دانىشمەنلىكنىڭ دەردى

ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن


«پانىي» ۋە «باقىي» ئىبارىلىرى يۇقۇلۇپ بېرىۋاتقان ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بۇلىدىغان ئىككى سۈپەت (ئاترىبوت)، ئىككى دۇنيا مەنىسىدە تۇلاراق دىنىي كوسمولوگىيىلىك تۈس ئېلىۋالدى .
«زاھىر»ۋە «باتىن»ئىبارىلىرى كۈرۈنىدىغان سۈرەت ۋە كۈرۈنمەس ئىچكى ماھىيەت مەنىسىدە تۇلاراق دىنىي بىلىش نەزەرىيىسى قىياپىتىگە كىرىۋالدى . ,!

«ماددا» ۋە « شەكىل» ئىبارىلىرى ئارسىتوتىلدىن باشلاپ مۇقەرەر مەۋجۇدىيەت بىلەن ئۇنىڭ ھالەت (ئەراز) كۈرۈنۈش ئالماشتۇرۇشنى ئىپادىلەشتىن ، بىر دومىلاپلا «مەزمۇن» ۋە «شەكىل» كاتىگۇرىيىسىگە ئۈتۈپ كەتتى .
ئىنساننىڭ تۈرلۈك ئارىفلىقىدىن ئىلگىرىكى ۋە كىيىنكى ماقامىنى نىمە دىگۈلۈك . «جاھىل» ۋە «فازىل» ئىبارىلىرىمۇ سىۋىلىزاتسىيەگە قارىتىلغان تارىخى مەنىگە بەنىت قىلىندى .
دانىشمەن _ بىلىمدان ، ئاقىل ، ئالدىن بىلگۈچى ۋە رەھىنىما ساھىبى مەنىسىدە ئۇزۇندىن ھەممە خەلقلەر مۇبارەكلەيدىغان نۇرانە نام . ھەر دەۋىرنىڭ دانىشمەنلىرى بولغان . ئۇ ، يۇقۇرىدىكلى قۇرۇلمىلارنى مۇجەسسەم ئۇپۇق قىلىپ كۆتۈرۈلگەن تەپەككۇر قۇياشى !
«دانىشمەن » ئىبارىلىرى قانداق ئىستىمال قىلىنىشىدىن قەتئىنەزەر ، دانىشمەن ئۇلۇغ بىشارەتچىدۇر . دانىشمەن _ مەيلى مۇنبەردە ، دار ياغىچى ئاستىدا ياكى سەرگەردانىلىق دالاسىدا بولسۇن قۇلىدا يېڭى ئۇپۇقنى كۈتۈرۈپ تۇرغان كاھىندۇر .

دانىشمەنلىكنىڭ ئىككى ئالقىنىنى ئوچام قىلغان چىغىغا قارا ! ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە ئاتالغان يېڭى ھەقىقەت جاۋاھىرىنىڭ نۇرى چاقنايدۇ . ئۇنىڭ ئالقانلىرىنىڭ ئاستىدىن ئۇنىڭ شەخسىي ھايات پاجئەلىرىدىن ئۇرغىغان پاك _ ئىللىق قان تاراملاپ تۈكىلىدۇ . ئۇ ، كاناي _ سۇنايلار بىلەن چۇقان كۈتۈرگەن كۇچىدا نىمە قىلسۇن . ئۇنى ناگان _ ناگانلاردا بەلكىم ئاھۇ _ پەريادلار بىلەن ياش تۆككەنلەر ئارىسىدا ئۇچىرىتالىشىڭ مۈمكىن .
دانىشمەنلىكنىڭ دەردى تۇلا ! گۈزىلىم ، ھەر بىر مۈشكۈل داۋاندا ساڭا : «ئەمدى قال!» دىگەنىدىمغۇ ! ئۇ ، ھاياتنىڭ ساختا لەززىتىدىن كىچىپ ، ئۇنىڭ ھەقىقى ئازابلىرىدا ياشايدۇ !

ئۇ ، ئۆمۈرىنىڭ قىسقىلىقىنى بىلىپ ، كىچە _ كۈندۈز تىنىمسىز ئەجرى _ ئەمگەك قىلىدۇ !

ئۇ ، ئۆز ھاياتىدا تەييار ئەقىدىلەر ، ئاتا مىراس قاراشلار ، ئىزچىل رىجىلەرگە چۇقۇنمايدۇ ، بەلكى قايتا مۇئامىلە قىلىدۇ . ئۇ ئۆز ھاياتىدا قايتا ئويغۇنىدۇ ، ئىككىنجى باشلىنىش ياسايدۇ . بۇ بىر ئاسىيلىق _ ئىسيانكارلىقتۇر . ساكيامونى شاھزادىلىكتىن بۇددىھالىققا ، مۇھەممەت پەيغەمبەر غەيرى مۇسۇلمانلىقتىن مۆمىنلىككە ، ماركىس گىگىلچىلىكتىن كوممۇنىزىمغا ئۆتكەن . مەنسۇر ھەللاجىمۇ ئادەتتىكى كالام تەلىماتىدىن «ئەنەلھەق»كە ئۆتتى ! دانىشمەنلەرنىڭ قايسىبىرى تاۋار _ دۇردۇنلار ئۈستىدىن ھەقىقەت دۇردانىلىرى تېپىشقان ؟!
ئۇ ، ئالدىن بىلىپ ، ئالدىن ئويغانغاچقا ، قەلبى ھايات ، لەۋزى ئادالەت ئۇتىدا كۈيۈپ ،كىشىلەر بىلگەن ئامەتلەرنىڭ ئىللەتلىكىنى ئېغىزدىن چىقىرىشتىن ئەيمىنىپ ، سۈكۈنات ئىچىدە ، نەپرەت ۋە خەيرىخالىق ئىچىدە ياشايدۇ ! ئويغاتماق ھەقىقەتەن ئېغىر ئىش ، چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپنى بىئارام قىلىدۇ !
ئۇ ، سىرداشقا تەشنا ، روھى تىرەك - مۇئەككەلگە تەشنا ، ھەقىقى قەلىب ساقىيسىغا تەشنا ھالدا ، خاتا ئوبرازلاندۇرۇشلار ، رەشىك _ ھاقارەتلەر ئىچىدە مەنىۋى تەنھالىق ئازابىنى چىكىدۇ . ئۇ ، توخۇ فىرمىسىغا كىرىپ قالغاندەك ، ئۆز قۇلىدىكى ئۈنچە _ جاۋاھىراتلارنى توخۇلارنىڭ تېپىپ تاشلاپ ، سامان _ پاخاللار ئارىسىدىن دان تالىشىپ يىيىشىۋاتقان ھالىتىدىن غەمكىن بۇلىدۇ !
مانا شۇ تاپتا ، چىدامسىز مەھبۇب ، ۋاپاسىز يار _ دوستلارنىڭ يۇشۇرۇن ساتقۇنلۇقى بىلەن ئاشكارا مەسخىرىلىرى ئۆلمەس ئىبلىسنىڭ ئۆلگەن ئادەم ئەلەيھىسالام ئۈستىدىن قاقاقلاپ كۈلۈپ ، تەنە بىلەن بىر مەھەل تەنتەنە قىلغانلىقىدەك نەشتەرى روھىيەت ھاسىل قىلىدۇ !!! دىلبىرىم ، ھەرقانچە ھالەتتىمۇ ئۇغۇز سۈتى بىلەن باراۋەر پاك ۋە مۇقەددەس تۇنجى مۇھەببەت شارابىمنىڭ ھۆرمىتىنى يەرگە ئۇرما ! رەقىبلىرىمگە نەپرەتلىنىمەن . ئۇلارنىڭ پۇشتى _ جەمەتىمۇ ئۇلارنى ئۇنتۇيدۇ . ئەمما ، ساڭا نەپرەتلىنىشنى دانىشمەنلىرىمدىن ئۈگەنمەك ماڭا ھار !

دانىشمەن تۈن قاراڭغۇسىدا ساڭا قېرىغان ياۋا توغراق دەرىخىدەك كۈرۈنۈشى مۈمكىن . تاڭ شولىسى ئاستىدا ئۇنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغلۇقىنى ئاڭقىرالايسەن . ھە ، ئۇ ئالتۇن سۇمرۇغ ! تەنھا ، بىراق مىليۇن _ مىليۇن يۇلتۇزلارنى ياراتقۇچى قەلب كامالىتىنىڭ ئىنژىنىرى ! ئۇ ، دوزاق ئۇتىدا كۈيۈپ تۇرسىمۇ خالايىققا جەننەت دەرۋازىسىنى ئاچقۇچى سىمائى قەيسەر ! ئۇنى ئىقلىمنىڭ يىراق ئۇپۇقىدىن ياكى مايىترى بىلەن ئىماممەدى ئاخىر زامان رىۋايەتلىرىدىن ئىزدىمە ، ئۇ ئۆز قېشىڭدا ، ئۇنىڭ روھى ئۆز ئىزىڭدا جاھان كىزىدۇ .
مەنبە : شىنجاڭ مەدەنىيىتى (1993 _ 5-6)

没有评论: