wordpressۋەblogspot ھەققىدە

خېلى بۇرۇنلا blogger بىلەن wordpressنى سېلىشتۇرۇپ بىرەر ماقالە يېزىشنى ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم ،بۈگۈن مانا ۋاقىت چىقىرىپ ئاخىرى پۈتتۈردۈم .




wordpress ئىقتىدارى ھەقىقەتەن بەك ئىلغار ! قىستۇرمىلىرى ،ئۇسلۇبلىرى بەك كۆپ ئىشلىتىدىغانلارمۇ ھەم بەك كۆپ، ئەمما ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى ئاسراش ھەققى بەك يۇقىرى . بۇيەردىكى ئاسراش ھەققى دېگەندە ، wordpress bloggerگە ئوخشاش سىزگە بېكەتنىڭ بوشلۇقىنى ئۆزى تەمىنلىمەي ، بوشلۇق تاللاش ھوقۇقىنى سىزگە بەرگەن ،شۇڭا سىز wordpressنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال phpلىق بوشلۇقتىن بىرنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەك . blogger ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ،ئەگەر سىزنىڭ بوشلۇقنىڭ بولمىسا blogspotنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ (ھازىرچە مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قۇلۇپ سېلىنغان ) ئەگەر سىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقىڭىز بولسا FTPدا ئېلان قىلىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . بېكەتنى قۇرۇش ئۈچۈن wordpress ئوخشاش بەك مۇرەككەپ ئەمەس. ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى كۆپ سەرپ قىلمايسىز ،bloggerنى تاللىسىڭىز سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت بېكەتنىڭ پارامېتىرىنى تەڭشەش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ . كۆچۈپ كېتىش ۋە كۆچۈپ كېلىش تېخىمۇ ئاددىي .

نەپسانىيەت بىلەن تولغان بۇ ئالەمدە نېمە ئىش قىلماقچى بولساڭ تەننەرخىنى ئويلاشمىساڭ بولمايدۇ . wordpressنى ئىشلىتىش ئۈچۈن php نى قوللايدىغان بوشلۇق ۋە mysqlلىق ساندان بولمىسا بولمايدۇ .bloggerگە بولسا پەقەت بوشلۇقلا بولسا كۇپايە .

bloggerگە قاچىلاش ئېلىپ بېرىش ھاجەتسىز ، ئەمما ئۆزگەرتىش بىر ئاز مۇرەككەپ ، كۆپلىگەن ئىقتىدارلىرىنى ئۆزىمىز قول سېلى تەڭشىشىمىز كېرەك . يازمىنىڭ باشقۇرۇش بىر ئاز مۇرەككەپرەك .wordpress بۇ جەھەتتەbloggerدىن ياخشى ،wordprees بېكەتنى قۇرۇش bloggerدەك ئاددىي بولمىسىمۇ ،php لىق بەت قۇرۇپ باققانلارغا بەكمۇ تەسمۇ ئەمەس .

قوشۇمچە ئىقتىدارلىرى :

bloggerنىڭ قوشۇمچىلىرى wordpressدەك جىق بولمىسىمۇ سىز قول سېلىپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق كۆزلىگەن ئارزۇ قىلغان قوشۇمچىلارنى قىستۇرالايسىز . wordpressنىڭ قىستۇرمىلىرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ ،ئەمما قىستۇرمىلارنىڭ ماسلىشىشى جەھەتتە بېكەتنىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋال دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ .

مۇقىملىق جەھەتتە :

ئەگەر wordpress ۋە blogger ئىشلەتكۈچى ئوخشاش بېكەتتىن بوشلۇق ئىشلەتتى دەيلى ،ئۇنداقتا bloggerنىڭ مۇقىملىقى ئالاھىدە يۇقىرى ،چۈنكى blogger ئىشلەتكۈچى ساندان ئۇچۇر ئامبىرى بۇزۇلۇپ كېتىش ،بوشلۇق ساتقۇچى تەرەپنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كېتىشى دېگەننى ئويلاشمىسىمۇ بولىدۇ .ئەگەر بوشلۇق تاقىلىپ قالسا ئىشقىلىپ بوشلۇقتىن ئايرىلىپ قالسا bloggerنى ئىشلەتكۈچى يەنە بىر بوشلۇقتىن بىرنى ئېلىپلا داۋاملىق يازما ئېلان قىلىشنى باشلىسا بولىدۇ . ئەمما wordpress ئىشلەتكۈچىنىڭ ساندان ئۇچۇر ئامبىرى بۇزۇلۇپ قالسا بېكەتنى نورمال ئاچالمايدۇ ،بېكەت ئارقا بېتىگە چىقالمايدۇ ............بوشلۇق ساتقۇچى قېچىپ كېتىپ ئالغان بوشلۇقىدىن ئايرىلىپ قالسىغۇ بولدى يىغلىغان بىلەنمۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان يازغان يازمىلىرىدىن قۇرۇق قالىدۇ . بىراق bloggerنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ھەم bloggerنىڭ ئاجىز يىرىدۇ . ئەگەر GOOGElنىڭ ئەزان باھالىق مۇلازىمېتىردىن چاتاق چىقىپ قالسا bloggerمۇ ئوخشاش ئەھۋالغا دۇچار بولىدۇ ( بۇنىڭدىن ئەنسىرىمەڭ ، بۇنداق بولۇش مۇمكىنچىلىكى بەك تۆۋەن )

blogger ئىشلەتكۈچىلەر ئادەتتە ھەرخىل Blogger Hacks گە بەكرەك قىزىقىدۇ ، كۈندە بېكىتىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ ،ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈپ ھۇزۇرلىنىدۇ . wordpress ئابۇنىلىرى بولسا قوشۇمچە قىستۇرمىلارغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ ، قىستۇرمىلارنى قاچىلاپلا ئىشلەتسە بولىدۇ ، بەك كۆپمۇ ۋاقىت كەتمەيدۇ .

ئادەتتە بىر تور بېكەتنىڭ googelنىڭ ئىزدەش ماتورى تەرىپىدىن سۈزۈۋېلىنىشى ئۈچۈن بىر ئىككى ھەپتە كەتسە bloggerئۈچۈن بىر ئىككى كۈن كېتىدۇ ،بەلكىم بۇ blogger GOOGELتەرىپىدىن سېۋېلىنغالىقىدىندۇر .

ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم bloggerدۇنيادىكى ئەزالار سانى ئەڭ كۆپ بلوگ سۇپىسى ،مەملىكىتىمىزدە ئۇنداق ئەمەس .چوڭ قۇرۇقلۇقتا wordpressئالدىدا تۇرىدۇ .Bloggerۋەwordpressنىڭ بەزى ئۇسلۇبلىرىنىڭ cmsلىقلىرى ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال تور بېكەت قۇرۇش ئارزۇيىڭىزغا يېتەلەيسىز .


ھازىر wordpreesۋە bloggerلارنىڭ مەخسۇس ئېچىش گۇرۇپىسى بولۇپ wordpreesنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەمىنلىگەن مەخسۇس تىل ھۆججىتى ، مەخسۇس مۇنازىرە مۇنبىرى ۋە ئۇيغۇرچە نەشرى بار.bloggerتەرەپ تېخىچە ئۇيغۇرچە تىل ھۆججىتىنى تەمىنلىمىدى .

Wordpress تەرەپنىڭ ئۇيغۇرچە بەت ئادرېسى :

http://ug.wordpress.org

قىسقىسى بۇلار بلوگ سۇپىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدى ھەم ئەڭ ياخشى !!

3 条评论:

تارىم 说...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بلوگسپوت بۈگۈن ئېچىلىپتۇ.

تارىم 说...

بلوگسپوت ئەتىگەندە ئېچىلىۋاتاتتى، ئەمدى ئېچىلمايدىغۇ. نىمە ئىش بولغاندۇ؟

دولقۇن 731 说...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
قاچان ئېچىۋېتەركىن بۇنى . ھەجەپ ئىچىم سىقىلدىغۇ " تامدىن ئارتىلىپ " كۆرۈشتىن.