ئارزۇ مەڭگۈ قانات قاقسۇن !

دۇنيادا ھېچنىمىسى يوق ئادەمنىڭمۇ ئارزۇ ئارمىنى بۇلىدۇ ."ناۋادا ئارزۇ ئارمانمۇ بولمىسا ،سەندە يەنە نېمە قالىدۇ ؟"توماس .لوۋېل .بېددوۋسىنىڭ پىكىرى ھەقىقەتەن ئۆزگۈچە ،ئۇنىڭ يۇقىرقى مەشھۇر سۆزى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە ئىلھام بەخىش ئېتىدۇ .

لېكىن بەزى كىشىلەر يۇقۇرقى ئەقلىيەدىن ھاياجانلىنىشنى بىلمەيدۇ ،ئۇلار دەل ئارزۇ ئارمىنى بولمىغان كىشىلەردۇر .ئۇلار گويا "دېرىزە سىرتىدىكى دۇنيا "ناملىق روماندىكى "ئارزۇ ئارمانمىش ! ئارزۇ ئارماننىڭ كەينىدە ئۇسساپ چاڭقىغاننىڭ نېمە ئەھمىيتى ؟ قۇلۇڭنى مىڭ سوزساڭمۇ يەتمەيدىغان ئۇنداق خىياللارغا كىم ئىشەنسۇن ؟" دەپ قارايدىغان ئېلىسقا ئوخشايدۇ .

يۈرىگىمدىكىنى دېسەم ، "ئىشقى يوق ئېشەك ،دەردى يوق كېسەك ،دېگەندەك دىلىدا ئارزۇ ئارمىنى يوق ھەم ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئىچىم ئاغرىيدۇ .چۈنكى ئۇلاردا ئۈمۈد بولمىغان ئىكەن ،كېلەچەكمۇ بولمايدۇ ،دېگەن گەپ . ئۇنداقتا كىشىلەردە قىممەتلىك ھېس تۇيغۇ ۋە ئۈمۈد ئاللىقاچان ئۆلگەن بولغاچقا ،ئۇلارنىڭ دىلى رۇشەنلىكىنى يۇقۇتۇپ بارا بارا قاتماللىشىپ ۋە خامۇشلىشىپ كەتكەن .بۇلىدۇ .

مارتىن لۇتېر كىنىگ " ئاھ ،مېنىڭ ئارمانىم (ئارزۇيۇم) ! "دەپ نەرە تارتقان ئېرىقچىلارنىڭ كۈچى يەنىلا ناھايىتى زور ئىدى .لېكىن مارتىن لوتىر باشچىلىقىدى نېگىرلارنىڭ قەلبىدە بىخلانغان بۇ ئۇلۇغۋار ئارزۇ –ئارمان ئىرىقچىلارنىڭ كۈچىدىن ئاخىرى غالىپ كەلدى . ئاخىرى قانداق بولدى دەمسەم ؟! 2009-يىلى ئوباما ئامرىكا فىدىراتسىيسىنىڭ زۇڭتۇڭى بولدى !

ئېسىڭدە بولسۇن : ھەتتا پاجىئە خارابە ئىچىدە تۇرساڭمۇ ،ئارزۇ –ئارمانلىرىڭنى ھەرگىز سۇندۇرما !!

ئارزۇ ئارمانلىرىڭ قابەھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قالمىسىلا ،ئۇسېنى نۇسرەت مەنزىلىگە يېتەكلەيدۇ .شۇڭا دىلىڭدا بىخلانغان ئارزۇلىرىڭنى ئۇدۇللۇق خاتىرلەپ مېڭىپ ئارمانىڭنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى قىممىتى ھەققىدە .ئويلان !!!!!

没有评论: