قصىزلارغا مۇنداق گەپ قىلىمىز!

قصىزلارغا مۇنداق گەپ قىلىمىز! -1-
يىگىت:ماڭا ئىشىنىڭ،مەن چوقۇم سىزنى دۇنيادىكى ئىككىنچى بەخىتلىك ئادەمگە ئايلاندۇرىمەن! قىز:نېمىشقا بىرىنچىسىگە ئەمەس؟ يىگىت:سىزگە ئېرىشسەم ،ئەڭ بەخىتلىك ئادەم مەن بولۇپ قالىمەن-دە!...
-2-
يىگىت:يامغۇرنىڭ نېمىشقا شۇنچە قاتتىق ياغىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ قىز:ياق،نېمىشقا؟! يىگىت:سىزگە قاراپ بۇلۇتلارنىڭمۇ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ...
-3-
يىگىت:خانقىز خاپا بولماي 5يۇەن بېرىپ تۇرالارسىزمۇ؟ قىز:ئېلىڭ،نىمە قىلماقچى ئېدىڭىز؟ يىگىت:ئاپامغا تېلېفۇن بىرىپ،بۇگۈن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزنى كۆرگەنلىكىمنى دەي دېگەن! قىز:ۋىيەي،نىمە دەيدىغاندۇ...
-4-
قىز: ئادەمگە نېمىشقا بۇنچىۋالا قارايسىز،خىجىل قىلىپ؟ يىگىت:كەچۇرۈڭ!...مەن بىر سەنئەتكار گۈزەللىكتىن زوق ئېلىش مېنىڭ مەڭگۈلۈك مېجەزىم... قىز:...
-5-
يىگىت:خانقىز،مالال قىلىدىغان بولدۇم! قىز:تۈزۈت قىلماڭ،نېمە ئىش ئېدى؟ يىگىت: بۇگۈن ئىشلىرىم ئوڭغا ماڭمىغاچقا كەيپىياتىم بەك ناچار.باشقىلاردىن ئاڭلىشىمچە،گۈزەللەرنىڭ تەبەسسۇمى ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدىكەن،ماڭا قاراپ بىر قېتىم كۈلۈپ قويارلارسىزمۇ؟!...
-6- يىگىت:تازا چارچىغانسىز ھە؟ قىز:نېمىشقا؟ يىگىت:چۈنكى بىر كۈن كاللامدا ئەگىپ يۈردىڭىز...
-7
يىگىت:سىزدىن يول سوراي دېگەن، بولارمۇ؟
قىز:ئەلۋەتتە،نەگە بارماقچى ئىدىڭىز؟ يىگىت:قەلبىڭىزگە
مەنبە رېتىم تورى

没有评论: