
wordpress ئىقتىدارى ھەقىقەتەن بەك ئىلغار ! قىستۇرمىلىرى ،ئۇسلۇبلىرى بەك كۆپ ئىشلىتىدىغانلارمۇ ھەم بەك كۆپ، ئەمما ئەڭ چوڭ يېتەرسىزلىكى ئاسراش ھەققى بەك يۇقىرى . بۇيەردىكى ئاسراش ھەققى دېگەندە ، wordpress bloggerگە ئوخشاش سىزگە بېكەتنىڭ بوشلۇقىنى ئۆزى تەمىنلىمەي ، بوشلۇق تاللاش ھوقۇقىنى سىزگە بەرگەن ،شۇڭا سىز wordpressنى ماڭدۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال phpلىق بوشلۇقتىن بىرنى ھەل قىلىشىڭىز كېرەك . blogger ئۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ ،ئەگەر سىزنىڭ بوشلۇقنىڭ بولمىسا blogspotنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ (ھازىرچە مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدا قۇلۇپ سېلىنغان ) ئەگەر سىزنىڭ مۇقىم بوشلۇقىڭىز بولسا FTPدا ئېلان قىلىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ . بېكەتنى قۇرۇش ئۈچۈن wordpress ئوخشاش بەك مۇرەككەپ ئەمەس. ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى كۆپ سەرپ قىلمايسىز ،bloggerنى تاللىسىڭىز سىزنىڭ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت بېكەتنىڭ پارامېتىرىنى تەڭشەش بىلەنلا كۇپايىلىنىدۇ . كۆچۈپ كېتىش ۋە كۆچۈپ كېلىش تېخىمۇ ئاددىي .
نەپسانىيەت بىلەن تولغان بۇ ئالەمدە نېمە ئىش قىلماقچى بولساڭ تەننەرخىنى ئويلاشمىساڭ بولمايدۇ . wordpressنى ئىشلىتىش ئۈچۈن php نى قوللايدىغان بوشلۇق ۋە mysqlلىق ساندان بولمىسا بولمايدۇ .bloggerگە بولسا پەقەت بوشلۇقلا بولسا كۇپايە .