ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ؟
ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﯘﺑﺎﮪ ﯞﻩ ﮬﺎﻻﻝ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺋﯩﺪﻩ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻳﻮﻕ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯞﻩﺗﺴﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﯩﻤﺴﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯓ، ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ، ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﻰ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ، ﻗﻪﻟﺐ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ.ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺟﻪﻣﯩﻴﺘﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﺎﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﭖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻨﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﻻﻗﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﺋﯧﺴﺘﯩﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺭﺍﻡ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺶ، ﮔﯜﺭﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﺶ،ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺵ، ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﺵ ﯞﻩ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ﮬﺎﺭﺍﻡ.
ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ
ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ "ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﻛﻪﻟﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺳﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﺧﯩﻠﻤﯘ- ﺧﯩﻞ ﺋﻮﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗ... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺌﯩﺘﯩﺪﯗ..." ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﺭﺍﻡ"... " ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﭘﺎﺳﯩﻘﻠﯩﻖ"... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻘﻰ~~~~ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺍﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺋﯘ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ:ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﺎﺋﯩﻔﻪ: ﻣﻪﺧﭙﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﻗﭽﯩﻠﯩﻖ، ﭘﺎﮬﯩﺸﻪ،ﻳﺎﻛﻰ ﺯﯨﻨﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺋﯩﻔﻪ: ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯨﮭﻨﯩﮕﻪ ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﺎﻳﻼ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﮬﺎﺭﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻼ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﺌﻰ~~ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ " ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ " ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍﮬﻼﺵ، ﺗﯧﮕﯩﮕﻪ ﭼﯚﻛﯜﺵ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ.
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻧﯧﻤﻪ ؟
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ - ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯩﺶ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎﺕ ﺗﯜﺯﯛﻣﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ؛ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭﻩ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ :" ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ" ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺯﻩﺭﺭﻩ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ " ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ" ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ...
ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﻪﺭﺩﻯ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﺍﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ: { ﺋﺎﻟﻠﮫ (ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ) ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ}
ﻣﺎﺋﯩﺪﻩ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 54- ﺋﺎﻳﻪﺕ.
ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﻪﺑﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﺑﺌﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ... ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮﻻ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﯜﺯﮔﻪ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻳﯜﺯﻧﻰ ﺧﻮﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﯨﺘﯩﺪﯗ.ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺭﯗﺱ ﻣﺎﯕﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ.ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻨﻰ
ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪﯗ... ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯨﻦ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﯨﺴﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ. ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻜﯩﺘﺘﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﯘﺭﺳﻪﻧﻠﯩﻜﻰ،ﺭﺍﮬﯩﺘﻰ ﯞﻩﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ.ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﭽﻪ - ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯗ...
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ، ﺋﺎﻗﻠﯩﻖ، ﺳﯜﺯﯛﻙ ﯞﻩ ﺳﺎﭘﻠﯩﻖ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯘﻗﭽﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺩﻩﺭﯨﺰﯨﺌﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻕ ،ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﯞﻩ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﺪﺍ، ﻛﯚﺯﻟﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﭙﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻳﯜﺭﻩﻛﻠﻪﺭ ﭼﯩﻦ - ﻳﯜﺭﻩﻛﺘﯩﻦ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯘﺭ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯘﺭ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻰ " ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺸﺘﯘﺭ".ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: ﻣﻪﻥ ﻧﯩﻜﺎﮬﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ: ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﺩﯦﮕﯩﻢ
ﻛﯩﻠﻪﺗﺘﻰ.ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﮬﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﻤﺪﺍ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﻩ ﺧﯘﺭﺳﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﯞﻩ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﻛﯚﺭﻧﻪﺗﺘﻰ، ﻟﯩﯟﯨﺪﻩ ﺑﻪﺧﺖ- ﺳﺎﺋﺎﺩﻩﺕ، ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ.ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯜﺭﻩﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﮬﻪ!... ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﺷﯘﺷﻼﺭ ﮬﻪﻗﯩﻘﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﭖ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻟﺒﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﯩﺰ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ...ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﻳﺎﻛﻰ
ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯜﻟﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﯩﻤﯘ؟ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﻩﻣﺪﯗ؟
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺳﻪﯞﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯘﻟﯟﯗﺭ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﻪﺭ - ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺑﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻮﺑﯩﻜﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ.ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﻴﺎﺗﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ، ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻮﭘﺎﻝ، ﭼﯧﭽﯩﻼﯕﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻗﻪﻟﺐ ﻟﻮﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﯞﯨﺠﺪﺍﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ
ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺑﻪﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻴﺎﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩﭗ ﯞﻩ ﭘﻪﺳﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺑﯘ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺧﺎﺗﺎ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺵ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯩﺰﮬﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﯩﺸﺎﺭﯨﺘﻰ ﯞﻩ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ،ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﯞﻩ ﻣﯘﺳﻠﯩﻢ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ :" ﺋﻪﻣﺮﻯ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺱ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﺘﯩﻦ:ﻛﯩﻢ ﺳﯩﻠﻠﯩﮕﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ؟ ﺩﻩﭖ
ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ : " ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ" ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ" ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ (ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ) ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﯩﻦ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ .ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺋﺎﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﻩﺷﻠﯩﻜﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﭖ: " ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﻢ" ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺑﯘﺧﺎﺭﻯ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﮬﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﺧﻪﺩﯨﭽﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﻪﻧﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﮬﯧﺮﯨﺲ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﻪﻙ - ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ،ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ:" ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﺪﻯ: ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎﻱ، ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ، ﻗﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺰ ﺑﺎﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺘﺘﯘﻕ، ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻰ. ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ : " ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺭﯨﺴﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ. ( ﻛﻪﻧﺰﯗﻝ ﺋﯘﻣﻤﺎﻝ، 45597 - ﮬﻪﺩﯨﺲ).ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ
ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ، ﺋﯘ : " ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺳﻪﻥ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺩﯨﻤﯩﺪﻯ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ".ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﮬﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯜﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯘﺭﻏﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯚﺳﯜﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ.
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻼﮪ ﺋﻪﻣﻪﺱ
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯓ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻦ، ﺋﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﺴﻴﺎﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﻼﮪ ﻗﯩﻠﯩﯟﯨﺌﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﻟﻪﭖ، ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: { ﺋﯧﻴﺘﻘﯩﻨﻜﻰ، « ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﯕﻼﺭ، ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﯖﻼﺭ، ﺧﻮﺗﯘﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﯘﺭﯗﻕ- ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ (ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ)، ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻝ-ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ، ﺋﺎﻗﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﻘﺎﻥ ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﯖﻼﺭ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﺩﯨﻦ، ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯞﻩ
ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﯩﮭﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻨﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ (ﻳﻪﻧﻰ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﭗ، ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪﯕﻼﺭ)، ﺋﯘ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺮﻯ (ﻳﻪﻧﻰ ﻣﻪﻛﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﺗﯩﮫ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺰﻧﻰ) ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻛﯜﺗﯜﯕﻼﺭ، ﺋﺎﻟﻠﮫ ﭘﺎﺳﯩﻖ ﻗﻪﯞﻣﻨﻰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﻙ- ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﻰ) ﮬﯩﺪﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ}ﺗﻪﯞﺑﻪ ﺳﯜﺭﯨﺴﻰ، 24- ﺋﺎﻳﻪﺕ.
ﺑﯘﺋﺎﻳﻪﺕ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﺮ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺪﯗ، ﻳﻪﻧﻰ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼﮬﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﯖﮕﻪ ﺳﻪﯞﻩﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ.ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺵ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ، :" ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺶ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻠﮫ ﻏﺎ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﻜﺮﻩﻙ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺳﻮﺭﺍﻟﺪﻯ". ﻣﯚﻣﯩﻨﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﺪﻯ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ: " ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﺷﻤﯩﮕﯩﭽﻪ ﻣﯚﻣﯩﻦ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ، ﺋﻪﺑﯘﺩﺍﯞﯗﺩ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻤﯘ
ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﺎﻻﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻯ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﺑﻮﺗﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ:" ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﻰ ﺋﯚﭼﯜﺭﯞﻩﺗﺴﻪﯓ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﯗﺟﯘﺩﻯ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻳﯩﺘﯩﻤﺴﯩﺮﺍﺷﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﭘﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﻛﯚﺗﯜﺭﯞﯦﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﯓ، ﭼﯩﺮﺍﻏﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻰ ﺋﯘﻟﻐﯘﻳﯘﭖ، ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﻰ ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺑﺎﺳﯩﺪﯗ، ﻗﻪﻟﺐ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻘﯘﻧﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚﻳﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ".ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ: " ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻗﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺴﺎ، ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺭﻭﮬﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ"ﺩﻩﻳﺪﯗﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﻐﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﺎﻙ ﺗﯘﻳﻐﯘﻏﺎ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﻳﺪﯗ... ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ، ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﯓ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ... ﺋﺎﭘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﺯ ﺋﺎﭼﻤﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮ ﻳﺎﺭ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ، ﺩﻩﯓ... ﺋﺎﭘﯩﯖﯩﺰ ﮬﯘﺷﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ
ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﭼﺎﺭﻩ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﻮﻳﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻳﻮﺭﯗﻗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ... ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﯘﺭﻯ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ...ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﻣﯘﮬﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻏﯘﻧﭽﺎ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘﺩﺍ ﺋﯜﻧﮕﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘ ﻏﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺋﻰ ﺋﺎﻟﻼﮪ، ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﯖﻨﻰ، ﺩﯨﻨﯩﯖﻨﻰ، ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ، ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ...ﺑﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻤﯘ؟ﻳﺎﺷﻼﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﯩﻞ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ؟ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ، ﺋﻮﻏﯘﺭﻟﯩﻘﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ؟... ﮬﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻪﻟﺪﻩﻙ ﺟﯩﻨﺴﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ؟... ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻧﺴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺑﻪﺩﻩﻥ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯘ؟! "ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﭘﺎﻙ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻏﺎ ﺗﺎﺟﺎﯞﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﭖ،ﺳﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﺵ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺯﯗﻟﯘﻡ! ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ؟ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻤﯘ؟...
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ- ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ-ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﯜﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ.
ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﺎﺭﺯﯗ- ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ؟ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﭽﯘ؟ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻟﯩﺪﻯ؟ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﺎﻟﯩﺪﻯ؟ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻜﻪ ﮬﻪﺟﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯞﻩﺗﺘﻰ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﺎﺭﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻨﯩﺌﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﺎﻻﻗﯩﮕﻪ ﭼﻪﻛﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﺪﻯ.ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﯩﻨﯩﻤﺰﺩﻩ، ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻱ- ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﯩﺪﻯ، ﭘﺎﻙ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﻝ ﻛﯩﻨﻮ- ﺗﯩﻠﯟﯗﺯﯗﺭ، ﻧﺎﺧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺷﯩﯟﯨﻘﺎﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﺩﻯ...
没有评论:
发表评论