باشلىق بىلەن پۇقرانىڭ پەرىقى

ئەگەر پۇقرا ئىش قىلغاندا كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلغان بولسا، ئۇنىڭ ئىنكاسى ئاستابولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلغان بولسا ئۇ ئېھتىياتچان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرانىڭ ئىش قىلغىسى كەلمىگەندە ئۇ ھۇرۇن بولىدۇ؛ باشلىق ئۇنداق بولغاندا ئۇ بەك ئالدىراشلىتىن بولغان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرا ئۆز ئالدىغا تاپشۇرۇلمىغان ئىشنى قىلغان بولسا، ئۇ دەرىجىدىن ھالقىغان بولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق ئۇنداق قىلغان بولسا، ئۇ يېڭىلىق ياراتقان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرا باشلىقىغا ماسلاشقان بولسا، ئۇ خوشامەت قىلغان بولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق ئۆزىنىڭ باشلىقىغا خوشامەت قىلغان بولسا، ئۇنىڭدا ئىتتىپاقلىق روھى بولغان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرا ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرغان بولسا، ئۇ جاھىل بولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق ئۇنداق قىلغان بولسا، ئۇ پرىنسپچان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرا تىرىپ يۇقىرى ئۆرلىمەكچى بولسا، ئۆزىنى كۆرسەتكەنلىك بولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق ئۇنداق قىلغان بولسا، ئۇ باش تىقىپ كۈرەش قىلغان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرانىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ بولسا، ئۇ ياسالمىلىق بولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق ئۇنداق بولغان بولسا، ئۇ كۈچ - قۇۋۋەتكە تولغان بولىدۇ؛ئەگەر پۇقرا قىزىتىپ قىلغان بولسا، ئۇ ساختىلىق قىلغان بولىدۇ؛ ئەگەر باشلىق بىئارام بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ زىيادە چارچاپ كەتكەن بولىدۇ.....

.مەنبە: «يېڭى ھەپتىلىك گېزىتى»دىن

没有评论: