سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك شەكىللىرى توغرىسىدا
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇقتۇرۇش UKIJ مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈپ، بىلىك كۇلۇبىغا چاپلاندى. ئەسلى ئۇقتۇرۇش ئۇلانمىسى: http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=446
- بۈركۈت
-------------------------
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار،
جەمئىيىتىمىزنىڭ 3-قېتىملىق فونت تۈزەش چاقىرىقى (http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=431) ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=436 دىكى تېمىدا تۆۋەندىكى ئۈچ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك پىكىرلەر بولدى:
1) خەلقئارا بىرلىككە كەلگەن كود Unicode نىڭ كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى FBEA دىن FBFB غىچە بولغان كود ئورۇنلىرىغا يالغۇز ھەرپ شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى(«ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯜ، ﺋﯥ، ﺌﯥ، ﺋﯧ، ﺋﻰ، ﺌﻰ، ﺋﯩ» دىن ئىبارەت جەمئىي 18) نى بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى؛
2) Unicode قا كىرگۈزۈلمىگەن «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) دىن ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرىگە ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ (خالىغانچە) كود ئورنى بېكىتىپ ئۇلارنى بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشۇش-قوشماسلىق مەسىلىسى؛
3) كېڭەيتىلگەن رايوننى ئىشلىتىش-ئىشلەتمەسلىك مەسىلىسى.
يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى ئەستايىدىل ئويلىشىش ئارقىلىق UKIJ مۇدىرىيىتى تۆۋەندىكىدەك قارارنى چىقاردى:
1. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرىنى ھەمزە («ئ» 0626) بىلەن خالىغان بىر سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئاساسى رايوندىكى كودىنى (تۆۋەندىكى جەدۋەلگە قاراڭ) بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلەشكە بولغاچقا؛ ھەمدە «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) ئىبارەت ئىككى قوشما شەكىللىرى Unicode ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن بولغاچقا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرى ئىشلىتىش پايدىسىز دەپ قارىلىپ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق قارار قىلىندى.
2. «ﺌﯩ» («پېئىل» دىكى) ۋە «ﺌﯧ» («باغئېرىق» تىكى) دىن ئىبارەت ئىككى ھەرپنىڭ قوشما شەكىللىرىUnicode قا كىرگۈزۈلىدىغان ھەر قانداق ھەرپ-بەلگىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتىكى بىردىنبىر ھوقۇقلۇق ئورگان بولغان «Unicode ئىلمىي جەمئىيىتى» (http://www.unicode.org) تەرىپىدىن http://www.unicode.org/charts/PDF/UFB50.pdf دىكى كود جەدۋىلىگە قوشۇلمىغاچقا ئۇلارغا ئۆزىمىز مەسلىھەتلىشىپ خالىغانچە كود بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. ھەمدە ئۇلارنىمۇ بۇندىن كېيىنكى فونتلارغا قوشماسلىق قارار قىلىندى.
3. كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپ-بەلگىلەر فونتلارنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئاپتوماتىك شەكىل تاللاشتا (باش، ئوتتۇرا، ئاخىر، يالغۇز) ئىشلىتىدىغان بولغاچقا؛ ئۇلارنى ئىشلىتىش ھەر خىل يۇمشاق دېتاللاردا ۋە توردا ئىزدەش، تەھرىرلەش ... قاتارلىق مەشغۇلاتلاردا قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان بولغاچقا ئاساسى رايوننى ئىشلىتىشنىڭ ئەۋزەللىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپ-بەلگىلەرنى بىۋاستە ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئەمما ئاساسى رايوننى قوللىمايدىغان يۇمشاق دېتاللاردا ئۇيغۇرچە تېكىستنى نورمال كۆرسىتىش ئۈچۈن كېڭەيتىلگەن رايوندىكى ھەرپلەرنى ئىشلىتىش خاتا دەپ قارالمايدۇ.
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقىرىدىكى قارارغا ھۆرمەت قىلىپ، بۇندىن كېيىن ياسايدىغان فونتلىرىغا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىلىك قوشما شەكىللىرىنى قوشماي، بۇندىن كېيىن تارقاتماقچى بولغان يۇمشاق دېتاللىرىدا 2004 -يىل 17-دېكابىر بىرلىككە كەلگەن ئۇيغۇرچە ھەرپلەر كود جەدۋىلىنى (تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ) ئاساس قىلغان ھالدا ئاساسى رايون ھەرپلىرىنى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىشىنى سورايمىز.

ھۆرمەت بىلەن،
ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىلىمى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتى
2008-يىل 6-دېكابىر
(بۇ ئۇقتۇرۇشنى باشقا تور بېكەتلەردىمۇ ئېلان قىلىپ مۇشۇ تېمىغا ئۇلىنىش قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ)

http://www.ukij.org
admin@ukij.org

没有评论:
发表评论