
مەن تەكلىماكان بلوگدا «كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى» ناملىق ماقالىنى يازغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلار ماقالىدە ئېيتىلغىنى بويىچە كۈنىگە يۈز دوللارلىق كىرىم ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەمما كۆپۈنچە دوستلار يەنىلا Adsense ھىساباتى ئېلىشتا قىينالغان. ئالدىنقى قېتىم بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغاندا يەنە نۇرغۇن تورداشلار رەسىملىك بىر چۈشەندۈرۈش يېزىشنى ئېيتىپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ قېتىم پۈتۈنلەي باشتىن باشلاپ يازدىم. ئەسكەرتىدىغىنىم يەنە شۇكى ئارتۇقچە ھەركەت قىلماڭ. مەن چۈشەندۈرگەن بويىچە قىلسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Adsense ھىساباتىغا تىزىملىتالايسىز. بۇ قېتىم خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارمۇ تىزىملىتالايدۇ. قېىنى تۆۋەندىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بويچە قىلىڭ.
مەن تەكلىماكان بلوگدا «كۈندە 100 دوللار تېپىش ئۇسۇلى» ناملىق ماقالىنى يازغاندىن كېيىن نۇرغۇن دوستلار ماقالىدە ئېيتىلغىنى بويىچە كۈنىگە يۈز دوللارلىق كىرىم ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ئەمما كۆپۈنچە دوستلار يەنىلا Adsense ھىساباتى ئېلىشتا قىينالغان. ئالدىنقى قېتىم بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغاندا يەنە نۇرغۇن تورداشلار رەسىملىك بىر چۈشەندۈرۈش يېزىشنى ئېيتىپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ قېتىم پۈتۈنلەي باشتىن باشلاپ يازدىم. ئەسكەرتىدىغىنىم يەنە شۇكى ئارتۇقچە ھەركەت قىلماڭ. مەن چۈشەندۈرگەن بويىچە قىلسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا Adsense ھىساباتىغا تىزىملىتالايسىز. بۇ قېتىم خەنزۇچە بىلمەيدىغانلارمۇ تىزىملىتالايدۇ. قېىنى تۆۋەندىكى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش بويچە قىلىڭ.
Adsense ھىساباتى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. تور بەت بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر شەخسى تور بەتكە ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز تور بەت قۇرۇلغىنىغا چوقۇم ئالتە ئاي بولغان بولىشى ھەم 1-دەرىجىلىك تور نامى بولىشى كېرەك. ھەم تور بېكەتكە قويىدىغان نۇرغۇن شەرتلەر بار. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغاندا بۇنداق شەرتلەر يوق. ھەم تېز سۈرئەتتە ئالغىلى بولىدۇ. Adsense ئېلانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملىتىۋالغاندىن كېيىن ئېلان كودىنى ھەرقانداق بىر تور بېكەتكە قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Google بۇنىڭغا چەك قويمىغان. ئەلۋەتتە سىز Adsense ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلەتكەن بلوگدىن باشقا يەنە باشقا تور بەت ياكى بلوگلارغىمۇ ئېلان قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما بۇ تور بەتلەر چوقۇم Google كىلشىمىگە ئۇيغۇن، قانۇنلۇق ۋە ساغلام بولىشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا Adsense ئېلانىغا ئىلتىماس قىلىش.
بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. مەن باشتىن باشلاپ سۆزلەي. بلوگنى چوقۇم www.blogger.com دىن ئالىمىز. باشقا ھەرقانداق ئورۇندىكى ھەقسىز BSP دىن ئالغان بلوگلارغا Adsense ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلاننى باشقا بلوگلارغا قويساقمۇ بولىدۇ. ئەمما چوقۇم ئىلتىماس قىلغاندا www.blogger.com دىن ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا ھازىر قىلىدىغان ئىش دەرھال :
www.blogger.com نى ئېچىڭ.
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بلوگ ئېچىش دىگەن ئورۇننى چېكىڭ
(ئەسكەرتىش : ئەگەر سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن بىر دانە مەزكۇر ئورۇندا بلوگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەدەمنى قايتا تەكرارلاش ھاجەتسىز. ياكى باشتىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)

ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ چاغدا رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويچە تولدۇرىمىز.
ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىڭ.

ئېلخەتكە چوقۇم Gmail.com دىن ئالغان ئېلخەتنى ئىشلىتىڭ. باشقىسى بولمايدۇ.



قەتئى دىققەت قىلىڭكى : ماقالە چوقۇم خەنزۇچە يېزىلسۇن. ماقالە ھەرگىز باشقا ھىچقانداق تور بەت ياكى كىتابتىن كۆچۈرۈپ كېلىنمىسۇن. چوقۇم ئىجادىي بولسۇن. مەن سىزدىن چوڭ-چوڭ ئىلمىي ماقالە يېزىڭ دەپ تەلەپ قىلىۋاتمەيمەن. مەيلى ۋەلىسپىتىم بۈگۈن تىشىلىپ كەتتى، ئانام زۇكام بوپ قاپتۇ دىگەندەك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى بۈگۈن پالانى كىنونى كۆرۈپ مانداق تەسىرلەندىم يەي دىگەندەك تەسىراتلار بولسۇن چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. ئەگەر خەنزۇچە يازالمىسىڭىز بىلىك كۇلۇبى ياكى تەكلىماكان بلوگقا كىرىپ، ئۆزىڭىز يازماقچى بولغان مەزمۇننى ئۇيغۇرچە يېزىپ، تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى مۇراجەت قىلسىڭىز تورداشلار بىردەمدە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ.
ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 发帖 دىگەن خەنزۇچە خەتنى چېكىپ ماقالە يازىمىز، ھەر قېتىم ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ جاينى چېكىمىز. ئۇنتۇپ قالماڭ. ماقالە ئاز بولۇپ قالمىسۇن. چوقۇم 10 پارچىدىن كۆپ بولسۇن. بۇ ئون پارچە ماقالىنى بىر كۈندىلا يېزىپ بولماڭ. ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ كۈندە يېزىڭ. بۇ تېمىنى بۈگۈن ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈچ كۈن ماقالە يازغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. مەن دىگەندەك قىلمىسڭىز ئېلان ھىساباتى ئالالمايسىز. شۇڭلاشقا قەتئى شۇنداق قىلىڭ.
يەنە ئەسكەرتەي : ماقالە خەنزۇچە يېزىلسۇن. چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. باشقا جايدىن كۆچۈرۈمەڭ. ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىڭ. ئون پارچە ماقالىنى يېزىشقا ئەڭ كەم دىگەندە ئۈچ كۈن ۋاقت كەتسۇن. بىر كۈندىلا قوپۇرلغان تام ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تېمىنى ئوقۇشنى دەرھال توختىتىپ تۆتىنچى كۈنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇ ۋاقتقىچە بلوگىڭىزدا ماقالە يېزىڭ.










توغرا بولغان بولسا جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 48 سائەت ساقلىسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا سىزنىڭ ئېلان ھىساباتىڭىز تەستىقلىغانلىق ئۇچۇرى كېلىدۇ. ئەگەر سىز جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز بەلكىم تەستىقلاش ئۇچۇرى كېچىكىپرەك كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قوياي. ئەگەر تەستىقلىماسلىق ئۇچۇرى كېلىپ قالغان بولسا سىز چوقۇم مەن دىگەندەك قىلماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. قايتا مەن دىگەندەك قىلىپ قايتا ئىلتىماس قىلىڭ.
مەنبە: http://baliq.blogspot.com
没有评论:
发表评论