1. يېڭى دېسكىنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى: VCD پىلاستىنكىسىنى نۇر دېسكا ئوقۇغۇچ (گۇاڭچۈ) غا سالساق ئاپتۇماتىك ئېچىلىدۇ ،ئېچىلمىسا مېنىڭ كومپىيوتېرىم كۆزنىكىدىن نۇرلۇق ئوقۇغۇچ نى ئاچىمىز ، ئاچقاندا بىر قانچە ھۆججەت قىسقۇچ بار بۇنىڭ ئىچىدە نامى Mpegav بولغىنى VCD ناخشا ،كىنو ،مۇزىكا قاچىلانغان قىسقۇچ بولۇپ بىز پەقەت شۇنىلا كۆچۈرسەك بولىدۇ ،باشقىلىرىنى كۆچۈرۈش ھاجەتسىز ، كۆچۈرۈش ئۇسۇلى باشقا ھۆججەت ۋە ئۇچۇر كۆچۈرگەندە ئوخشاشلا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ قاتتىق دېسكىنىڭ بوش ئورنىغا چاپلىساقلا بىر قانچە مىنوتتا كۆچۈرىدۇ ،
2. كونا دېسكىنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى : دېسكا بەك كونا بولۇپ كوپىيوتېر ئوقۇيالمىسا ياكى پەقەتلا قويالمىسا دىمەك كۆچۈرگىلى بولمايدۇ ، دېسكا ئاز-تولا جىجالغان بولسا يۇقارقىدەك كۆچۈرۈش ئۇسۇلىدا كۆچۈرۈپ كېلىپ جىجالغان ئورۇنغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ ، بۇ چاغدا بارلىق كۆچۈرۈش ئەمەلدىن قالىدۇ ، كىنونىڭ ئاخىرى قىسمى جىجىلىپ ئۈزۈلسىمۇ باشتىن بوي كۆچۈرگىلى بولمايدۇ ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا كىنونى 超级解霸 دا ئېچىپ قويىمىز ، ئاندىن قويۇلۇش سۈرئەر كۆرسەتكۈچنىڭ ئۈستىدە تاللاش كونۇپكىسى بار ، شۇنى باسساق شۇ كونۇپكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تاللاشنىڭ باش ئاخىرىنى بەلگىلەش كونۇپكىسى چىقىدۇ ،سىز كىنونىڭ بېشىدىن تاكى جىجىلىپ ئوقۇش تەس كەلگەن نوقتىغىچە تاللايسىز ، ئاندىن يەنە سول تەرەپتە ساقلاش كونۇپكىسى بار شۇنى باسساق ساقلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ ،ئىسىم قويۇپ ساقلىساق ، MPG ھۆججەت شەكلىدە ساقلايدۇ ، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كىنونىڭ بۇزۇلغان جايلىرىنى تاشلاپ ياخشى يەرلىرىنى كۆچۈرۋالغىلى بولىدۇ ، دېسكىنىڭ %85 تىن يۇقىرى قىسمىنى ئوقۇيالىسا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كۆچۈرۈڭ ، بولمىسا بۇ ئۈزۈلۈپ كىنو بولماي قالىدۇ ، ياكى بولمىسا مۇشلىشىدىغان جايلىرىنى كۆچۈرۋالسىڭىز مۇ بولىدۇ ، 1- ئۇسۇل بىلەن كۆچۈرسىڭىز ئازراق قىينچىلىققا ئۇچرىسىلا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ ، 2- ئۇسۇلدا 超级解霸 ئەڭ زور ئىمكانىيەت بىلەن كىنو ھۆججىتىنىڭ بۇزۇق رەسىملىرىنى بۇزۇق پېتى ، ساقلىرىنى ساق پېتى كۆچۈرىدۇ ، بۇنى مۇتلەق دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ ،قالغىنىنى ئۆزىڭىز ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن جانلىق قوللانسىڭىز بولىدۇ ،
3. كۆچۈرگىلى بولمايدىغان مەخپىلەشتۈرۈلگەن دېسكىنى كۆچۈرۈش : مەخپىلەشتۈرۈش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل بولۇپ تۆۋەندە ISO شەكلىدە مەخپىلەشتۈرۈلگەن دېسكىنى كۆچۈرۈشنىڭ نەزەرىيىسىنى تۇنۇشتۇرىمىز ،
بۇ خىل ئۇسۇلدا مەخپىلەشتۈرۈلگەن دېسكىنى VCD غا سالسا نورمال قويىدۇ ،ئەمما كومپىيوتېرغا سېلىپ قارىسا ھېچنىمە يوق ياكى بىر قانچە ھۆججەتلەر بار ،بۇ ھۆججەتلەرنىڭ سىغىمى بەك كىچىك ، كۆچۈرسىمۇ قويغىلى بولمايدۇ ، بۇنداق دېسكىنى قويۇشتا 超级解霸v9 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى نۇسخىنى ئىشلىتىش كېرەك ، قويغان بىلەن كومپىيوتېرغا كۆچۈرگىلى بولمايدۇ دە ، بۇنى كۆچۈرۈشتە ISObaster يۇمشاق دېتالىنى ئىشلىتىش كېرەك ،بۇ دېتالنى توردىن تاپقىلى بولىدۇ، بەيدۇ ياكى گوگىل غا بىرلا يازسىڭىز قۇمدەك تاپىدۇ ، ISObaster نى قاچىلاپ قوزغىتىپ دېسكىنى نۇرلۇق ئوقۇغۇچقا سېلىپ شۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ دېسكىنى ئاچقىلى بولىدۇ ، ئاچسىڭىز ئەسلىدىكى يۇشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرەلەيسىز ، شۇ ھۆججەتنى شۇ يەردىلا ئوڭ كونۇپكىنى بېسىپ باشقا جايغا MPG قىلىپ ساقلىۋالغىلى بولىدۇ ، تەپسىلى ئىشلىتىلىشىنى بىر دەم ھەپىلەشسىڭىزلا بىلىۋالىسىز ،
没有评论:
发表评论