ئۇرۇش جىنايىتى قانداق بېكىتىلىدۇ؟

ئۇرۇش جىنايىتى ئالاقىدار كونكىرىت ئۇرۇش قانۇن_نېزاملىرىغا ياكى ئۇرۇش قايدىسىگە ۋە ئۇرۇش ئىش _ھەركىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئوبېكتىپ كونكىرىت قىلمىشنى ككرسىتىدۇ.خەلىقئارا قانۇن نوقتىسىدىن قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇرۇش جىنايىتى كونكىرىت جىنايەت نامى بولماستىن،بەلكى ئومۇمىي جىنايەت نامى.ئۇ ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1_ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈزۈلگەن <<جەنۋە ئەھدىنامىسى>>گە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشى.بۇ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش:ھەربى زۆرۆرىيەت بولمىغان ئەھۋالدا قانۇنسىز ۋە كەڭ دائىرلىك قەستەن بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە مال-مۈلۈكنى ئىگىلىۋېلىش؛ئەسىرلەرنىڭ قانۇنلۇق سوتلىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ؛تۇتقۇن قىلىشقاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2_ "قوراللىق تۇقۇنۇش قانۇنى"غا ئېغىر بۇزغۇنچىلق قىلىش قىلمىشى. بۇ پۇقرالارغا،خەلىق ئىشلىرغا ئىشلىتىدىغان ئەسلەھەلەرگە ھۇجۇم قىلىش. ب د ت تىنىچلىق ساقلاش خادىملىرغا ھۇجۇم قىلىش . پۇقرا، خەلىق ئىشلىرىغا ئشلىتىدىغان ئەسلەھە ۋە تەبئى مۇھىتنى غايەت زور زىيانغا ئۇچىرتىش مۇمكىنچىلكى بار قىلمىش . مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلمايدىغان بىرەسمى ھەربى نىشانلارنى غايەت زور زىيانغا ئۇچىرتىش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
3_ خەلىقئارا تۈس ئالمىغان قوراللىق توقۇنۇشتا ھەرىكەتكە بىۋاستە قاتناشمىغان كىشلەرنى ئۆلتۈرۇش،خورلاش،ھاقارەتلەش قاتارلىق قىلمىشلار.
ئۇرۇش جىنايتىىنىڭ سۇبىكتى ئۇرۇش قوماندانى،پىلانلىغۇچىسى ۋە رەھبەرلىك قىلغۇچى. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان دۆلەت،شەخىس ۋە خەلىقئارا ئاپپارات (ئاساسلىقى ب د ت خەۋىپسىزلىىك كېڭىشى)لار قانۇن بويچە خەلىقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرىز قىلسا بولدۇ. خەلىقئارا قانۇندىكى بەلگىلمىلەر بويچە ئۇرۇش جىنايتى سادىر قىلغانلارغا مەڭگۈلۇك قاماق جازاسى ياكى ئەڭ يۇقرى بولغاندا 30 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بىرىلدۇ،لىكىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ.

没有评论: