلاپ بارلىق تاپقان- تەرگىنى بالا تەربىيىسىگە سەرپ قىلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆپ پۇل سەرپ قىلىپ تەربىيىلەيدىغىنى، ئەتراپلىق بىلىمگە ئىگە قىلىدىغىنى قىز پەرزەنتلەر . يەھۇدىيلار ئوغۇللىرىغا قارىغاندا قىزلىرىنى قاتتىق تەربىيىلەيدۇ. ئۇلار قىزلىرىنى چوقۇم ئالى مەكتەپكىچە، شارائىتى يار بەرگەنلىرى دوكتورلۇققىچە ئوقۇتىدۇ. ئوغۇللىرىغا ئاساسلىق ھەربىي تەلىم- تەربىيە، سودا- ھۈنەر ۋە سانائەت بىلىملىرىنى ئىگىلىتىدۇ ھەمدە ھۈنەر، كەسىپ بىلەن پۇل تېپىشقا قويىدۇ . << سىلەر نىمە ئۈچۈن ئوغۇللىرىڭلارنى ئوقۇتۇشقا قارىغاندا قىزلىرىڭلارنى ئوقۇتۇشنى شۇنچە مۇھىم ئورۇنغا قويىسىلەر ؟ >> دېگەن سۇئالغا جاھاننىڭ ھەرقانداق بۇلۇڭ- پۇچقىقىدىكى يەھۇدىي مۇنداق جاۋاپ بېرىدۇ
قىز بالا بىر مىللەتنى تۇغۇپ، ئۆستۈرۈپ، تەربىيىلەيدىغان ئانا . ئوغۇل بالا بولسا، ئاللاھ تەرىپىدىن تالا ئادىمى قىلىپ يارىتىلغان . ئوغۇل بالا ئائىلە ئىشلىرىدا قىز بالىنىڭ رولىنى ئوينىيالمايدۇ . مىللەتنى تۇغۇپ، ئائىلىنى توغرا تەربىيىگە ئىگە قىلىدىغان ئانا ساۋاتسىز، تەربىيىسىز، سۈپەتسىز بولسا ، بۇ ئائىلىدىن ھەرقانداق قىلىپمۇ ياخشى، ئىقتىدارلىق، سۈپەتلىك، ئادەم چىقمايدۇ . شۇڭا بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن مىللەتنى تۇغىدىغان قىزلارنى ئاخىرىغىچە ئوقۇتۇش ئارقىلىق سۈپەتلىك ئانىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىمىز . ئالىي تەربىيە كۆرگەن، سۈپەتلىك، ساپاسى يۇقىرى ئانىلارغا ئېرىشمىگۈچە مىللەت سۈپەتلىك تۇغۇلمايدۇ . سۈپەتلىك تەربىيىلىنىپ يېتىلىپ چىقمايدۇ . بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرىنىڭ سۈپىتى قانچىلىك بولسا، شۇ مىللەتنىڭ سۈپىتى شۇنچىلىك بۇلىدۇ . سۈپەتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان مىللەتلەر ھەرگىزمۇ سۈپەتلىك بولالمايدۇ
مانا بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەخلاق ، غورۇر ، ۋىجدان قانۇنى . ئۇلار قىزلىرىنى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ ئوقۇتۇش يولىدا ئۆلۈپ كېتىشكە رازى . ئۇلاردا ئىككى قانۇن مەڭگۈلۈك بۇلۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن: بىرى: قىزلىرىنى سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە، دىن، ماتىماتىكا، خىمىيە، فىزىكا، ئەخلاق، ئاياللار ئاخلاقى، دۇنيا بىلىملىرى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى بىلىملەر بىلەن تۇلۇق تەربىيىلەش . يەنە بىرى: بالىنى چوقۇم ئىككى ياشقا كىرگۈچە تولۇق ئېمىتىش . يەھۇدىيلاردا بالىسىنى ئىككى ياشقىچە تولۇق ئېمىتمىگەن ئانا لەنەت- نەپرەتكە ئۇچرايدۇ ، كەمسىتىلىدۇ ، ھاقارەتلىنىدۇ ، جەمئىيەت تەرىپىدىن ، دىنىي قانۇن تەرىپىدىن ئەخلاقسىز ئايال دەپ قارىلىپ جازالىنىدۇ . شۇڭا ئۇلار بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىشكە رازىكى ، تولۇق ئىككى ياشقىچە ئىمىتمەسلىككى رازى ئەمەس . ئەمدى ئاشۇ يەھۇدىي ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارغا قاراپ باقايلى، ئۇلار قانچە يۈز يىللاپ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ۋەتەنسىز سەرسان بۇلۇپ يۈردى . ئەمما بارغانلا يەرنىڭ ئىقتىساد ، سانائەت ، بازار ، سىياسى ، ئىلىم- پەن ، كەشپىيات ھوقۇقىنى شۇ خەققە ياللانغان مەدىكار بۇلۇپ تۇرۇپمۇ قولىغا ئېلىۋالالىدى، ئىگىلىۋالالىدى . ھازىرمۇ ئىلىم- پەن شۇلارنىڭ قولىدا، دۇنيا ئىقتىسادى شۇلارنىڭ قولىدا ، سانائەت ، كەشپىيات ، مۇزىكا، سىياسەت شۇلارنىڭ قولىدا
دۇنيادىكى كەشپىياتلارنىڭ مۇتلەق كۆپى يەھۇدىي ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىندى. سانائەتنى يەھۇدىيلار شەكىللەندۈردى ، دۇنياۋى ئۆزگۈرۈشلەرنى يەھۇدىيلار پەيدا قىلدى
بەش يۈز مىليۇنغا يېقىن ئەرەبلەرنى بىرقانچە مىليۇن يەھۇدىلار بوزەك قىلىۋاتىدۇ . مانا بۇ بىرى مىڭغا تەڭ كىلىدىغان ئادەم دىگەننىڭ ئۆزى بولماي نىمە ؟ مانا بۇ ھېلىقى ئالىي مەلۇماتلىق قىلىپ تەربىيلەنگەن يەھۇدى ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلار . ئالىي سۈپەت ئانا ، ئالىي نەسەپلىك ئىنسانلار ئارىسىدىن پەيغەمبەر ، ئالىم ، ئەۋلىيا ، دانىشمەنلەرنى تاللىدى . شۇڭلاشقا ، يەھۇدىيلاردىن پەيغەمبەر ، ئالىملار ئەڭ كۆپ تاللاندى ھەم يېتىشىپ چىقتى . مانا بۇ ئالىي مەلۇماتلىق يەھۇدىي ئانىلارنىڭ تۇغقان بالىلىرى . ئەمدى بىز قىزلىرىمىنى قانچىلىك تەربىيىلەيدىغانلىقىمىزغا نەزەر سالايلى: دەل يەھۇدىيلارنىڭ ئەكسىچە بىز << قىز بالا تالاغا كېتىدۇ ، ئۇنىڭغا كۆپ كۈچەشنىڭ ھاجىتى يوق >> دەپ قارايمىز .بىز قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىمىزمۇ ؟ بىزنىڭ خەق دىگىنىمىز كىم ؟ دەل ئۆزىمىز . بىز تېخى ھازىرغىچە رازىلىقىمىز بىلەن قىزلىرىمىزنى خەققە بېرىپ باقمىدۇق . يەھۇدىيلاردەك بەرمىدۇق. تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن قىزلىرىمىزنى تاماق ئىتەلىگۈدەك ، ئانىسىدەك ئوسما قۇيالىغۇدەك ، ياسىنالىغۇدەك ، تۇماق بىلەن بىرنى ئۇرسا يېقىلمىغۇدەك بولسىلا چالا ساۋات ھالدا ئەرگە بېرىپ قۇتۇلدۇق . بىزلەر ئەنە شۇنداق قىزلاردىن تۇغۇلغانلار . ئۇلارنىڭ ساۋادى بولمىسا ،ھىچنىمىنى بىلمىسە ، ياخشى تەربىيە كۆرمىسە ، بىزدەك بالىلىرىنى نىمىسى بىلەن تەربىيلەيدۇ؟ ئۆزىدە يوق تەربىيىنى كىمدىن ئېلىپ بېرىدۇ ؟ دىمەك ساۋاتسىز ئانىلاردىن تۇغۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك ساۋادىمىز بولماقچى ؟ سۈپىتىمىز قانچىلىك بولماقچى ؟ ئانىمىز ساۋاتسىز ، دادىمىز چالا ساۋات بولغاچقا ، يا گۆش ئەمەس ، يا ماي ئەمەس ، بەز بۇلۇپ قالمىدۇقمۇ ؟! بۈگۈنكى كۈندە بىزنى تۇغقان ، بالىلىرىمىزنى تۇغقان ئانىلارنىڭ بىلىمى زادى قانچىلىك؟ ئۇلار زادى قانچىلىك ئىشلارنى بىلىدۇ؟ بىرىنچى ، ئۇلار كوتۇلداپ ، كۆز يېشى بىلەن تەھدىت سېلىپ ۋە قورقۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ تار دائىرىدىكى بىلىمى بىلەن ئۆي ئىچىدىكى بارلىق ئىشلارنى ۋە ئاتىدىن تۇتۇپ بالىغىچە ئۆزى دىگەن ئاددىي سىزىققە كەلتۈرۈپ كونترول قىلىشنى بىلىدۇ . ھەرقانداق ئالىم ، داھىي ، پالۋان ئەرلەرمۇ تالادا ھۆركۈرەپ ، جاھاننى بېشىغا كىيگەن بىلەن ، ئۆيىدە ئاشۇ ساۋاتسىز ئانىنىڭ سىزغان سىزىقى بويىچە ئىش قىلىدۇ . بۇ كاللىسى ئاددىي ئانىلار ئەمەلىيەتتە پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ لايھىيلىگۈچىسى بۇلۇپ ، توي- تۆكۈن ، باردى- كەلدى ، چاي ، ئولتۇرۇش – قوپۇش ، دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ، قىسقىسى بارلىق بۇلار- بولماس ، تەتۈر چۈشەك ، چىرماق ئادەتلەرنى بەس- بەس بىلەن پەيدا قىلىدۇ . ئاندىن چاشقان جاننى ئالقانغا ئېلىپ كەڭ دالىدىن تېرىپ كەلگەننى پاقا كاماردىن چىقماي يەپ تۈگەتكەندەك ، ئەرلەرنىڭ بارلىق تاپقان- تەرگىنىنى مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈن سەرپ قىلغۇزىدۇ . ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بىلىمى تاپقان- تەرگىنىنىڭ ئاساسى قىسمىغا كىيىم كىيىپ ، ياسىنىپ تارىنىش، ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى ، نەزىرى ئاساسەن مانا مۇشۇ ئىككى ئىشقا مەركەزلەشكەن . بىز مانا شۇلاردىن تۇغۇلۇپ تەربىيلەنگەچكە ، بىزنىڭمۇ كاللىمىز ئاددىي ، شۇڭا بىزدىن مەدىكار چىقىدۇ ، راست ئالىم چىقمايدۇ . غالچا چىقىدۇ ، پادىشاھ چىقمايدۇ . ساتقىن- مۇناپىق جېق چىقىدۇ ، ۋەتەنپەرۋەر چىقمايدۇ . كالۋا- ھاڭۋاقتى جېق چىقىدۇ ، ئەقلى ھۇشى جايىدا ئادەم ئاز چىقىدۇ . ھاراقكەش ،بەڭگى ، قىمارۋاز جېق چىقىدۇ ،دىيانەتلىك ، دۇرۇس ، پەزىلەتلىك ئادەم ئاز چىقىدۇ . ئىشتان پايپاققا ئامراق ئادەم ساماندەك ، كىتابقا ئامراق ئادەم تازنىڭ چېچىدەك ئاز . مانا بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ يىلتىزى . بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك . بىز بارلىق قۇۋۋىتىمىز بىلەن خوتۇن – قىزلىرىمىزنى ئوقۇتايلى ، تۈزۈك ئوقۇتماي ، تەربىيىلىمەي تۇرۇپ ئەرگە بېرىشكە ئالدىرىمايلى
خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ سۈپەت- ساپاسىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ، ئۆستۈرمىگۈچە ، بىزنىڭ سۈپەت – ساپايىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ، ئۆسمەيدۇ . چۈنكى بىز ئاز سانلىق ماددىي ۋە مەنىۋىي ئۇزۇقلۇقنى شۇلاردىن ئالىمىز . بىزدە قاچان سۈپەتلىك خوتۇن- قىزلار يىتىشىپ چىقىدىكەن ، شۇ چاغدا سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشىمىز
سۈپەتلىك ئانىلار بىزنى تولۇق ئىككى ياشقا كىرگۈچە ئىمىتسە ، بىز ئاندىن ئادەم بۇلۇپ يېتىلىمىز
سۈپەتلىك ئانىلارغا ئېرىشكەندىن كېيىن يېتىلىپ چىققان ئۇيغۇرلاردىن بىز كۈتكەن ئۈمىدلەر تۇغۇلىدۇ
بۈگۈنكى قەلەندەر، بەڭگى ، ھاشارچى ، مەدىكار ، ھاراقكەش، ھارامتاماق ، بىكارچى ئۇيغۇرلار شۇنى ئەستىن چىقارمايلى ھەم دىققەت قىلايلىكى ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ھەتتا دوكتور بولغان بارلىق ياپون خوتۇن- قىزلىرىنىڭ توي قىلغاندىن كېيىنلا خىزمەت ئورنىدىن چىكىنىپ ، ئائىلىگە قايتىشى ئەرنىڭ ياخشى جۆرىسى بۇلۇش ئۈچۈنلا بولماستىن ، ئەڭ مۇھىمى سەرخىل ، سۈپەتلىك ياپون مىللىتىنى تۇغۇپ ، تەربىيلەش ئۈچۈندۇر . ئۇلار ھەتتا ياپون مىللىتىنىڭ سۈپۈتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ، پاكار ، سۈپەتسىز ياپونلارنى تۇغۇشتىن سەرخىل ، ئاقىل ، كۈچلۈك ، قاملاشقان ئەرلەرنىڭ ، ئەڭ ئېسىل ئۇرۇقلىرىنى تۇغۇشقا ، تەربىيلەشكە يۈزلىنىپ ، ياۋرۇپا ئېرقىدىكى سۈپەتلىك ياپونلارنى تۇغدى ھەم يېتىلدۈردى . مىللەتنىڭ سۈپەت – ساپاسى ئۈچۈن ئۇلار ھەتتا ئەخلاق ۋە غورۇرىنى قۇربان بېرىشكە چىداپ كەلدى . مانا بۈگۈنكى قۇدرەتلىك ياپون مىللىتىنىڭ بېسپ ئۆتكەن ئاقىلانە يوللىرىنىڭ بىرى .
بىزدىمۇ ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدىكەن ،بۈگۈنكىدەك بەڭگى بىلەن ھاراقكەش تۇغۇلىدىغان پاجىئە ئاخىرلىشىدۇ .ئانىلارنىڭ سۈپىتى ئۆسمەيدىكەن ،بىزنىڭ مىللەتتىن مىليونلاپ ھاراقكەش قۇللار تۇغۇلىدۇكى ،بىرمۇ ئاتا سۈپەت ئادەم تۇغۇلمايدۇ
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش
ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن
ئۇيغۇرلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا توپلىشىپ ياشايدىغان غوللۇق، يەرلىك مىللەت ۋە ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزگۈچى مىللەت. ئۇيغۇرلار پارچە ھالەتتە، جۇڭگونىڭ بىر قاتار چوڭ شەھەرلىرىدە خىزمەت ۋە تىجارەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان (ئاساسلىقى بايرام ئەلى رايونى)، پاكىستان، ئەرەبىستان، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، روسيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرۈنەرلىك نوپۇستا، مۇئەييەن جامائەت تۈركۈمى شەكلىدە ياشايدۇ.
ئۇيغۇرلار ھازىر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق، مەدەنىيەت-مائارىپ قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئۇلار ھازىر بازار ئىگىلىكىنى مەركەز ۋە تەڭشىگۈچ قىلغان ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي تۇرمۇشىغا بارغانسېرى ئۆزلەشمەكتە. ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى قاتلىمىنى ھاسىل قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيا تىپىدىكى قەدىمكى قەبىلە ۋە خەلقلەردىن تەشكىل تاپقان. جۇڭگو ۋە چەتئەل ئالىملىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى توغرىسىدا كۆپ ئىزدەندى. ئۇلار مىلادىيدىن 3000-2000 يىل ئىلگىرى شىمالىي ئالتاي دالىسىدىكى ئاندرونوۋ-منوسېنىك رايونلىرىدا ياشىغان ئارى (ئارىيان) قەبىلىلىرى، سىكتاي-ساك خەلقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە ئاسىياچە ئاق جىنىسلىق (ئاق تەنلىك) ئەجدادلىرى دەپ قاراشماقتا. قەدىمكى جەسەتلەرنىڭ باش سۆڭەك ئانالىزى، قان تىپى، قەدىمكى ئارىيان-سىكتاي-ساك ئەپسانە فولكلورى، كىيىنىش ۋە مۇزىكا، ئۇسسۇل، بايرام، سەيلە-مەرىكىلىرى بۇ مۇھاكىمىگە كۈچلۈك ئىسپات ھازىرلاپ بەردى. ئەينى زاماندىكى «ئات مەدەنىيىتى» بۇ كەڭ ماكاندا جۇڭگونىڭ رەسمىي يىلنامىلىرىدا «ئۇلۇغخور» دەپ ئاتالغان ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقلىرىنىڭ زور يۇغۇرۇلۇشىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئارىيان-سىكتاي-ساك قەبىلىلىرى مىلادىيدىن ئىلگىرىكى -2000يىللاردىن تاكى 6 ،5 ئەسىرلەرگىچە غەرب، جەنۇب ۋە شەرققە يۆتكىلىپ، ئىران ئېگىزلىكى، ھىندىستان زېمىنى ۋە چىلەن تاغلىرى ئەتراپىغا كېڭەيدى ۋە ئىرانى خەلقلەر، ھىندىستان ئارىيان-ساكلىرى، تارىم ساكلىرى ۋە توخار قەبىلىلىرىنىڭ مىللەت تەركىپىگە سالماقلىق تەسىر كۆرسەتتى. مىلادىيدىن ئىلگىرلا ساكلارنىڭ ئاسنا قەبىلىلىرى بىلەن موڭغۇللۇئىد (موڭغۇل ئىرقى) تىپىدىكى ئاشىد قەبىلىلىرى ئاسنا ئۇرۇقىنى ئاساس قىلىپ قۇشۇلدى. نەتىجىدە مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغخورلىرىنىڭ -2تۈركۈمى-تۈرۈكلەر مەيدانغا چىقتى. ئۇيغۇرلار ئەنە شۇ ئارىيان-سىكتاي-ساك خەلقىنىڭ يىراق ئەۋلادى، تۈركىي تۈركۈمىنىڭ يېقىن ئەۋلادى ھېساپلىنىدۇ.
جۇڭگو يىلنامىلىرىدە غەربىي جۇسۇلالىسى زامانىدىكى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭ ساي) ۋە ئوردۇس ئوتلىقى ئەتراپىدا ياشىغان گۈيفاڭ، دى-زەي قەبىلىلىرىنى كېيىنچە بايقال كۆلى ئەتراپىدا ياشىغان دىڭلىڭ (دەنلەن) خەلقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاستە مەنبەلىرىدىن بىرى دەپ قارغۇچىلارمۇ بار. ئۇلار دىڭلىڭلارنىڭ شەرقىي ۋە غەربي دىڭلىڭلارغا ئايرىپ، بايقالدىن يېنسەيگىچە، يېنسەيدىن يەتتە سۇ ۋە سىر دەرياسى ساھىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىڭلىڭلاردىن باشقا، قەدىمكى تۇرپان، كروران ئاھالىلىرى بولغان ئۇجيې، ئۇخۇ ۋە قوش قاڭقىل قەبىلىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت مەنبەسى دېگەن قاراشلارمۇ مەيدانغا چىقتى.
ئۇيغۇرلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قەدىمكى مىللەت، ئارىيان-سىكتاي-ساك-تۈركىي خەلقلەر تۈركۈمىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق. ئۇلارنىڭ جىسمانىي خۇسىيسىتى ۋە قان ئالاھىدىلىكى، تىل ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئالاھىدىلىكى، مىللىي ئېتنوگرافك تۇرمۇش ئادىتى ۋە تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ناھايىتى يىراق تارىخىي قاتلاملىرىنى، تارقىلىش ماسىشتابىنى، مىللەت مەنبەسى ۋە ھەرخىل تەركىبلەرنى، ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى، ئەجدادلىرىنىڭ بارلىق مۇنەۋۋەر فولكلورى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئوتلاق مەدەنىيىتى، ئاتلىق كۆچۈش قىسمەتلىرى، بوستان مەدەنىيىتى، يىپەك يولى ئالاقىلىرى، كۆپخىل دىنىي مەدەنىيەت باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى.
ئورخۇن ۋادىسىدىن تارىم ۋادىسىغىچە كۆچكەن ۋە بۇ يەردىكى ساك، توخار، سوغدىلارنى ئۆزلەشتۈرۈپ مەيدانغان كەلگەن دېگەندە، يەنىلا ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى بىلەن تارىم ۋادىسدىكى ساك، ئورخۇن سوغدىلارنىڭ قايسى تارىخىي قاتلامدا قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكىدىن قەتئىنەزەر، ئورتاق ھالدا مەركىزىي ئاسىيا ئۇلۇغ خورلىرى بولغان ئارىيان تۈركىمى ۋە تۈركىي تۈركۈمىگە بولغان تېرەن يىلتىزداشلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىش كېرەك. بۇ خەلقلەر كۆچمە چارۋىچىلىق ۋە «ئات مەدەنىيتى» تۈپەيلىدىن مەركىزىي ئاسيا رايۇنىغا-مۇھىمى تارىم ۋە سىر دەريالىرى ۋادىلىرىغا، بايقال ۋە موڭغۇل ئوتلاقلىرىغا كەڭ تارقىلىپ ياشىدى. ئۇلار جۇڭگو ۋە ئىران (ئاخمانى) ئىمپېرىيىلىرىگە يېقىن جايلاردا ھاكىمىيەت مەركەزلىرىنى بەرپا قىلغان ھون ۋە ساك ئەنئەنلىرىگە دېيەرلىك ۋارىسلىق قىلدى. ئورخۈن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلىپ، ئۇيغۇرلار غەربكە كۆچكەندىن كېيىنمۇ خان ئۇرۇقى بولغان ياغلاقارلار گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغاندىن باشقا، ئادىزلار باشچىلىقىدىكى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى قوچۇ، كۈسەن، قەشقەر، سۇياب-سىر دەرياسى ۋادىسىغا يۆتكىلىپ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى، كۈسەن ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار ھاكىمىيەتلىرىنى بەرپا قىلدى. خوتەن ياغلاقار قالقالۇخانى داۋاملىق گەنجۇ ياغلاقار ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن قۇدىلىق مۇنا سىۋىتىنى ساقلىدى. بۇ، ئورخۇن ۋە گەنجۇ، خوتەن ياغلاقارلىرىنىڭ قەبىلىۋى يېقىنلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ خۇددى ئۇيغۇرلار قەدىمكى سەمەرقەند ھاكىمى ئاپراسىياپنى ئۆزىنىڭ قەھرىمان پادىشاھى دەپ ئىزچىل ھۆرمەتلەپ كەلگىنىگە ئوخشاش ئەھۋال.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنونىمى (مىللەت نامى) قاچان كېلىپ چىققانلىقى نامەلۇم. بىرىنچىدىن، بۇ ئېتنونىمنىڭ پەيدا بولغان ۋاقتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دەسلەپكى ئېتنىك تۈركۈمىنىڭ مەيدانغا كەلگەن ۋاقتى قىلىپ بېكىتىۋالغلى بولمايدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان قەبىلە دەسلەپ ياغلاقار باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قاتناشقان بىر قەبىلىنىڭ نامى بۇلۇپ، بۇ خاسىيەتلىك نام پۈتۈن ئۇيغۇر ئىتتىپاقى ۋە ئورخۈن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئورتاق نامى قىلىپ قوبۇل قىلىنغان، ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يېمىرىلگەندىن كېيىنمۇ گەنجۇ، ئىدىقۇت، كۈسەن خانلىقلىرى ئۆز سەلتەنەت ناملىرىغا ئۇيغۇر ناملىرىنى قۇشۇپ ئىشلەتكەن. ھازىرقى يۈگۇ- سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نامىنى ياغلاقار ياكى باشقا قەبىلە نامىدا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر نامىدا ئىشلەتتى.
« ئۇيغۇر» ئىبارىسى ئومۇمى مەنىدە «ئۇيۇشۇش، ئۇيۇشماق» مەنىدە ئىزاھلانماقتا.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشى ۋە سىياسى ھاكىمىيەت ئورنىتىشىدىن خېلى بۇرۇنلا تەدرىجىي شەكىللەندى ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي قاتلاملىرىدا داۋاملىق راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش مەدەنىيىتى ئىزچىللىقى بىلەن تارىخىي قاتلاملىقى زەنجىر ھالقىسىنى ھاسىل قىلدى. بىز ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتگە نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك تۇرمۇش مەدەنىيىتىگە ئىگە ئېتنىك مىللەت ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرىمىز.
ئۇيغۇر تارىخىدا جەڭگىۋار ئاياللار، ھاكىمىيەتكە قاتناشقان تۈركەن خاتۈندەك ئاياللار، شائىرە ۋە مائارىپچىلار خېلى كۆپ بولغان. تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن ئانا-بالىلار مەبۇدىسى ئوماي ئانىغا (ئىسلامىيەتتىن كېيىن بۈۋى پاتىمىگە) سېغىنىش، بالىنىڭ قىرىق سۈيى، ئات قۇيۇش مۇراسىمى، بۆشۈك تويى، ئوغۇل بالا يەتتە ياشقا توشقاندا خەتنە قىلدۇرۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ياكى ھۈنەرگە بېرىش ئادەتلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى.
ئۇيغۇرلاردا نىكاھ مۇناسىۋىتى بىلەن چاي ئىچكۈزۈش، توي ئالدىدىكى مەسلىھەت چايلىرى، نىكاھ ئوقۇپ قىز-يىگىتنىڭ رازىلىقىنى ئېلىش، توي مۇراسىمى، يىگىت-قىزلار ئولتۇرۇشى، قۇدىلار چىللاقلىرى ئىزچىل ساقلىنىپ كەلدى. ئۇيغۇرلاردا دەپنە مۇراسىمى ھەرقايسى دىنىي مەدەنىيەتلەر تەسىرىدە ھەرخل بولسىمۇ، ئەمما مېيىتنى پاكىزە يۈيۈپ كېپەنلەش، ھازىدارلار ئاق رومال سېلىپ، ئاق بەلۋاغ باغلاپ يىغا-زارە قىلىش، مېيتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش، جىنازىنى ئالمىشىپ تالىشىپ كۈتۈرۈپ قەبرىستانلىققا ئېلىپ بېرىش، لەھەتتە مېيتىنىڭ يۈزىنى قىبلە (غەرب) تەرەپكە قىلىپ ياتقۇزۇش، ئىچ گورنىڭ ئاغزىنى كېسەك بىلەن ئېتىپ، تاش گورنى تۇپا بىلەن كۆمۈش، قەبرە بېشىدا مېيتنىڭ ئىجابىي تەرپىگە گۇۋاھلىق بېرىش، قەبرە تېشى-گۈمبەز ئورنىتىش، مېيتنىڭ يەتتە، قىرىق، يىل نەزىرلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئادەتلىرى بىردەك ئىزچىل بۇلۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مېيت سۆڭكىنى كاھىش (ساپال) ساندۇققا سېلىپ يەرلىككە قۇيۇش، مېيتنى تاش گۆرگە كۈمۈش، مېيتنى ئاستىغا ياغاچ شادا قويۇلغان گۆرگە ياتقۇزۇپ، ئۈستىگە قىزىل تۇپراق ۋە قۇم تۆكۈپ كۆمۈش، شام گۆرگە قويۇش قاتارلىق دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ قوللاندى.
ئۇيغۇرلاردا ھېيت-ئايەملەر قەدىمكى تەقۋىم (كالېندار) قائىدىلىرى بويچە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى. «نەۋرۇز» (نورۇز) بايرىمى، «كۆك مەشرىپى»، «سۇ مۈلەك» ئايەملىرى باھار-نورۇز بايرىمىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ بايرام يىراق قەدىمكى زامانلاردىن بېرى ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭغا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ كەلدى. ئۇيغۇرلار يەنە «قىزىل كۈل سەيلىسى»، «قوغۇن سەيلىسى» قاتارلىق يازلىق-كۈزلۈك بايراملارنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇددىزم مەزگىلىدە بەش يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «بۇرھان (بۇت) يۆتكەش» مۇراسىملىرى بولغان ئىدى. ئىسلامىيەتتىن كېيىن، قۇربان ھېيت، روزا ھېيت ئايەملىرى نورۇز بايرىمى بىلەن قۇشۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق بايراملىرى بولۇپ قالدى.
ئۇيغۇرلاردا يېقىنقى يىللارغىچە (يېزىلاردا ھېلىمۇ بار) قورۇ ئىگىلىكى ھەر بىر چوڭ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش ھۈجەيرىسى بولۇپ كەلدى. چۆللۈكلەر بىلەن قورشالغان ھەرقايسى بوستانلىقلار قويۇق دەرەخلەر، ئېقىن سۇلار، ئۆم ئولتۇراقلاشقان ئاھالىلەر بىلەن قاپلىنىپ قالماستىن، بەلكى ھەرقايسى قورۇلارمۇ مېۋىلىك باغ، ئۆزۈم باراڭلىرى بىلەن قاپلىنىدۇ، ئۇيغۇر قورۇلىرى نەقىشلىك دەرۋازە، پېشايۋان، ئايۋان-ساراي، ئوغۇل-قىزلار ئۆيلىرى، قازناقلار بىلەن بىر يۈرۈش قىلىنىدۇ. بەزى قورۇلار بالخانا ئۆيلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆپىنىچە ئۆيلەر گەجلەنگەن ۋاسا بىلەن جۇپ قىلىپ يېپىلىدۇ. ھەرخىل نەقەشلىك مېھراب (مەرەپ) ، تەكچە ۋە مورىلار بىلەن بېزىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكىغا ئەزەلدىن ھېرىسمەن مىللەت، ئۇلار قەدىمكى مۇراسىملار، مىلىس-مەشرەپلەر ئاساسىدا يەرلىك خەلق مۇقام-مەشرەپ-سەنەملەرنى شەكىللەندۈردى. مىلىس-مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئېتنوگرافىيە مەكتىپى، ئەخلاق-ئەقىل مەكتىپى، ناخشا-ئۇسسۇل مەكتىپى بولۇپ كەلدى. شۇ ئاساستا ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكسى «ئون ئىككى مۇقام» شەكىللەندى.
ئۇيغۇرلار خەلق فولكلورى-ئېغىز ئەدەبىياتىغا باي خەلق. ئەڭ يىراق شامانىزم ئەپسانىلىرىدىن بۇددىزم دەۋرى ھىكايەتلىرىگىچە، قەدىمكى قەھرىمانلىق رىۋايەتلىرى، ئەجداد سېغىنىش رىۋايەتلىرى بولغان، «بۆرە ھېكايىسى»، «ئوغۇز نامە»، «ئاپراسىياپ رىۋايىتى»، «چىستانى ئىلىك بەك رىۋايىتى»، «دەدە قورقۇت»، «تۇمارس»، «غېرىب-سەنەم» قاتارلىقلار بىلەن مىڭلىغان تارىخىي قۇشاقلار، لەتىپە ۋە ئەقلىيە سۆزلەر ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنىڭ ئۇلىنى سالدى. ئۇيغۇرلار خەلق ئەدەبىياتى ئاساسىدا يازما ئەدەبىيات ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات دۇردانلىرىنى ياراتتى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك سەمەرىسى «قۇتادغۇ بىلىك» تىن ئىبارەت. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئۇيغۇرلاردىكى پەلسەپىۋى، دىنىي، ئەخلاقىي، تارىخىي، ھوقۇقىي كۆز قاراشلارنى شېئىرىي تۈستە ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر روھىيەت تارىخى ۋە تەپەككۈر تارىخىنىڭ باي، رەڭدار خەزىنىسنى ھاسىل قىلدى.
ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ تەسۋىرىي سەنئەت ھېرىسمەنلىرى ئىدى. ئۇلار قىيالارغا تۇرمۇش ئوبرازلىرىنى چىكىپ، بالباللار ۋە تاش پۈتۈك (ئابىدە) لەرنى ئورنىتىپ، ئالتۇن، مىس- كۈمۈشلەردىن زىبۇ-زىننەتلەرنى ياساپ، كاھىش، قاش (قاشتېشى) تىن گۈزەل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ، تاشكېمىر سەنئىتى بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، تام رەسساملىقى، ياغاچ ئويما، تاختا سىزما، مېتال ۋە توقۇلمىلارغا رەسىم ئىشلەشتە ئالدىنقى سەۋىيەگە يەتتى. شىنجاڭدىن تېپىلغان زورو ئاستېر (ئاتەشپەرەستىلىك)، بۇددا ۋە مانى دىنىغا ئائىت تەسۋىرىي سەنئەت يادىكارلىقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ھېلىمۇ جاھان تەتقىقاتچىلىرىنى مەپتۈن قىلماقتا.
ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ تاماق مەدەنىيىتىدە مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا ئالدىنقى شۆھرەتكە ئىگە. تاماق مەدەنىيىتى بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىنىڭ يىراق تارىخىي قاتلاملىرى بىلەن ئۇنىڭ ئېرىشكەن كامالەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى بىر تەتقىقاتچى: ئۈزۈپ تاشلاپ ياكى پىچاقتا كېسىپ ئېتىلىدىغان سۇيۇقئاش بىلەن ئىنچىكە سوزۇلغان ئەشمە (لەغمەن) ئارىسىدا بىر مىڭ يىللىق مۇسۇپە ياتىدۇ، دەپ توغرا ئېيتقان ئىدى. تونۇردا ھازىرلىنىدىغان ھەرخىل تائاملار، ئۆپكە، ھېسىپ، پېتىر مانتا ۋە ئەۇراببا قاتارلىق ئۇيغۇر تائاملىرىغا ئاپرىن ئېيتمايدىغان كىشى بولمىسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرى ئىشلەپ چىقارغان ھەرخىل مەيزاب ۋە ھاراقلار ھەتتا تاڭ تەيزۈڭنىمۇ ھەيران قالدۇرغانىدى. ئۇيغۇر تائاملىرى يىپەك يولى ئوتتۇرا بەلۋېغىغا جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پىداكارانە مېھماندوستلۇق ئەنئەنىسىگە ھەسسە قوشتى. ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۆز نۆۋىتىدە ئوزۇقلۇق ۋە تېبابەت قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش بىلەن يەنە شەرق-غەرب خەلقىلىرىنىڭ ئورتاق ئىشتىھا تەلىپىگە ئۇيغۇن بولدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىنىش مەدەنىيىتى يىراق تارىخىي ئىزچىللىققا ئىگە بولۇپ كەلدى. بىز بازىرىق، قاراسۇق، ئەسكى قەلئە، كونا كروران، قەدىمكى قۇمۇل قارا دۆۋە قاتارلىق قەبرىستانلىقلار بىلەن سىكتاي- ساك سىزما يادىكارلىقلىرى، بۇددا تاشكېمىرلىرىدىكى تام رەسىملىرى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە مۇشۇ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چەت ئەل ئېتنوگرافلىرى سۈرەتكە ئالغان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ كىيىنىشلىرىدىن ئۇيغۇر كىيىم مەدەنىيىتىنىڭ تۇرمۇش، ئاتلىق يۈرۈش، جەڭ ئېھتىياجىغا لايىق بولۇشتىن تاشقىرى، يەنە غايەت زور ئېستېتىك ئالامەتلىرىگە، ھەتتا ماننىرىزملىق (زىننەت ۋازلىق) ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ھال مىلادىدىن ئىلگىرىكى جاۋلىن ۋاڭنىڭ، مىلادىنىڭ بېشىدىكى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ، شىمالىي سۇلالىلەرنىڭ، ئوتتۇرا تاڭ زامانىنىڭ «خۇركىيمى» قىزىقىش دولقۇنىنى شەكىللەندۈردى. ئۇيغۇرچە كىينىش، زىبۇ-زىننەت، ئاتقا مىنىش ۋە ساز- ئۇسسۇل، ھەتتا مەي مەدەنىيىتى نۇرغۇن شائېرلارنىڭ شېئىرىي مىسرالىرىغا ئىلھام بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر سادا-تىجارىتى كۆرۈنەرلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئەڭ يىراق ئەجدادلىرىدىن سىكتايلارنىڭ ئاتلىق-تۆگىلىك جاھانكەشتىلك ئەنئەنىسنى ئۆزلەشتۈردى. ئۇلار قاشتېشى ۋە ئالتۇن سودىسى، يىپەك يولى سادا تىجارىتىدە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن ئىران، ۋىزانتىيە ئارىسىدىكى سودىنى تىزگىنلىدى. مەشھۇر سۇدا ئاھالىسى دەپ ئاتالغان سوغدىلارنى ئۆز مىللىي تەركىبىگە سىڭدۈرۈپ، ئىران سودىگەرلىرىنى سۇندۇردى ۋە سۇڭ سۇلالىسىنىڭ سودا ۋازارىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇيغۇر سودا سارىيى قۇرۇشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن بېسىم كۆرسەتتى. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ياسىداق سودا دۇكانلىرى، مەيخانا ئېچىپ، ئۆز زېمىنىدا مال سېتىش ۋە يەرمەنكە بىلەن شۇغۇللانغۇچى «ھەتتار» لاردىن پەرقلىق ھالدا، دۆلەت، رايون ھالقىپ، يېنىك ۋە قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئېلىپ يۈرۈيدىغان خەلقئارالىق سودا كارۋانلىرى تۈزدى ۋە دۆلەت-رايونلار ئېتراپ قىلىدىغان ئالتۇن ئاقچا بىرلىكىنى ياراتتى.
ئۇيغۇر تۇرمۇش مەدەنىيىتىدە تەنتەربىيە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئوقيانى ئات ئۈستىدە ئارقىغا ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش، چېلىشىش، ئات ئويۇنى، ئات توپ (چەۋگەن توپ)، ئوغلاق تارتىشىش، ساغاردى ئويناش، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، شاھماتۋازلىق، گاگا توقماق، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە نۇرغۇنلىغان بالىلار ئويۇنلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش تىپىدىكى تەنتەربىيە مەدەنىيىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ بىر پۈتۈن ھەممە شەرتلىرى مۇكەممەل ئېتنولوگىيلىك مىللەت ئىكەنلىكى شۈبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە تۇرمۇش مەدەنىيىتى بۇ ھۆكۈمنى ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلايدۇ. ئۇيغۇرلار تېخى ئىجتىمائىي مىللەت ۋە سىياسىي مىللەت كاتېگورىيىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئەمەس.
ئۇرۇش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟
1_ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈزۈلگەن <<جەنۋە ئەھدىنامىسى>>گە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى.بۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش:ھەربى زۆرۆرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا قانۇنسىز ۋە كەڭ دائىرلىك قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە مال-مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىش؛ئەسىرلەرنىڭ قانۇنلۇق سوتلىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ؛تۇتقۇن قىلىشقاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2_ "قوراللىق تۇقۇنۇش قانۇنى"غا ئېغىر بۇزغۇنچىلق قىلىش قىلمىشى. بۇ پۇقرالارغا،خەلىق ئىشلىرغا ئىشلىتىدىغان ئەسلەھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش. ب د ت تىنىچلىق ساقلاش خادىملىرغا ھۇجۇم قىلىش . پۇقرا، خەلىق ئىشلىرىغا ئشلىتىدىغان ئەسلەھە ۋە تەبئى مۇھىتنى غايەت زور زىيانغا ئۇچىرتىش مۇمكىنچىلكى بار قىلمىش . مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلمايدىغان بىرەسمى ھەربى نىشانلارنى غايەت زور زىيانغا ئۇچىرتىش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
3_ خەلىقئارا تۈس ئالمىغان قوراللىق توقۇنۇشتا ھەرىكەتكە بىۋاستە قاتناشمىغان كىشلەرنى ئۆلتۈرۇش،خورلاش،ھاقارەتلەش قاتارلىق قىلمىشلار.
ئۇرۇش جىنايتىىنىڭ سۇبىكتى ئۇرۇش قوماندانى،پىلانلىغۇچىسى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەت،شەخىس ۋە خەلىقئارا ئاپپارات (ئاساسلىقى ب د ت خەۋىپسىزلىىك كېڭىشى)لار قانۇن بويچە خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرىز قىلسا بولدۇ. خەلىقئارا قانۇندىكى بەلگىلمىلەر بويچە ئۇرۇش جىنايتى سادىر قىلغانلارغا مەڭگۈلۇك قاماق جازاسى ياكى ئەڭ يۇقرى بولغاندا 30 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلدۇ،لىكىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ.
تۇنجى ئۇيغۇر ئولىمپىك چىمپىيونى مەھمۇد ئۆمەر
مەھمۇد بەدەلجان ئۆمەر ئوغلى 1924-يىلى ئالمۇتا شەھرىدە تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئالمۇتادا تاماملاپ تىببى ئىنىستىتۇتقا ئوقۇشقا چۈشكەن . 1941-يىلى ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى پارتلىغاندا كېڭەيش ھۆكۈمىتى ئۇنى كىروف نامىدىكى ھەربى تىببى ئۇنىۋېرستېتقا ئوقۇشقا ئېۋەتكەن .1943-يىلى بىر قولىدا داۋالاش سومكىسى يەنە بىر قولىدا قورال ئېلىپ دۇشمەن ئالدىنقى سېپىگە كىرىپ جەڭ قىلغان . ئۇلۇغ ئانا ۋەتەن سوقۇشى غەلبە قىلغاندىن كېيىن ئۇ گېرمانىيەدە ھەربى خىزمەت ئۈتىگەن . ھەربى خىزمەت ئۆتەپ بولغاندىن كىيىن كىروف نامىدىكى تىببى ئۇنىۋېرستېتتە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان ۋە 1953 -يىلى تىببى پەنلەر نامزاتلىق دېسىرتاسىيىسىنى غەلبىلىك ياقىلىغان .
1953-يىلى بىرلا ۋاقىتتا مەھمۇد ئۆمەر سوۋېت ئارمىيەسى قارغا ئېتىش كوماندىسى ۋە سوۋېت دولەتلىك قارغا ئىتىش كوماندىسىغا قوبۇللىنىدۇ . 1954 -يىلى سوۋېتلەر سايۇزى ۋە دۇنيا بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن قارغا ئېتىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ تېزلا تونىلىدۇ. 1955-يىلى بۇخارىستتا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولىدۇ . 1954 -يىلدىن 1961 -يىلغىچە 6 يىل ئۇدا س س س ر دۆلەت چىمپىيونى ، يوۋروپا چىمپىيونى ، دۇنيا چىمپىيونى بولىدۇ.
1956-يىلى مېرلبۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدال . 1960-يىلى ئىتالىيە رىم ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە يەنە بىر كۈمۈش مېدال غا ئېرىشىدۇ.
ئۇندىن باشقا ماھمۇد ئۆمەر كوماندىلار ئارا مۇسابىقىدە 5 نۆۋەت يوۋروپا چىمپىيونى ، 3 نۆۋەت دۇنيا چىمپىيونى بولغان .
ماھمۇد ئۆمەر بىلىملىك زىيالى كىشى ئىدى .ئۇيغۇرچە ۋە روس تىلىدىن باشقا يەنە نېمىسچە ۋە لاتىن تىلىنىمۇ ياخشى بىلەتتى. دۇتار چېلىپ ناخشا ئېيتىشنى تولىمۇ ياختۇراتتى . ئۇنىڭ ئىجادى نەتىجىلىرى زور بولۇپ ، پىسىخىكىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يېزىپ قالدۇرغان . ئۇنىڭ بۇ كىتاپلىرى روسىيە تىببى ئاكادىمىيىدە ساقلىنىپ يۈكسەك باھالارغا ئېرىشكەن .
1961-يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يەكشەنبىسى لېنىنگرادتا 37 يېشىدا تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان . ماھمۇد ئۆمەر توغۇرلۇق تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئېرىشەي دىسىڭىز 1982-يىلى موسكىۋادا نەشىر قىلىنغان «مەشھۇر كىشىلەر ھاياتى » ياكى « سوۋېت ئولىمپىكى » دىگەن كىتاپلاردىن مەرھۇمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى بىلىۋالالايسىز . ئۇ كىتاپ ۋە تەشۋىقات رەسىم تاختىلىرىدا مەرھۇم ماھمۇد ئۆمەرنىڭ سۈرىتى باشقا روس داڭلىق كىشىلىرى بىلەن تەڭ بىرىنجى قۇردىن 3-كىشى بولۇپ تىزىلغان .
« 20-ئەسىردىكى مەشھۇر شەخىسلەر » روسچە توپلامدىن تەرجىمە
دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەر
ـــ سىز ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولدىڭىزمۇ؟
ـــ ياق.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككەيلەن يەنە داۋاملىق بەختلىك ياشاشقا باشلىدى.
2. ئەڭ قىسقا تۇرمۇش پەلسەپىسى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە:
تېمىسى: « تۇرمۇش ».Bashlanmisi تېكىستى: تور.
3. ئەنگىلىيىنىڭ « كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى » بىر قېتىم « ئۈچ خەتلىك ھېكايە » يېزىش مۇسابىقە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئاساسىي تېكىستى:
ئىلاھ سەكراتقا چۈشتى.
4. ئەڭ قىسقا بىمەنە ھېكايە:
بىر بولكا كوچىدا كېتىۋېتىپ، قورسىقى ئاچقانلىغىنى ھېس قىلدى-دە ئۆزىنى يەۋەتتى.
5. بىر قېتىملىق ھېكايە مۇسابىقىسىدا، ئەسەرلەر چوقۇم سىياسىي، دىن، جىنسىيەت ھەم كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمە چىقىرىلدى. بۇ مۇسابىقىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ئەسەر مۇنداق يېزىلغان ئىدى:
ـــ پەرۋەردىگارىم، ئايال پادىشا ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ، بۇنى كىم قىلغاندۇ؟
6. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا ياش قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ ھېكايىسى:
ـــ ياق!
7. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا فانتازىيىلىك ھېكايە:
ئەڭ ئاخىرقى بىر يەرشارى ئادىمى ئۆيىدە ئولتۇراتتى، تۇيۇقسىز ئىشىك چېكىلدى.
8. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا شۇبھىلىك ھېكايە:
ھايات، مامات، ھايات.
9. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا خۇلاسە خاراكتېرلىق ھېكايە:
ئۇ ئۆلدى، ئۇ ئىلگىرى چوقۇم ھايات ياشىغان.
10. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا روھلاندۇرىدىغان ھېكايە:
ھېلىقى ئاقساق ئىت ئاخىرى ئامېرىكا پرىزدېنتلىقىغا سايلاندى!
11. دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا قورقۇنۇشلۇق ھېكايە:
ھۇشيار بولۇڭ، يېنىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ جەسىدى ياتىدۇ.
12. دۇنيادىكى ئەڭ كىنايىلىك ھېكايە:
چۈمۈلە زىيادە چارچاشتىن ئۆلدى، چۈمۈلە خانىش بولسا يەنىلا شۇنداق سېمىز.
13. مۇھەببەت زوراۋانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھېكايە:
تېمىسى: « كۈندە بالىنى تۇغۇشقا مەسئۇل بولىسەن دەپ ماڭا چاپلىشىۋالما، ئاندىن ئۆزۈڭ بىلەن توي قىلغۇزۇپ، ئاپاڭغا ئوخشاش ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويما »
ئالىي مەكتەپتە ئالىي ياشايمەن !
( فېلىيەتون )
ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى
گەپنى ئاۋال ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن باشلاي . ھەممىمىزگە مەلۇم ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس . لېكىن ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس . نېمە ئۈ چۈن؟؟ چۈنكى بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزگە باغلىق . بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەرقانداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان كىشىلەردىن بولالىشىڭىز كېرەك .مانا مەن ئەنە شۇنداق تەلەي ئىگىسىنىڭ بىرسىدۇرمەن . ئەمما يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتىشىڭىز كېرەككى پەقەت تەلىيىڭىزغىلا تايىنىۋالسىڭىز يەنە بولمايدۇ . ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشنى ، يۈزىڭىزنى قېلىن قىلىشنى بىلىشىڭىز تېخىمۇ زۆرۈر . چۈنكى « قېلىنلىق يېرىم دۆلەت » دېگەن قىممەتلىك ماقال – تەمسىلنى ئاتا بۇۋىلىرىمىز بىزگە بىكارغا قالدۇرمىغان .بۇ ماقال –تەمسىلنى دەل مۇشۇ جايدا ئىشلىتىمىز ... مەن دېگەن شەرتلەرنى ياخشى ئورۇنداپ ۋە تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسىلا ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈ پ كېتىشىڭىزدە چاتاق يوق . شۇڭا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ۋاقتىدا تىرىشىپ ئۈگىنىپ ئۆزىڭىزنى ئۇپراتقىنىڭىزنىڭ قىلچە پايدىسى يوق . مانا مەن ئوينىغاندا ئۈگىنىپ ھالى قالمىغان ، ئەمما ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ساۋاقداشلىرىمغا ھازىر بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ...
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم . ۋاھ ! بۇ مەكتەپنىڭ ئىچى نېمىدىگەن چوڭ ، ئوقۇتۇش بىنالىرى نېمىدىگەن ھەيۋەت . يۇرتىمىزدىكى ئاشۇ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان سىنىپلاردا ئوقۇغاندىن ، بۇ بىنالاردا ئوقۇش نېمىدىگەن راھەت . مانا مۇشۇنداق جايدا ئادەمگە قانچە كۆپ بىلىم ئۈگەن دەپ سېلىق سالسىمۇ ئادەمنىڭ ئۈگەنگۈسى كېلىدۇ- دە ؟!
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم .بۇ مەكتەپنىڭ پەتىۋاسىمۇ خېلى بار ئىكەن . لېكىن ئۇلارنىڭ :«مەكتەپتە ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار باشقۇرىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار تايىنىسىلەر ، بىز ھەممە ئىشىڭلارغا ئارلىشىۋىلىپ ئولتۇرمايمىز ...» دېگەندەك گەپلىرى ماڭا بەك خوش ياقتى .
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم . ھەش – پەش دېگۈ چە 2- 3 ئاي ئۆتۈ پ كەتتى . دەرىسلەر ناھايىتتى قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغاچقا ، باشنى ئاغرىتىپ چېكىگە يەتتى . شۇنىڭ بىلەن پات – پات دەرسلەردىن قاچىدىغان ، ئارلاپ – ئارلاپ گۈزەل شەھەرنى ئايلىنىدىغان بولىۋالدىم .
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم .ئەسلىي ھەقىقىي تەرەققىيات مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئەمەس بەلكى مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئىكەن . بۇلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەكتەپنىڭ ئىچىدە خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن ...ئەجەپ دۆتكەنمەن . جەمئىيەتتىكى ئاجايىپ تەرەققىيات ۋە ئۆمرۈمدە كۆرۈ پ باقمىغان ھەرخىل ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈ پ باشتا ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتتۇم . كېيىن بۇ تەرەققىياتلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن جەمىيەتتىن 4 - 5 دوست تۇتتۇم ... كېيىن « جان » دوستلىرىم بىلەن كۈنلىرىم ئاساسەن مۇزىكىلىق مەيخانا ، ئاۋازلىق چايخانا دېگەندەك يەرلەردە ئۆتۈشكە باشلىدى . مەكتەپتە بولسا كۈندە دېگۈدەك ھەرخىل ئىمتىھانلارنى ئېلىشقا باشلىدى . مەن غەمسىز ھالدا ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھانلارنى بېرىۋەردىم . ھەر مەۋسۈمدە 4-5پەندىن قېلىۋەردىم . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە مەكتەپتە مەيدە كېرىپ يۈرىۋەردىم .
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم .بۇ جاي شۇنچىلىك ئەركىنكىن ، بۇ يەردە سىزنىڭ يۈرۈش –تۇرىشىڭىزغا ، كېلىپ – كېتىشىڭىزغا ئارلىشىۋالىدىغان ، كۆزىڭىزگە كىرىۋالىدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن يوق . شۇ سەۋەپلىك بۇ جايدا ئۆزۈمنى ئۆزۈم باشقۇرىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى ئىشلىرىمغا ئارلىشىۋالمايدىغان بولدى . مېنى باشقۇرۇشقا ھەقىقىي ھوقۇقلۇق ئاتا- ئانام مېنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇللىقىمدىن بىخەۋەر يىراق يېزىدا يۈرىۋەردى . بارا – بارا تەتىللەردە ئاتا – ئانامنىڭ قېشىغا قايتقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى . چۈنكى بۇ شەھەرگە شۇنچىلىك ئۆزلۈشۈپ كەتتىمكى ، بۇ يەرنى ماختاپ، يۇرتۇمنى قاغاپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم .
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم . مەكتەپتىكى بەزى ساۋاقداشلىرىم ماڭا بەك ھەۋەس قىلاتتى . چۈنكى يېنىمدا ئېسىل ماركىلىق تاماكا ، كىيىنىشلىرىم كاتتا ئىدى . يەنە تېخى ھەر ھەپتىدە ياكى ھەر ئايدا يېنىمدىكى سەتەڭلەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن ، كاززاپلارنىڭ پىرىمەن ... ئەنە شۇڭلاشقا ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلاتتى ۋە مېنى دورىشاتتى .
« ۋاقىت ئاتقان ئوق » دېگەن راست گەپ ئىكەن . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى . ئوقۇشۇم پۈتتى . ئەپسۇسنارلىقى بەش يىل ئوقۇغانغا چۇشلۇق يا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمىدىم ، يا جەمئىيەتتە بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالمىدىم . مېنىڭ شۇ ئالىي مەكتەپتە ئالىي ياشىغىنىم ، ئاتا- ئانامنىڭ پۇلىنى قۇرۇق خەجلىگىنىملا قالدى . ھازىر بىكارچى بولۇپ شەھەر كوچىلىرىدا پارازىت قۇرۇتتەك يۈرىمەن ، ئۆز تەغدىرىمگە ئۆزۈ م كۈلىمەن . يۇرتۇمغا قايتىشنىمۇ ئويلاپ باقتىم ، لېكىن ئۇ يەرگە ، مېھرىبان ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىغا يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈ پ بارالايمەن ؟! ئەمدى بۇ دۇنيادا قانداق كۈن كەچۈرۈ پ ياشالايمەن ؟! ... ھەي ، ئەگەر تەڭرىم ماڭا يەنە بىرقېتىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بەرگەن بولسىدى ، ئۇ چاغدا مەن پۈتۈن ئىشلارنى باشتىن باشلىغان بولار ئىدىم . لېكىن ئەمدى بەك كېچىكتىم . كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈمگە دۈشمەن بولدى ، يۈرىگىم ھەسرەت – پىغانغا تولدى ...
دوستۇم ، يۇقىردا مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆتتىڭىز ، بەلكىم سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى ئوقۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ياش بولۇشىڭىز مۇمكىن . ئەمىسە قېنى سىز دەپ بېقىڭ ، سىز ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىڭىزنى زادى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز ؟!
يۇمۇر
چۈمۈلە سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ يىنىغا كىلىپ يۇيۇنۇۋاتقان پىلغا قاراپ
- ئەمدى سۇغا چۈشۈپ كەت. دەپتۇ
پىلنىڭ ئاچچىقى كىلىپ
-مىنىڭ كۈسىرىم يوقاپ كەتكەن، سىنى كىيىۋالدىمىكىن دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق سەن كىيىۋالماپسەن
بىر ئادەمنىڭ بىرى ئىككى ياشقا بىرى بىر ياشقا كىرگەن ئىككى بالىسى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ ئادەم ھويلىسىدا گىزىت كۆرۈپ ئولتۇرسا چوڭ بالىسى ئۆي ئىچىدە يىغلاپ كىتىپتۇ. ئۇ كىرىپ :
- نىمە بولدۇڭ بالام؟
-ئۇكام چىچىمنى تارتىپ ئاغرىتىۋەتتى.
- خاپا بولما بالام، ئۇكاڭ چاچنى تارتسا ئاغرىيدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئۇ ئادەم سىرتقا چىقىپ گىزىتىنى قولىغا ئەمدىلا ئىلىپ تۇرۇشىغا كىچىك بالىسى يىغلاپ كىتىپتۇ.
- ۋاي ئەمدى ئۇكاڭغا نىمە بولدى؟
- ئۇ ئەمدى بىلدى.
ھا ھا ھا ھا ھاھا ھاھاھاھاا
ئەگەر يۈگۈرۈپ كىلىۋاتقان ئاشۇ پىلنى پۇتلىۋەتسەم ئۇ قانچىلىك كۈلكىلىك بولۇپ قالار ھە
ئولتۇرۇش
بىر كۈنى ئورمانلىقتىكى بارلىق ھايۋاناتلار پىلنىڭ ئۆيىگە جەم بولۇپ ئولتۇرۇش قىپتۇ. بىردەم ئولتۇرغاندىن كىيىن قارىسا سورۇندا چىكىدىغانغا تاماكا يوق، پىلنىڭمۇ تاماكسى تۈگەپ قاپتىكەندۇق. ئۇنى بۇيرۇساق بولارمۇ، بۇنى بۇيرۇساق قويمىچى، دىيىشىپ ئاخىرىدا سەكسەنپۇتنى توغرا تىپىپتۇ. بۇنىڭ پۇتلىرىمۇ جىق، ئۆزىمۇ ئىشەنچلىك نىمە دەپ ئويلاپ سەكسەنپۇتقا بەش يۈەن پۇلنى بىرىپ بىر قاپ خوڭخى ئىلىپ كىلىشكە بۇيرۇپت
بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپ كىتىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ خۇمارى تۇتۇپ كىتىپ بولالماي
:-سەكسەنپۇتنى خىلى ئىشەنچلىك نىمە دىسەك ئۇمۇ بىر قويمىچى ئوخشىمامدۇ؟ ھىلىغىچە بىر قاپ تاماكىمۇ ئەكىلەلمەيدىغۇ دىيىشىپ پىلنى سىرتقا چىقىپ قاراپ بىقىشقا بۇيرۇپتۇ. پىل سىرتقا چىقىپ قارىسا سەكسەنپۇت تېخىچە ئايىغىنىڭ بوغقۇچىسىنى چىگىۋاتقۇدەك.
ئىككى بالا ئولتۇرۇپ ئۆيلىرىنى ماختاشقا باشلاپتۇ. بىرىنچىسى ؛
- بىزنىڭ ئۆيدە مىنى بەكمۇ ئەتىۋارلايدۇ. مىنى ئۆيدىكىلەر يىمىگەننى يىگۈزۈپ، كىيمىگەننى كىيگۈزۈپ باقىدۇ.
- ھەي ...... دەپتۇ ئىككىنچىسى: - سىنى بەكمۇ خارلاپتۇ. بىزنىڭ ئۆيدە يىمىگەننى ئىتقا، كىيمىگەننى دىۋانىگە بىرىدۇ.
ئۈچ يىگىت كوچا ئاپتۇبۇسىدا ئولتۇرسا چىرايلىق بىر قىز ماشىنىغا چىقىپ كەپتۇ. بۇ ئۈچ يىگىتنىڭ شۇ ھامان ئۇ قىز بىلەن تونۇشۇۋالغۇسى كەپتۇ. بىراق ئۇ قىزنىڭ ئارقا پەجىمى بوشراق ئىكەن، ماشىنىغا چىقىشىغىلا تورمۇز تۇتماي [ قىڭ ] قىلىپ قاپتۇ. بىرىنچى يىگىت دەرھال: =
- كۆپچىلىك كەچۈرۈڭلار، تاماقنى كۆپرەك يەپ قويۇپتىكەنمەن. دەپ بىشىنى ئىگىپتۇ. ئۇ قىز كۆڭلىدە مىنى قۇتقۇزۇپ قويدى دەپ ئۇ يىگىتكە تونۇشلۇق بىرىپ تونۇشۇۋاپتۇ.
ماشىنا بىر ئاز مىڭىشىغا ئۇ قىز يەنە يەل قويۇپ بىرىپتۇ. بۇ چاغدا ئىككىنچى يىگىت گۇناھنى ئۈستىگە ئىلىپ ئۇ قىزنى يەنە قۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ ۋە ئۇ قىىز بىلەن تونۇشۇۋاپتۇ. ئۈچىنچى يىگىت بولسا [ ھەي ئەمدى ماڭا پۇرسەت كەلمەيدىغان بولدى ] دەپ ئىچى پۇشۇپ ئولتۇرسا ھىلىقى قىز يەنە يەل قويۇپ بىرىپتۇ. بۇ چاغدا تەمتىرەپ كەتكەن ئۈچىنىچى يىگىت قىزنىڭ مۆرىسىگە قولىنى قويۇپ تۇرۇپ دەرھاللا
- كۆپچىلىك بۇ قىزنىڭ ئوسۇرغىنىنىڭ ھەممىسى ماڭا ھىساپ ..........
ئاغزى بىزەپرەك بىر ئوقۇتقۇچى بار ئىكەن، بىر كۈنىدە دەرسخانىدا بىر ئوقوغۇچى گەپ ئاڭلىماي ئۇنىڭ بەك ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھىلىقى ئوقوغۇچىنى ئورنىدىن تۇرغۇزپ قويۇپ ئاچچىقى بىلەن:
-ئاچاڭ بارمۇ؟ دەپ سوراپتۇ
-بار دەپ جاۋاپ بەرگەنىگەن ھىلىقى ئوقۇتقۇچى ئامالسىز :
-مىنىڭمۇ بار. دەپ گەپنى تۈگىتىشكە مەجبۇر بولۇپتۇ.
بىر بالا دوستىنى باشلاپ ئۆيىگە كەلگەنىكەن، ئۇنىڭ دوستىنى باشلاپ كىلىشىنى خالىمىغان دادىسى گەپ قىلالماپتۇ. ئۆيدە سۇيۇقئاش ئەتكەن ئىكەن. ھىلىقى بالىنىڭ دادىسى يۈشۈرۈنچە ئايالىغا مىھمانغا تۈمۈر قاچىدا ئاش ئىلىپ چىقىشنى، ئۆزىگە ئاش ئەپچىقماسلىقنى جىكىلەپ قويۇپتۇ.
ئاش ئىلىپ چىقىلغاندا ھىلىقى مىھمان ئاشنى شۇنداق ئالغان ئىكەن، قولى كۆيۈپ دەرھال جايىدا قويۇپ سەل سوۋۇغاندا ئىچەي بۇ ئاشنى دەپ ئويلاپ تۇرۇشىغا دوستىنىڭ دادىسى :
ئىچكىڭ كەلمىدى ھە بالام ، بوپتۇ، مەنلا ئىچىۋىتەي ، ئاشنى قولىغا ئاپتۇ.
ئاناڭنى ئالغۇم بار
ئىككى دوست بىر دوستىنىڭ ئۆيىگە خۇدايى مىھمان بولۇپ بىرىپتۇ. ئۆي ئىگىلىرى زاڭ ئىتىپ ئولتۇرغان ئىكەن. تاماقنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا قويۇپتۇ. زاڭ دىگەن ھەر قانچە قىزىق بولسىمۇ ھورى چىقمايدىغان تاماق بولغاچقا ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى بىر قوشۇق زاڭنى ئاغزىغا ئالغانىكەن گىلى كۆيۈپ دىماقلىرى ئىچىشىپ كۆزلىرىدىن تارام تارام ياش تۆكۈلۈشكە باشلاپتۇ. بۇنى كۆرگەن ئىككىنچىسى ئاداش نىمە بولدۇڭ، دەپ سورىسا بىرىنچىسى : ئاداش ئاپام رەھمەتلىك سوغۇق زاڭغا بەكمۇ ئامراق بولىدىغان، شۇ يادىمغا يىتىپ قالدى. دەپتىكەن ئىككىنچىسى دەرھال بۇ زاڭ سوغۇق ئىكەندە دەپ ئويلاپ ئۇمۇ ئاغزىغا بىر قوشۇق ساپتۇ. ساپتۇ - يۇ ئۇمۇ شۇنداق يىغلاپ كىتىپتۇ. بىرىنچىسى ئاداش نىمە بولدۇڭ دەپ سورىغان ئىكەن. بۇ زاڭدىن بىر قوشۇق يەپلا سىنىڭ ئاشۇ سوغۇق زاڭغا ئامراق ئاپاڭنى ئالغۇم كەپ كەتتى. دەپتۇ ئىككىنچىسى
كوچا پاراڭلىرى
كوچا پاراڭلىرى
چايخانىدا مۇنداق بىر مەنىلىك پاراڭ قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى :ا
ئا :بۈگۈنكى گېزىتنى ئوقىدىڭمۇ ؟ ئۇنىڭدا خېلى چوڭ بىر ئەمەلدارنىڭ نۇرغۇن خىيانەت قىلغانلىقى تۈپەيلى جازاغا تار تىلغانلىقى يېزىلىپتۇ . شۇنىڭغا قارىغاندا «چىرىكلىككە قارشى ھەركەت »راستىنلا چىڭ تۇتۇلغان ئوخشايدۇ !ا
ب:شۇنداق ،ئۇ ھەركەت راستىنلا چىڭ تۇتۇلدىغاندەك قىلىدۇ ،ئۇنىڭ مەنبەسى خېلى چوڭ ئىكەن ،شۇنىڭغا قارىغاندا ،ئۇ ئۈچ شەرتكە چۈشۈپ قالغان يا ھېچ بولمىغاندا ئۈچ شەرتنىڭ بىرىگە چۈشۈپ قالغان بولسا كېرەك!اب: بىرى -ئۇنىڭ ئارقا تېرىكى يوق ئوخشايدۇ ،ئىشىنىدىغان تېغى ھىممات بولمىغان گەپ .ئىككىنجسى -ئۇ ئادەم ھوقوق -ئابروي تالىشىپ يۈرۈپ ئېغىزغا چىقىپ قالغان گەپ !ا ئۈچىنجىسى-ئىچى بەك يامان ئادەم بولسا كېرەك .قولغا كىرگۈزگەن نەرسىلەرنى ،مۈشۇككە ئوخشاش ئۆزى يالغۇز چۆنتىكىگە تىقىۋېلىپ ،ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئاغزىنى ياغلىمىغان .ئۇنداق قىلسا ئەلۋاتتە باشقىلارنىڭ ئوغىسى قاينايدۇ- دە .ئۇنداق ئادەمدىن ئاخىرى چاتاق ئۇچىرماي قالمايدۇ
ئا : ھىم ،بۇ تۇغرا گەپ ، تۇغرا ئېيىتتڭلار!ا
چېقىمچى ) پاچاقچى)
چېقىمچى ) پاچاقچى)
بىر خادىم ئۆز ئىدارىسىكى بەزى ئادەملەرنىڭ خىيانەت بىلەن ،بەزى ئادەملەرنىڭ پارا بېرىش -ئېلىش بىلەن چىرىكلىشىپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ ئىچى تىتىلداپ ئىدارە باشلىقىغا پاش قىلىش خېتى يازغان ئىكەن . ئىدارا باشلىقى ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىپ مۇنداق دەپتۇ:
-تىل -يېزىق جەھەتىكى ساۋادىڭىز تولىمۇ تۆۋەن ئىكەن ،بۇنداق گەپ سۆزلىرى باغلاشمىغان ،پەش -چىكىتلىرى جايىغا قۇيۇلمىغان بىر نىمىلەرنى يېزىپ ،رەھبەرلىكنىڭ ۋاقتىنى ھارام قىلماي بۇ جەھەتتە ئوبدان ئۆگىنىڭ !!!! ....................
دوسلىرىڭنى تاشلىما
دوسلىرىڭنى تاشلىما
!-دوست-ھاياتنىڭ شۇتىسى ،ئۇنى ھەرگىز تاشلىما
! كەلسە -كەلمەس كىشىنى «دوستۇم سەن »دەپ تاشلىما
!چىن دوستۇڭنى قەدىرلەپ ،كۆزلىرىنى ياشلىما
.كىچىككىنە ئىشلارغا دوستلىرىڭدىن باتنىما
ئەگەر بىلسەڭ چىن دوستىڭ ئاچچىق ئاچچىق سۆزى بار
. ئاچىق سۆزنىڭ تېگىدە ئورۇنلۇق بىر مەنا بار
، ئاگاھ بولغىن دۈشمەندىن ،چايان كەبى زەھرى بار
! قالقىنىڭدۇر دوست دىگەن ،ئۇنى ھەرگىز تاشلىما
، چۈنشەڭ گەر دوست دىگەن ،تېپىلغۇسىز بىر ئالەم
. دوست بولغاچقا بىز ئۈچۈن كۈندە شاتلىق ،ھېيىت ئايەم
، سۆزۈم شۇدۇر قەدرىگە ،يەتكەي دوستنىڭ ھەر ئادەم
! ئايرىلغاندا چىن دوستتىن ،پۇشايمان قىلىپ زارلىما
--------------(دولقۇن731)-----------
---------------------------2007 يىل 13-ئاپرىل . -----------------
قصىزلارغا مۇنداق گەپ قىلىمىز!
قصىزلارغا مۇنداق گەپ قىلىمىز! -1-
يىگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن! قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟ يىگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە!...-2-
يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ قىز:ياق،نېمىشقا؟! يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ...
-3-
يىگىت:خانقىز خاپا بولماي 5يۇەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟ قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئېدىڭىز؟ يىگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى دەي دېگەن! قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ...
-4-
قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟ يىگىت:كەچۇرۈڭ!...مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مېجەزىم... قىز:...
-5-
يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم! قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئېدى؟ يىگىت: بۇگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويارلارسىزمۇ؟!...
-6- يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟ قىز:نېمىشقا؟ يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز...
-7
يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟ يىگىت:قەلبىڭىزگە
مەنبە رېتىم تورى
دانىشمەنلىكنىڭ دەردى
«پانىي» ۋە «باقىي» ئىبارىلىرى يۇقۇلۇپ بېرىۋاتقان ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بۇلىدىغان ئىككى سۈپەت (ئاترىبوت)، ئىككى دۇنيا مەنىسىدە تۇلاراق دىنىي كوسمولوگىيىلىك تۈس ئېلىۋالدى .
«زاھىر»ۋە «باتىن»ئىبارىلىرى كۈرۈنىدىغان سۈرەت ۋە كۈرۈنمەس ئىچكى ماھىيەت مەنىسىدە تۇلاراق دىنىي بىلىش نەزەرىيىسى قىياپىتىگە كىرىۋالدى . ,!
«ماددا» ۋە « شەكىل» ئىبارىلىرى ئارسىتوتىلدىن باشلاپ مۇقەرەر مەۋجۇدىيەت بىلەن ئۇنىڭ ھالەت (ئەراز) كۈرۈنۈش ئالماشتۇرۇشنى ئىپادىلەشتىن ، بىر دومىلاپلا «مەزمۇن» ۋە «شەكىل» كاتىگۇرىيىسىگە ئۈتۈپ كەتتى .
ئىنساننىڭ تۈرلۈك ئارىفلىقىدىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ماقامىنى نىمە دىگۈلۈك . «جاھىل» ۋە «فازىل» ئىبارىلىرىمۇ سىۋىلىزاتسىيەگە قارىتىلغان تارىخى مەنىگە بەنىت قىلىندى .
دانىشمەن _ بىلىمدان ، ئاقىل ، ئالدىن بىلگۈچى ۋە رەھىنىما ساھىبى مەنىسىدە ئۇزۇندىن ھەممە خەلقلەر مۇبارەكلەيدىغان نۇرانە نام . ھەر دەۋىرنىڭ دانىشمەنلىرى بولغان . ئۇ ، يۇقۇرىدىكلى قۇرۇلمىلارنى مۇجەسسەم ئۇپۇق قىلىپ كۆتۈرۈلگەن تەپەككۇر قۇياشى !
«دانىشمەن » ئىبارىلىرى قانداق ئىستىمال قىلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ، دانىشمەن ئۇلۇغ بىشارەتچىدۇر . دانىشمەن _ مەيلى مۇنبەردە ، دار ياغىچى ئاستىدا ياكى سەرگەردانىلىق دالاسىدا بولسۇن قۇلىدا يېڭى ئۇپۇقنى كۈتۈرۈپ تۇرغان كاھىندۇر .
دانىشمەنلىكنىڭ ئىككى ئالقىنىنى ئوچام قىلغان چىغىغا قارا ! ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە ئاتالغان يېڭى ھەقىقەت جاۋاھىرىنىڭ نۇرى چاقنايدۇ . ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۇنىڭ شەخسىي ھايات پاجئەلىرىدىن ئۇرغىغان پاك _ ئىللىق قان تاراملاپ تۈكىلىدۇ . ئۇ ، كاناي _ سۇنايلار بىلەن چۇقان كۈتۈرگەن كۇچىدا نىمە قىلسۇن . ئۇنى ناگان _ ناگانلاردا بەلكىم ئاھۇ _ پەريادلار بىلەن ياش تۆككەنلەر ئارىسىدا ئۇچىرىتالىشىڭ مۈمكىن .
دانىشمەنلىكنىڭ دەردى تۇلا ! گۈزىلىم ، ھەر بىر مۈشكۈل داۋاندا ساڭا : «ئەمدى قال!» دىگەنىدىمغۇ ! ئۇ ، ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كىچىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئازابلىرىدا ياشايدۇ !
ئۇ ، ئۆمۈرىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلىپ ، كىچە _ كۈندۈز تىنىمسىز ئەجرى _ ئەمگەك قىلىدۇ !
ئۇ ، ئۆز ھاياتىدا تەييار ئەقىدىلەر ، ئاتا مىراس قاراشلار ، ئىزچىل رىجىلەرگە چۇقۇنمايدۇ ، بەلكى قايتا مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغۇنىدۇ ، ئىككىنجى باشلىنىش ياسايدۇ . بۇ بىر ئاسىيلىق _ ئىسيانكارلىقتۇر . ساكيامونى شاھزادىلىكتىن بۇددىھالىققا ، مۇھەممەت پەيغەمبەر غەيرى مۇسۇلمانلىقتىن مۆمىنلىككە ، ماركىس گىگىلچىلىكتىن كوممۇنىزىمغا ئۆتكەن . مەنسۇر ھەللاجىمۇ ئادەتتىكى كالام تەلىماتىدىن «ئەنەلھەق»كە ئۆتتى ! دانىشمەنلەرنىڭ قايسىبىرى تاۋار _ دۇردۇنلار ئۈستىدىن ھەقىقەت دۇردانىلىرى تېپىشقان ؟!
ئۇ ، ئالدىن بىلىپ ، ئالدىن ئويغانغاچقا ، قەلبى ھايات ، لەۋزى ئادالەت ئۇتىدا كۈيۈپ ،كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ ، سۈكۈنات ئىچىدە ، نەپرەت ۋە خەيرىخالىق ئىچىدە ياشايدۇ ! ئويغاتماق ھەقىقەتەن ئېغىر ئىش ، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپنى بىئارام قىلىدۇ !
ئۇ ، سىرداشقا تەشنا ، روھى تىرەك - مۇئەككەلگە تەشنا ، ھەقىقى قەلىب ساقىيسىغا تەشنا ھالدا ، خاتا ئوبرازلاندۇرۇشلار ، رەشىك _ ھاقارەتلەر ئىچىدە مەنىۋى تەنھالىق ئازابىنى چىكىدۇ . ئۇ ، توخۇ فىرمىسىغا كىرىپ قالغاندەك ، ئۆز قۇلىدىكى ئۈنچە _ جاۋاھىراتلارنى توخۇلارنىڭ تېپىپ تاشلاپ ، سامان _ پاخاللار ئارىسىدىن دان تالىشىپ يىيىشىۋاتقان ھالىتىدىن غەمكىن بۇلىدۇ !
مانا شۇ تاپتا ، چىدامسىز مەھبۇب ، ۋاپاسىز يار _ دوستلارنىڭ يۇشۇرۇن ساتقۇنلۇقى بىلەن ئاشكارا مەسخىرىلىرى ئۆلمەس ئىبلىسنىڭ ئۆلگەن ئادەم ئەلەيھىسالام ئۈستىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ ، تەنە بىلەن بىر مەھەل تەنتەنە قىلغانلىقىدەك نەشتەرى روھىيەت ھاسىل قىلىدۇ !!! دىلبىرىم ، ھەرقانچە ھالەتتىمۇ ئۇغۇز سۈتى بىلەن باراۋەر پاك ۋە مۇقەددەس تۇنجى مۇھەببەت شارابىمنىڭ ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرما ! رەقىبلىرىمگە نەپرەتلىنىمەن . ئۇلارنىڭ پۇشتى _ جەمەتىمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇيدۇ . ئەمما ، ساڭا نەپرەتلىنىشنى دانىشمەنلىرىمدىن ئۈگەنمەك ماڭا ھار !
دانىشمەن تۈن قاراڭغۇسىدا ساڭا قېرىغان ياۋا توغراق دەرىخىدەك كۈرۈنۈشى مۈمكىن . تاڭ شولىسى ئاستىدا ئۇنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغلۇقىنى ئاڭقىرالايسەن . ھە ، ئۇ ئالتۇن سۇمرۇغ ! تەنھا ، بىراق مىليۇن _ مىليۇن يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئىنژىنىرى ! ئۇ ، دوزاق ئۇتىدا كۈيۈپ تۇرسىمۇ خالايىققا جەننەت دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى سىمائى قەيسەر ! ئۇنى ئىقلىمنىڭ يىراق ئۇپۇقىدىن ياكى مايىترى بىلەن ئىماممەدى ئاخىر زامان رىۋايەتلىرىدىن ئىزدىمە ، ئۇ ئۆز قېشىڭدا ، ئۇنىڭ روھى ئۆز ئىزىڭدا جاھان كىزىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى (1993 _ 5-6)
ئالىم - ئەدىپلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى
كەچۈرۈڭلار شىنجاڭلىقلار
كەچۈر، رەھمەت ساڭا !


