Blog*Spot قا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇب قاچىلاش ئۇسۇلى

نۇرغۇنلىغان بىلوگداشلار تېخىچە بىلوگ*سپوتققا قاندا ئۇسلۇپ قاچىلايدىغانلىقىنى بىلمەي ئۇسلۇپ قاچىلاشنى راسىملىك ئۆگۈتۈش قىلىپ چىقىرىپ قۇيۇشىمنى ئېتتى  مۇشۇ مۇناسىۋات بىلەن  تەكلىماكان بىلوگىدا خېلى  بۇرۇن مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىرتىمىنىڭ بارلىقى ئېسىمگە كېلىپ يوللاپ قويدۇم ، بىلمىگەنلەر پايدىلنارسىلەن ،

بىلوگ*سپوتتا  بلوگ ئۇسلۇبلىرىنى مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە قاچىلايسىز.. ئاۋال چۈشەندۈرۈشۈمگە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن بلوگ ئارقا سەھنە تىلىنى «خەنزۇچە - ئاددى» (中文-简体) غا تەڭشىۋېلىڭ. ياكى ئېنگلىزچە بولسىمۇ مەيلى.
www.blogger.com دىن ئۆزىڭىزنىڭ ھىساباتىغا كىرىڭ. ۋە ئارقا سەھنىدىن سىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان بلوگنىڭ «ئۇسلۇب» ياكى خەنزۇچە 布局 ياكى ئېنگلىزچە layout تۈرىنى تاللاڭ. چەككەندىن كېيىن تۆت تارماق تۈر ئېچىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىن «Html ئۆزگەرتىش» (修改 HTML / Edit Html) دىگەننى چېكىڭ. بۇ چاغدا كود رايونى ئېچىلىدۇ. بىر نەچچە سېكونتتىن كېيىن بەت يېڭىلانغاندا «ئېچىش (浏览)» دىگەن ئورۇندىن كومپيوتېرغا چۈشۈرگەن ئۇسلۇبنى تاللايسىز.تۆۋەندىكى رەسىمگە دىققەت قىلىڭ.

ئاندىن «قاچىلاش (上传)» نى بېسىپ، بەتنىڭ ئوڭ ئاستى تەرەپتىكى «ئۇسلۇبنى ساقلاش» دىگەن كونۇپكىنى بېسىۋەتسىڭىزلا بولدى.شۇنىڭ بىلەن بلوگگېرنىڭ ئالدى بېتى تولۇق ئۇيغۇرچىلىشىدۇ. رەسىملىك چۈشەندۈرۈشتىكى نومۇر قويۇلغان رەت تەرتىپكە دىققەت قىلىڭ. 1-دىن باشلاپ مەشغۇلات قىلىڭ
دىققەت : بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئۇسلۇبلارنى بۇندىن كېيىنكى يازمىلاردا تەمىنلەيمىز. بۇ ماقالە پەقەت كېيىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارنى قاچىلاشقا ئاسانلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن يېزىلدى.
ئاددى خۇلاسە :
1. www.blogger.com دىن بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىڭ
2. «ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بېتىگە كىرىڭ»
3. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كومپيوتېردىكى ئۇسلۇبنى تاللاپ قاچىلاڭ
4. ئۇسلۇبنى ساقلاڭ.
ئاپتور : تەكلىماكان

没有评论: