QQ نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ

  • يىقىنقى بىر ھەپتىدىن بىرى بىكار ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ QQ2009نىڭ كۆرۇنمە يۈزىنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم (تەخمىنەن 30% ئەتراپىدا) كۆرۈنمە يۈزى ئاساسى جەھەتتىن تەرجىمە قىلىندى

    تەرجىمە جەريانىدا بىلىك كۇلۇبىدىكى FinalFantasy نىڭ تۆۋەندىكى يازمىسىدىن


    _______________________________________________________________


    ئاۋۇ C:\Program Files\Tencent\QQ2009\I18N نىڭ ئىچىدىكى 2052 بولسا خەنزۇ تىلىنىڭ Windows دىكى locale كودى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ Microsoft Windows تىكى locale كودى 1152 (بۇ Windows Vista ۋە ئۇندىن كېيىنكى سىستېمىلاردا ئىناۋەتكە ئىگە، لېكىن مەن Windows XP SP3 RC دا يۈزەكى سىناق قىلىپ باقتىم، گەرچە Windows XP SP3 دە locale ئۇچۇرى يوق بولسىمۇ، لېكىن QQ2009 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىكەن)، شۇڭلاشقا ئەڭ ياخشىسى، ئاشۇ مۇندەرىجە ئىچىدە 1152 ناملىق تارماق مۇندەرىجىدىن بىرنى قۇرۇپ، 2052 نىڭ ئىچىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى 1152 نىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ، شۇ يەردە تەرجىمە قىلىساق توغرا بولىدۇ. ئاندىن يەنە بىر مۇھىم باسقۇچ بار، يەنى C:\Program Files\Tencent\QQ2009\I18N نىڭ ئىچىدىكى config.xml نى Notepad دە ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى <locale id="2052" /> دىكى 2052 نى 1152 غا ئۆزگەرتىمىز. شۇنىڭ بىلەن ئىش تامام. بۇ ئۇسۇل بىر قەدەر توغرا، ئىلمىي ھەمدە كەلگۈسىدىكى Windows Vista سۇپىسىدىكى قوللىنىشقا يۈزلەنگەن ئۇسۇل. ئويلىشىپ باقارسىلەر...


    يەنە بىر ئىش، ئاۋۇ CommonString.xml نىڭ ئىچىدىكى
    <String id="DEF_FONT">Tahoma</String>
    <String id="DEF_FONTSIZE">9</String>
    دىن ئىبارەت ئىككى قۇردا UI نىڭ فونتى ۋە خەت رازمېرىنى تەڭشىگىلى بولىدىغاندەك


    _______________________________________________________________


    پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىندى بۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىنغاندا ئەسلىدىكى خەنزۇتىل ھۆججىتىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرچە قوزغاتماي خەنزۇچە قوزغىتىش توغرا كەلسە \Program Files\Tencent\QQ2009\I18N مۇندەرىجە ئاستىدىكى config دىگەن xml ھۆججىتىنى ئىچىپ، ھۆججەت ئىچىدىكى تۆۋەندىكى مەزمۇندىن


    <?xml version="1.0" encoding="utf-8" ?>
    <i18n>
    <!-- 默认的语言,以主程序的优?-->
    <locale id="2052" />
    <!-- 语言文字列表 -->
    <StringBundle>
    <configfile name="PreLoadStringBundle.xml"/>
    <configfile name="StringBundle.xml"/>
    <configfile name="UrlBundle.xml"/>
    <configfile name="CommonString.xml"/>
    <configfile name="CustomFaceShortcut.xml"/>
    <configfile name="BaseStringBundle.xml"/>
    </StringBundle>
    <!-- 地区信息,目前只需要一?-->
    <Location2>
    <configfile name="LocList.xml"/>
    </Location2>
    <LangList>
    <configfile name="LangList.xml"/>
    </LangList>
    </i18n>


    قىزىل رەڭلىك مەزمۇن ئىچىدىكى 2052 نى 1152 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز ئۇيغۇرچە قوزغىلىدۇ. ئەگەر خەنزۇچە قوزغاتماقچى بولسىڭىز 1152 نى 2052 گە ئۆزگەرتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.


    خەت نومۇرىنى كىچىكلىتىشكە ئامال قىلالمىغاچقا بەزى جايلاردىكى مەزمۇن كۆزنەككە پاتماي قىلىش مەسىلىسى يۈزبەردى، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكى تۈپەيلىدىن تەرجىمىدە خاتالىقلار بولىشى تەبىئىي تورداشلارنىڭ ئەسلىدىكى خەنزۇچە مەزمۇنىغا قاراپ خاتا جايلىرىنى تۈزىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن تەرجىمە قىلىنمغان ياكى تەرجىسىمى كۆزنەككە پاتمىغان مەزمۇنلار جەھەتتە ئىخچام تەرجىمە قىلساڭلار مۇشۇ تىما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يېزىپ قويساڭلار ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمىسىگە قوشۇپ يىڭىلاپ قويىمەن!


    ھەرۋاقىت يېڭىلانغان ھۆججىتىنى تۆۋەندىكى يازمىدىن چۈشۈرۈڭ



    ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ يەشكەندىن كىيىن 1152 دىگەن مۇندەرىجىنى QQ2009نىڭ I18Nمۇندەىجە ئىچىگە كۆچۈرۈپ چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ (ئەگەر QQ2009نى cدىسكىغا قاچىلىغان بولسىڭىز c:\Program Files\Tencent\QQ2009\I18N مۇشۇ مۇندەرىجىگە ئىچىگە كۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ. قاملاشتۇرالمىسىڭىز ئىنكاس يېزىڭ)

没有评论: