YouTubeجۇڭگۇدا قۇلۇپلاندى


YouTubeجۇڭگۇدا تاقالدى ، جۇڭگۇ ھۆكىمىتى نىمىشقا نىڭ جوڭگۇدا ئېچىلىشىنى تاقىۋىتىدۇ ؟!
گوگىل (YouTube*نىڭ خوجايىنى)YouTube*نىڭ جۇڭگۇدا قۇلۇپلانغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى ،ئەمما شىركەت تەرەپ نىمە سەۋەبدىن ئۇنداق بولغانلىقىنى بىلىلەلمىگەن . گوگىلنىڭ باياناتچىسى «بىز نىمە ئۈچۈن قۇلۇپلانغانلىقىنى بىلمەيمىز ،جۇڭگۇ ئابونىتلىرىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن ھازىر تىرىشىپ ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۋاتىمىز » دىگەن .
گوگىل تەرەپنىڭ قارىشىچە  جوڭگۇ ھۆكىمىتى YouTubeقەستەن تاقىۋەتكەن ،ئۇ باياناتچى  :«ئىلگىرى بىر قىسىم فلىملەرنىلا قۇلۇپلىناتتى ،ئەمما ھازىر پۈتۈن بەتنى قۇلۇپلىۋەتتى دىگەن . »
قىزىقارىقى جوڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكنىڭ بىر ئەمەلدارى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا :«جوڭگۇ توردىن قورقۇپ قالمايدۇ ، ئەمەلىيەتتە جۇڭگۇ ھەرخىل ئۇچۇر ۋە سانلىق مىقتارلارنىڭ ئالمىشىنى قارشى ئالدۇ » يەنە «نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە جوڭگۇ ھۆكىمىتى توردىن قورقىدۇ دەپ قارايدۇ »دىگەن .
باياناتچىسى «جوڭگۇدا تور ئالماشتۇرۇش بەك كەڭ ئېچىۋىتىلگنلىكى ئۈچۈن قانۇننىڭ يىتەكلىشىگە ۋە خەتەرلىك ئۇچۇرلانىڭ تارقىلىشىغا ،دۆلەتتنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىشىغا قارتا باشقۇرۇش ئېلىپ بېرىش كىرەك .» بۇ گەپلەردىن كۆرۈپ چىقىشقا بۇلدىكى بەزى گەپلەر زىدىيەتلىك .YouTubeنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا نەزەر سالدىغان بولساق جوڭگۇ ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم YouTubeنى قۇلۇپلىغان . بىر كىشى ئۈچۈنجى ئايدىكى «تىبەت قالايمىقانچىلقى »سىن فلىملىرى چىقارغانلىق تەرىپىدىن ئۇ تور ھۆكۈمەت تەرپىدىن يەنە بىر قېتىم دەرھال تاقالغان .  يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە جوڭگۇ تەرەپ كۆپ قېتىم گوگىل خەۋەرلىرى ،Flickr ،...قاتارلىق تور بىكەتلىرىنى قۇلۇپلىغان . ئەممە ئولىمپىكنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا بەرگەن « تورنى قۇلۇپلىماسلىق » ۋەدىس(بۇنى چەتئەل مۇخبىرىغا بەرگەن)گە قانچىلىك داۋاملىشار دىسەك يېقىندا بۇنىڭ جاۋابى چىقتى ئەمەسمۇ ؟ ITunesۋە AMAZON,Godaddy قوغلاندى .
مېنىڭچە YouTube پات يېقىندا يەنە ئېچىلدۇ ،چۈنكى  ئۇ ئەڭ چوڭ ھەم ئەڭ ئابرويلۇق سىن يوللاش بېتى .

1 条评论:

سەردار تور تۇراسى 说...

بولسا دىگىنىڭىز بولسۇن بۇرادەر