ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن دىگەن نىمە ؟
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇن PDA دەپ ئاتىلىدۇ ،ئۇنىڭ ئادەتتىكى يانفۇنلاردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى :
ئادەتتىكى يانفۇنلاردا ،تېلفۇن ئۇرغىلى ۋە قوبۇل قىلىغىلى بولىدۇ،ئۇچۇر يوللاش قوبۇل قىلىش ،تورغا چىقىش (GPRS ئارقىلىق)
تېلفۇن نومۇرنى ساقلاش ،ئويۇن ئويناش ،يانفۇننىڭ بىر قىسىم كۆرۈنشلىرى ۋە ئىقتىدارلىرنى بەلگىلەش ئىقتىدارى بولىدۇ ،ھەمدە چەكلىك مىقداردا
بىر قىسىم نەرسىلەنى ( ئويۇن ،ناخشا مۇزىكا ) قاچىلاپ ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ .ئەمما بۇ ئىقتىدارلانىڭ ھەممىسى ،چوقۇم يانفۇن ئىشلەپ چىقارغۇچىلار بەلگىلىگەن ،
ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزگەرتەلمەيدۇ،ئىشلەتكۈچىلەر ھىچقانداق ئىككىلەمچى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلمەيدۇ ،ياكى يانفۇننىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتەلمەيدۇ .
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇندا يۇقارقى يانفۇننىڭ بارلىق ئىقتىدارى بار ،ھەمدە ئىشلەتكۈچىلەر بەزى ئىقتىدارلىرىنى كېڭەيتەلەيدۇ، ۋە ئىككىلەمچى يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلتەلەيدۇ .
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلار نۇرغۇن بۇيرۇقلارنى ئاپتورماتىك ئىجرا قىلالايدۇ ،ۋە پەرق ئېتەلەيدۇ ،مەسلەن : ئادەتتىكى يانفۇندا
0991-8282828 دىگەن بىر نومۇرغا تېلفۇن قىلماقچى بولسڭىز ،چوقۇم شۇ نومۇرنى بېسىشىڭىز كېرەك ،ئارتۇق بېسىپ قويسڭىز نومۇر خاتا دەيدۇ ،
ئەمما نۇرۇغۇن ئەقلى ئىقتىدارلىق ( ياكى قىسمەن ئەقلى ئىقتىدارلىق ) يانفۇنلاردا بۇ نومۇرنى تولۇق باسقاندىن باشقا يەنە ئارتۇق نومۇر بېسىپ قويسڭىزمۇ ئۇلىنۋېرىدۇ ،
يانفۇن ئاپتورماتىك سىز قوشۇپ قويغان نومۇرنى تورغا يوللىمايدۇ .
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنغا كۆپلىگەن كوپيوتېردا ئىشلىتىدىغان يۇمشاق دېتاللارنمۇ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ
مەسلەن : نوكىيا 6680 6681 ۋە 6600 قاتارلىقلار
بۇ يانفۇنلارنىڭ ئەسلىدىلا real one player قاچىلانغان بولۇپ ،كومپيوتېردىكى rm ھۆججەتلىرىنى بىۋاستە قويالايدۇ( سۈرەت چوڭلۇقۇغا چېكى بار)
بۇنداق ئىقتىدار ئادەتتىكى يانفۇندا بولىشى مۇمكىن مەسلەن mp3. mp4 3gp ھۆججەتلىرىنى قويالايدىغان يانفۇنلار بار ،ئەمما سىز پەقەت بەلگىلەنگەن ھۆججەتنىلا قويالايسز
باشقا نەرسىلەرنى قاچىليالمايسز
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنغا مەسلەن 6680 6681 6600 قاتارلىقلارغا
windows media player ( يانفۇن ئۈچۈن ئىشلەنگىنى windows audio player) قاتارلىق قويغۇچلارنى قاچىلاپ ،wma,mp3 wmv قاتارلىق ھۆججەتلەرنى قويالايسىز
ۋە msn ,QQ ,Googletalk, yahoo messenger قاتارلىق پاراڭلىشىش قورالىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز ( يانفۇن ئۈچۈن ئىشلەنگەن ،كىچىكلىتىلگەن نۇسخلىرى بار )
ئەقلى ئىقتدارلىق يانفۇنلار يەنە يېزىق بىر تەرەپ قىلىش قوراللىرىنىمۇ قوللايدىغانلىرى بولۇپ ،مەسلەن يۇقىرىدا مەن تىلغا ئالغان يانفۇنلاردا
pdf word ھۆججەتلىرىنى ئوقۇشقا ۋە ئوقۇيدىغان قورالنى قاچىلاپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
كامېراسىنىڭ ئىېنىقلىق دەرىجسىنى يۇقرى كۆتىرەلەيسىز ! گەرچە زاۋۇتتى چىققاندا 30تۈمەن ئېنىقلىقتا بولسىمۇ سىز يۇمشاق دېتالنىڭ نەشىرىنى يېڭىلاش ئارقىلىق
230 تۈمەن قىلالايسىز !
ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلارغا يەنە ، لۇغەت ،ئېلىكترونلۇق كىتاب قاتارلىق قوراللارنى قاچىلاپ ،ئىلىكترونلۇق لۇغەت ۋە ئۆگىنىش سورۇنىغا ئايلاندۇرالايسىز
( ئەگەر نوكىيا ماركىلىق يانفۇنغا قاچىلايدىغان لۇغەت لازىم بولسا مېنى ئىزدەڭلار ،تەپسىلى دەپ بېرىمەن ،مەندە ئوكسفورد لۇغىتى ،كىچىك ،ئوتتۇرا ،چوڭ نۇسخىلىرى ،
يەنى يانفۇنغا قاچىلايدىغان نۇسخىسى بار)
بۇ ئىقتىدارلارنىڭ ھەممىسى ئەلۋەتتە بارلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفۇنلاردا بولىۋەرمەيدۇ ،شىركەتنىڭ خېرىدار نىشانىغا ئاساسەن لاھىلەنگەن ھەرخىل ئەقلى ئىقتىدارلىق
يانفۇنلارنىڭ كېڭەيتكىلى بولىدىغان ئەقلى ئىقتىدارى ئوخشاش بولمايدۇ
 
2 条评论:
Ulanma qoshup qoydum, rehmet sizge!
Ulanmingiz "http://eynek.uzblog.cn" da.
发表评论