ئالىي مەكتەپتە ئالىي ياشايمەن !

ئالىي مەكتەپتە ئالىي ياشايمەن !
( فېلىيەتون )
ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى
مەن بىر ستودېنىت . ئالىي مەكتەپ ماڭا ئېسىل جەمئىيەت ، گۈزەل تەبىئەت بولۇپ تۇيىلىدۇ . بۇ تۇيغۇ ئەلۋەتتە ھەممىلا ستودېنتتا بولىۋەرمەيدۇ . پەقەت ماڭا ئوخشاش ئالىي مەكتەپتە ئالىي ياشاشنى بىلگەنلەرلا ئاندىن بۇ تۇيغۇغا كېلەلەيدۇ ۋە بۇنى ھېس قىلالايدۇ . ئەگەر سىز مېنىڭ گېپىمنىڭ تېگىگە يېتىشكە قىزىقسىڭىز مەن سىزگە بېشىمدىن ئۆتكەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى سۆزلەپ بېرەي ، سىز قۇلقىڭىزنى دىڭ تۇتۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن سۆزۈمنى ئاڭلاڭ ...

گەپنى ئاۋال ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىن باشلاي . ھەممىمىزگە مەلۇم ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس . لېكىن ئۇنچە تەسمۇ ئەمەس . نېمە ئۈ چۈن؟؟ چۈنكى بۇ سىزنىڭ تەلىيىڭىزگە باغلىق . بۇنىڭ ئۈچۈن سىز ھەرقانداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدىغان كىشىلەردىن بولالىشىڭىز كېرەك .مانا مەن ئەنە شۇنداق تەلەي ئىگىسىنىڭ بىرسىدۇرمەن . ئەمما يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتىشىڭىز كېرەككى پەقەت تەلىيىڭىزغىلا تايىنىۋالسىڭىز يەنە بولمايدۇ . ئىمتىھاندا كۆچۈرۈشنى ، يۈزىڭىزنى قېلىن قىلىشنى بىلىشىڭىز تېخىمۇ زۆرۈر . چۈنكى « قېلىنلىق يېرىم دۆلەت » دېگەن قىممەتلىك ماقال – تەمسىلنى ئاتا بۇۋىلىرىمىز بىزگە بىكارغا قالدۇرمىغان .بۇ ماقال –تەمسىلنى دەل مۇشۇ جايدا ئىشلىتىمىز ... مەن دېگەن شەرتلەرنى ياخشى ئورۇنداپ ۋە تەلىيىڭىز ئوڭدىن كەلسىلا ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈ پ كېتىشىڭىزدە چاتاق يوق . شۇڭا تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈش ۋاقتىدا تىرىشىپ ئۈگىنىپ ئۆزىڭىزنى ئۇپراتقىنىڭىزنىڭ قىلچە پايدىسى يوق . مانا مەن ئوينىغاندا ئۈگىنىپ ھالى قالمىغان ، ئەمما ئەپسۇس تولىمۇ ئەپسۇس ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمىگەن ساۋاقداشلىرىمغا ھازىر بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ ...

※ ※ ※
ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈ پ ، مېھرىبان ئاتا –ئانامدىن ئايرىلار ۋاقتىدا ، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا قىيماي كۆزۈمنى ياشلاپ ، زادى نېمە قىلارىمنى بىلمەي بېشىمنى قاشلاپ ، ئاخىرى كىندىك قېنىم تۆكۈلگەن يۇرتۇمنى تاشلاپ ، ئالىي بىلم يۇرتىغا سەپەرگە ئاتلاندىم .

ئالىي مەكتەپكە كەلدىم . ۋاھ ! بۇ مەكتەپنىڭ ئىچى نېمىدىگەن چوڭ ، ئوقۇتۇش بىنالىرى نېمىدىگەن ھەيۋەت . يۇرتىمىزدىكى ئاشۇ ئۆرۈلۈپ چۈشەي دەپ قالغان سىنىپلاردا ئوقۇغاندىن ، بۇ بىنالاردا ئوقۇش نېمىدىگەن راھەت . مانا مۇشۇنداق جايدا ئادەمگە قانچە كۆپ بىلىم ئۈگەن دەپ سېلىق سالسىمۇ ئادەمنىڭ ئۈگەنگۈسى كېلىدۇ- دە ؟!

ئالىي مەكتەپكە كەلدىم .بۇ مەكتەپنىڭ پەتىۋاسىمۇ خېلى بار ئىكەن . لېكىن ئۇلارنىڭ :«مەكتەپتە ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار باشقۇرىسىلەر، ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار تايىنىسىلەر ، بىز ھەممە ئىشىڭلارغا ئارلىشىۋىلىپ ئولتۇرمايمىز ...» دېگەندەك گەپلىرى ماڭا بەك خوش ياقتى .
ئالىي مەكتەپكە كەلدىم . ھەش – پەش دېگۈ چە 2- 3 ئاي ئۆتۈ پ كەتتى . دەرىسلەر ناھايىتتى قىيىن ھەم مۇرەككەپ بولغاچقا ، باشنى ئاغرىتىپ چېكىگە يەتتى . شۇنىڭ بىلەن پات – پات دەرسلەردىن قاچىدىغان ، ئارلاپ – ئارلاپ گۈزەل شەھەرنى ئايلىنىدىغان بولىۋالدىم .

ئالىي مەكتەپكە كەلدىم .ئەسلىي ھەقىقىي تەرەققىيات مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئەمەس بەلكى مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئىكەن . بۇلارنى نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مەكتەپنىڭ ئىچىدە خۇددى قۇدۇق ئىچىدىكى پاقىدەك بىلمەي يۈرۈپتىكەنمەن ...ئەجەپ دۆتكەنمەن . جەمئىيەتتىكى ئاجايىپ تەرەققىيات ۋە ئۆمرۈمدە كۆرۈ پ باقمىغان ھەرخىل ئالامەت ۋە كارامەتلەرنى كۆرۈ پ باشتا ھەيرانلىقتىن ياقامنى تۇتتۇم . كېيىن بۇ تەرەققىياتلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن جەمىيەتتىن 4 - 5 دوست تۇتتۇم ... كېيىن « جان » دوستلىرىم بىلەن كۈنلىرىم ئاساسەن مۇزىكىلىق مەيخانا ، ئاۋازلىق چايخانا دېگەندەك يەرلەردە ئۆتۈشكە باشلىدى . مەكتەپتە بولسا كۈندە دېگۈدەك ھەرخىل ئىمتىھانلارنى ئېلىشقا باشلىدى . مەن غەمسىز ھالدا ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپ ئىمتىھانلارنى بېرىۋەردىم . ھەر مەۋسۈمدە 4-5پەندىن قېلىۋەردىم . شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە مەكتەپتە مەيدە كېرىپ يۈرىۋەردىم .

ئالىي مەكتەپكە كەلدىم .بۇ جاي شۇنچىلىك ئەركىنكىن ، بۇ يەردە سىزنىڭ يۈرۈش –تۇرىشىڭىزغا ، كېلىپ – كېتىشىڭىزغا ئارلىشىۋالىدىغان ، كۆزىڭىزگە كىرىۋالىدىغان ئادەملەر ھەقىقەتەن يوق . شۇ سەۋەپلىك بۇ جايدا ئۆزۈمنى ئۆزۈم باشقۇرىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى ئىشلىرىمغا ئارلىشىۋالمايدىغان بولدى . مېنى باشقۇرۇشقا ھەقىقىي ھوقۇقلۇق ئاتا- ئانام مېنىڭ بۇ يەردە نېمە ئىشلار بىلەن مەشغۇللىقىمدىن بىخەۋەر يىراق يېزىدا يۈرىۋەردى . بارا – بارا تەتىللەردە ئاتا – ئانامنىڭ قېشىغا قايتقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى . چۈنكى بۇ شەھەرگە شۇنچىلىك ئۆزلۈشۈپ كەتتىمكى ، بۇ يەرنى ماختاپ، يۇرتۇمنى قاغاپ يۈرىدىغان بولۇپ قالدىم .

ئالىي مەكتەپكە كەلدىم . مەكتەپتىكى بەزى ساۋاقداشلىرىم ماڭا بەك ھەۋەس قىلاتتى . چۈنكى يېنىمدا ئېسىل ماركىلىق تاماكا ، كىيىنىشلىرىم كاتتا ئىدى . يەنە تېخى ھەر ھەپتىدە ياكى ھەر ئايدا يېنىمدىكى سەتەڭلەرنى ئالماشتۇرۇپ تۇرىمەن ، كاززاپلارنىڭ پىرىمەن ... ئەنە شۇڭلاشقا ئۇلار ماڭا ھەۋەس قىلاتتى ۋە مېنى دورىشاتتى .

※ ※ ※

« ۋاقىت ئاتقان ئوق » دېگەن راست گەپ ئىكەن . كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بەش يىل ئۆتۈپ كەتتى . ئوقۇشۇم پۈتتى . ئەپسۇسنارلىقى بەش يىل ئوقۇغانغا چۇشلۇق يا ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىسى ئالالمىدىم ، يا جەمئىيەتتە بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتالمىدىم . مېنىڭ شۇ ئالىي مەكتەپتە ئالىي ياشىغىنىم ، ئاتا- ئانامنىڭ پۇلىنى قۇرۇق خەجلىگىنىملا قالدى . ھازىر بىكارچى بولۇپ شەھەر كوچىلىرىدا پارازىت قۇرۇتتەك يۈرىمەن ، ئۆز تەغدىرىمگە ئۆزۈ م كۈلىمەن . يۇرتۇمغا قايتىشنىمۇ ئويلاپ باقتىم ، لېكىن ئۇ يەرگە ، مېھرىبان ئاتا- ئانامنىڭ ئالدىغا يۈزۈمنى قانداق كۆتۈرۈ پ بارالايمەن ؟! ئەمدى بۇ دۇنيادا قانداق كۈن كەچۈرۈ پ ياشالايمەن ؟! ... ھەي ، ئەگەر تەڭرىم ماڭا يەنە بىرقېتىم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتى بەرگەن بولسىدى ، ئۇ چاغدا مەن پۈتۈن ئىشلارنى باشتىن باشلىغان بولار ئىدىم . لېكىن ئەمدى بەك كېچىكتىم . كېيىنكى پۇشايمان ئۆزۈمگە دۈشمەن بولدى ، يۈرىگىم ھەسرەت – پىغانغا تولدى ...


※ ※ ※

دوستۇم ، يۇقىردا مېنىڭ ئالىي مەكتەپتە بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىلىرىمنى ئاڭلاپ ئۆتتىڭىز ، بەلكىم سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋە ياكى ئوقۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ياش بولۇشىڭىز مۇمكىن . ئەمىسە قېنى سىز دەپ بېقىڭ ، سىز ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىڭىزنى زادى قانداق ئۆتكۈزمەكچى بولۇۋاتىسىز ؟!

ئاپتور : شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئاخبارات - تارقىتىش ئىنىستىتۇتىدىن



没有评论: