نوكىيا تېلفۇنىنى فورماتلاش

نوكىيا تېلفۇنىنى فورماتلاش
سىناق قىلغان تېلفۇن :n72,n80
ماسكىلدىغان تېلفۇن تىپى :نەزىريە بۇيىچە 90%نوكىيا s60سېستىمىلىق تېلفۇن

ئادەتتە تېلفۇندا ئەخلەت ھۆجەتلەر بەك كۆپ بۇلۇپ كەتكەندە ، تېلفۇن سۈرىتى بەل ئاستىلاپ كەتسە ۋە تېلفۇندا بىنورماللىق ئەھۋال يۈز بەرگەندە فورماتلاش ئېلىپ بارىمىز .فورماتلىغاندا cدېسكدىكى بارىلىق ھۆجەتلەر تازلىنىپ قايتىدىن سېستىما ئۇچۇرى كىرگۈزىلىدۇ .بۇ windowsنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ .
ئەسكەرتىدىغىنىم فورماتلاش ئالدىدا مۇھىم ھۆجەتلىرىڭىزنى ئايرىم كۆچۈرۈپ قۇيۇپ فورماتلاش ئېلىپ بېرىڭ !
فورماتلاش ئۇسۇلى ئۈچ خىل :
1.يۇمشاق فورماتلاش
تېلفۇنغا *#7370#كىرگۈزگەندىن كېيىن قولۇپ نۇمۇرىنى كىرگۈزۈپ فورماتلاش ئېلىپ بارسىڭىز بۇلىدۇ .مەخپى نۇمۇرنى ئۆزگەرتمىگەن بولسىڭىز :12345نى كىرگۈزۈڭ !(simكا مەخپى نۇمۇرى ئەمەس جۇمۇ !!)، ئاق كۆزنەك چىقىپ nokiaدەپ خەت چىقىپ 1-2مىنۇت ئىچىدە فورماتلاش تاماملىندۇ .
2.قاتتىق فورماتلاش
تېلفۇننى ئېتىپ simكا ۋە زاپاس كا(储存卡)نى ئېلىۋىتىمىز ،شۇنداقلا ماينى ئېلىۋىتىپ 1مىنۇت تۇرغۇزۇپ قايتىدىن سالمىز (پەقەت ماينىلا ) ،ئالدىراپ تېلفۇننى ئاچماڭ !!
«*»«3»«يېشىل ئۇرۇش كونۇپكىسى»نى بىراقلا بېسىپ باسقىلارنىڭ ياردىمىدە تېلفۇننى ئاچسىڭىز بۇلىدۇ ،كونۇپكىنى قۇيۇو بەرمەڭ جۇمۇ ! تاكى نوكىيانىڭ ئېچىلغاندىكى ئاۋازى ئاڭلانغانغا قەدەر !~~~~~ ھە ئەمدى قۇيۇپ بېرىپ تېلفۇننىڭ ۋاقتىنى توغۇرلىۋالسىڭىز بۇلىدۇ!
قاتتىق فورماتلاشمۇ ئاخرلاشتى !
3.يۇمتال بىلەن فورماتلاش
SystemToolsيۇمتالىنى قاچىلاپ ئىچىدىكى تاللاش تىزىملىكىدىن « فورماتلاش» نى بېسىپ فورماتلىسىڭىز بۇلىدۇ

دىققەت بۇ ماقالە پەقەت دولقۇن731مەھەللىسىگە تەۋە ،باشقىلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە رۇقسەت يوق! ئەمگىكىمنى ھۆرمەت قىلىڭ!!`

没有评论: